21-نويابىر خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىدىن يېڭى ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرۈلۈشىنى، «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش» ۋە «دېھقانلارنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى» دەپ ئاقلىغان.
يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى «شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق ۋە يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى» دەپ ماختىغان. ئۇ سۆزىدە يەنە «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيەلەردە كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى»، بۇنىڭ «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىختىساس ئىگىلىرى، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە ۋە تەشكىلىي جانلىنىشىنى ئالغا سۈرۈشتىكى زور تەرەققىيات» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دائىرىلەر 19-نويابىردىن 22-نويابىر كۈنىگىچە يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى ۋە ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى»، «شىنجاڭ مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق جايلاردا «ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلدى» تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرغان.
بۇ سۆھبەت يىغىنلىرى ھەققىدە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، يىغىندا «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى غەرب كۈچلىرىنىڭ ‹شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت› دېگەن يالغانچىلىقىغا زەربە بېرىلدى» دېگەن.
تۇرپاندا ئېچىلغان يىغىندا، تۇرپان شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى رابىيە لېتىپ سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك دېگىنى ئاساسسىز تۆھمەت!» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ، «ئۆزىنىڭ قوشنىسى ئامىنە ئېلىنىيازنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايونغا كۆچكەندىن كېيىن، ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلەۋاتقانلىقى، ئامىنەنىڭ ئوغلىنىڭ بىر تېلېفون رېمونت دۇكىنى ئاچقانلىقى» نى نەقىل ئالغان. ئۇ: «بۇ ئائىلىنىڭ ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقى ئامىنەگە ئوخشاش ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلىشىدە، باراۋەر ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىپ باياشات ياشاۋاتىدۇ» دېگەن.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا «ئاقسۇ كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئېرشاتجان ئەمەت سۆز قىلىپ، ئۆزى ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاچىتاغ يېزىسى توقسۇنتېتىر كەنتىدە ئىككى يىل تۆۋەنگە چۈشۈپ ئىشلىگەن مەزگىلدىكى تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرغان.
ئۇ ئۆزىنىڭ مەخسۇس «تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى يىل ئىچىدە كەنتتىكى كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن «خەلق ئىشچىلىرى» بولۇشقا تىزىملاتقانلىقىنى، ھازىر دېھقانلارنىڭ «پورتماللىرى پۇلغا تولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
¡¡ ئەمما گۇەن گۇەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش زىيارىتىدە بولغانلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان سىنلىق كۆرۈنۈشلەر ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، ھەرقايسى-ۋىلايەت ناھىيەلەردە ئۇيغۇرلار شالاڭلاشقان، ھەتتا ئادەمسىز قالغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرى كۆپەيگەن. دائىرىلەر ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيەلەردە، ئەسلىدىكى باغۋارانلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى «قايتا قۇرۇش» نامىدا چېقىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. ئۆيلىرى چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ھالدا خۇددى قەپەزدەك قورشالغان ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرۈلگەن.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ يېڭى ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئەتراپىغا يەنە خىتاي كارخانىلىرى قۇرۇلغان. ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا بۇ كارخانىلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىدىن ئامېرىكادىكى زۇمرەت داۋۇت خانىم ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە خىتايدا ئاشكارىلانغان سىن فىلىملىرىنى يوللاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى.
ئۇ يوللىغان سىن فىلىملىرى ئىچىدە ناھىيە-يېزىلاردا چېقىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سېلىنغان قورشاۋ ئىچىگە ئېلىنغان بىنالىق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى ۋە خىتاي شىركەتلىرىدە ئەرزان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقان ئىشلەمچىلىرى ھەققىدىكى سىن فىلىملىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاخبارات يىغىنى ۋە ئاتالمىش سۆھبەت يىغىنلىرى ئىلگىرىكى تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشاشلا ئۆزىنى ئاقلاشنى مەقسەت قىلغان.
ئەمما 21-نويابىر كۈنىدىكى «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ۋە 19-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە، ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنلىرى، بۇ يىل 10-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە توك، گاز، كۆمۈر ۋە باشقا يېقىلغۇلار باھاسى شىددەتلىك ئۆرلەۋاتقان شارائىتتا ئېچىلغان.
بۇ مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش «زامانىۋى ئولتۇراق ئۆيلەر» گە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن توك ۋە ئىسسىقلىق پۇلىنى تۆلەشكە ئامالسىز قالغانلىقى چەتئەللەردىكى تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغانىدى.
شۇڭا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل يىغىنلارنى ئېچىپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر قېلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا-كەنتلەردىكى ئەسلىدىكى باغۋارانلىق مەھەللىرىنى چېقىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا بىنالىق ئولتۇراق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈشنى «يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى»، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىدە مەجبۇرىي ئىشلىتىشنى «دېھقانلارنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشى دەپ مەدھىيەلىگەن.
كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ ئانالىز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مىللىي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى بۇ ئولتۇراق رايونلىرىدىكى يۈرۈشلەشكەن نازارەت سىستېمىسىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئىكەن.