30-يانۋار فىرانسىيەنىڭ «ARTE» تېلېۋىزىيە قانىلى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ گېرمانچە نۇسخىسىنى سۆز تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ قايتا ئېلان قىلدى. بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى فىرانسۇزچە نۇسخىسى 25-يانۋار «فىرانسىيەدە ئۆلچەم بەك كۆپمۇ؟» دېگەن نامدا نەق مەيداندىن تارقىتىلغان ئىدى.
ئۇشبۇ فىلىم، رىياسەتچىنىڭ دولقۇن ئەيسادىن خىتاي ھاكىمىيىتى چەكلەۋاتقان، ئۇيغۇر كىملىكىنى ئىپادە قىلىدىغان ئۇيغۇر ئانا تىلىدا بىرقانچە كەلىمە سۆز قىلىپ بېرىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ تەھدىت ئاستىدىكى بۇ تىلنى بىر ئاڭلىغۇسى بارلىقىنى ئىپادىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر تىلىدا «كەچلىكىڭىز خەيىرلىك بولسۇن، رەھمەت سىلەرگە، مەن بۇ يەردە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن، فىرانسىيەدە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم» دېگەنلەرنى تىلغا ئالىدۇ ۋە بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. رىياسەتچى ۋە دولقۇن ئەيسادىن باشقا مەزكۇر پروگراممىغا ئىشتىراك قىلغان يەنە ئىككى كىشى خىتاي تىلىغا ھېچ ئوخشىمايدىغان، باشقا بىر كىملىككە تەۋە ئۇيغۇر تىلىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغان بولىدۇ.

فىلىمنىڭ مۇقەددىمىسىدە، دولقۇن ئەيسانىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن دەۋرى، ئۇنىڭ 1985-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرى، بۇندىن دەل 30 يىل ئىلگىرى، يەنى 1994-يىلى ئۇنىڭ ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە 2017-يىلى د ئۇ ق غا رەئىس بولغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان چەتئەلدىكى پائالىيەتلىرى قىسقا كۆرۈنۈشلەر بىلەن بايان قىلىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي تېما ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەلىرىگە مەركەزلىشىدۇ. جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بايان قىلىنىدۇ.
فىلىمدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نامى ئوچۇق ھالدا «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، رىياسەتچىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سوئالى «سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۆز ۋەتىنىڭىز شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېتىمەن دەپ ئويلامسىز؟» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا «بىز ھامان بىر كۈنى شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ، دوستلىرىمىز بىلەن دىدارلىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتىمىز، يەنە ھەسسىلەپ تۆلەشكە رازىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنى، مەزكۇر فىلىم ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئىپادە قىلىش بىلەن باشلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك يولىدا كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتى گەرچە 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا پوزىتسىيەسى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىجابىي ئەمەسكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەت بولغان فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتكە قارىتا بېسىم شەكىللەندۈرۈش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش يولىدا بېسىشقا تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پاراۋوز دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان بۇ دۆلەتنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالغان غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنى بەلگىلەشتىكى ئاساسلىق دۆلەت بولغان فىرانسىيەنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، فىرانسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك بىر ئىقتىسادىي باغ شەكىللەنگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بۇ باغلىنىش تەدرىجىي زەئىپلىشىشكە، فىرانسىيەنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىغان ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
28-يانۋار كۈنى فىرانسىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «لەخپرەس» ھەپتىلىك گېزىتى «دولقۇن ئەيسا: غەرب دېموكراتىيەسى خىتاينىڭ كونكرېت تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە» ناملىق يەنە بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى «ARTE» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىنغان «فىرانسىيەدە ئۆلچەم بەك كۆپمۇ؟» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىدى. ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ ماقالىدا خىتاينىڭ غەربكە ئۇزارغان قارا قولى سەۋەبلىك خەلقئارا ساقچىنىڭ دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقى، دولقۇن ئەيسانىڭ 21 يىل غەرب ئەللىرىدە بۇنىڭ دەردىنى تارتقانلىقى كۆپرەك بايان قىلىنغان ھەمدە دولقۇن ئەيسانىڭ «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى» ناملىق كىتابىدىكى مەزمۇنلارغا كەڭ ئورۇن بەرگەن.