ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندىن-بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى» ئېچىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئەيىبلەش ئوبيېكتى بولۇۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان» لىقىنى ئىنكار قىلماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىدە، رايوندا يولغا قويۇلغان «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىدە، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە £¥70 دېھقان ئائىلىسىنىڭ يېزا-ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ساھەسىگە كىرگەن» لىكىنى خەۋەر قىلىندى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق-يېزا نازارىتىنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل ئېلىنغان. خەۋەردە: «نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرى 29 مىڭ 600 گە يېتىپ، بۇ رايوندىكى £¥70 دېھقان ئائىلىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ساھەسىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى» دېيىلگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە «پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «تۆت دەرىجىلىك» يەنى، دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت-ئوبلاست-شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق «باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1151 گە، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 28 مىڭ 700 گە، ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ ئەزاسى 431 مىڭ ئائىلىگە يەتتى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى 100 مىڭدىن ئاشتى، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى 1 مىليون 570 مىڭ دېھقان ئائىلىسىگە تۈرتكە بولدى،» دېيىلگەن.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، خىتاينىڭ «قارىقاش ھۆجقەتلىرى» نى خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىغان ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرى 2000-يىللارنىڭ بېشىدىلا «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى باشلىغان.

ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پىلان دەسلەپ 1994-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ياش ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلادا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش شەكلىدە يولغا قويۇلغان.

بۇ يىللاردا خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ مائاشى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەر خىل كەمسىتىش ھەتتا خىتاي ئىشلىرىنىڭ ئۇرۇپ دۇمبالىشىدەك پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە ئۇچرىغان. 2009-يىلى گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش ئۆلتۈرۈش پاجىئەسى» خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە دۇنياغا ئاشكارىلانغان دەسلەپكى پاجىئەلەرنىڭ بىرى. بۇ ۋەقە يەنە خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشىغا ئۇچرىغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشى» غا ئوت پىلتىسى بولغان.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا 2010-يىلى ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. شۇندىن كېيىن رايوندا يۈرگۈزۈلگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئىچىدە، يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەش تېزلىتىلگەن.

گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىئان زېنز ئەپەندىنىڭ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججىتىدە، 2014-يىلى شى جىنپىڭ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە قىلغان 3 قېتىملىق سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قايتا تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ئۆز يۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈپ تارقاقلاشتۇرۇش، رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار نوپۇسىدىكى پەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇيغۇرلارنى جازالاش تەدبىرلىرى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغانىكەن.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق «ئۆزگەرتىش» ۋە «قايتا قۇراشتۇرۇش»

سىياسىتى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلاردا تىلغا ئېلىنغان «بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر رايونىدىكى 70 پىرسەنت دېھقان‹كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ساھەسى› گە ئېلىپ كىرىلگەن» ۋەزىيەتنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان «مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى دېيىشكە بولىدىكەن.