ئەنگلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كومىتېتى يېقىندا ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورس جونسونغا مەكتۇپ يوللاپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى سودا قانۇنىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلغان ھەمدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تارىختا يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.
«ئىسرائىل خەۋەرلىرى» تورىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، 30 رابى ۋە جامائەت رەھبەرلىرى پات ئارىدا ئەنگلىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاياغلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، ئەنگلىيە ئالىي سوتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم چىقىرىدىكەن ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرىنى بىكار قىلىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم ئەنگلىيەدەك بىرەر دۆلەتنىڭ پارلامېنتى ۋە ئالىي سوتى ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايىتىگە ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبىدىن ب د ت خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ياكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بولسۇن، ھېچقايسىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنى سورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى رېنى كاسسىن بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللاش باياناتى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش جىنايىتىنى لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، تۇغۇتنى چەكلەش، تىلنى يوقىتىش، دىننى يوقىتىش قاتارلىق 5 جەھەتتىن كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى پىلانلىق ھالدا ۋەيران قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بىز بۇنىڭغا چوقۇم ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمەيدۇ دېيىش ئاسان، ئەمما قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلالايمىز. ھەر بىرىمىز ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بۇ قانۇن لايىھىسىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك».
ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزالىرى بىلەن يەھۇدىي ۋەكىللىرى كومىتېتى ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە كۈنى جىددىي يىغىن ئاچقان بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى ئۆز سەپداشلىرىنى بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللاشقا چاقىرغان. بۇ ھەقتە «يەھۇدىيلار تەزكىرىسى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەھۇدىي ۋەكىللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارىيە ۋاندىر زىل خانىم يىغىندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە «ھازىر ھەرىكەت قوللىنىشمۇ بەك كېچىككەنلىك بولمايدۇ» دېگەن ھەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ قانۇن لايىھىسىنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا دەۋەت قىلغان. جۈمە كۈنى مارىيە ۋاندىر زىل خانىم ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورس جونسونغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىشىنى ئىلتىماس قىلغان.
18-يانۋار، رەھىمە مەھمۇت خانىم ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغان بۇ يېڭى سودا قانۇنى لايىھەسىنى دېموكراتلار ۋە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر قوللىسىمۇ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بۇنى قوللىماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن ئەسىردە ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان يەھۇدىي ئايال دورىت ئالىۋېر ۋولف (Dorit Oliver Wolff) ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىيلار ئىنسان قاتارىدا كۆرۈلمىگىنىدەك، بۈگۈن ئۇيغۇرلارمۇ ئىنسان قاتارىدا كۆرۈلمەيۋاتىدۇ. سىلەر مەيلى قايسى پارتىيەدىن بولۇڭلار، سودا قانۇنى تۈزىتىش لايىھەسىنى ماقۇللاش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىڭلار. بۇ گەرچە سىياسىي ئىش بولسىمۇ سىلەر ۋىجدان تەرەپتە تۇرۇڭلار، چۈنكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدۇر، بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن سودا قىلماڭلار».
19-يانۋار، بۇ «سودا قانۇنى لايىھەسى» ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا رەسمىي ئاۋازغا قويۇلدى، بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ كەسكىن مۇنازىرىسىدىن كېيىن ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە، 308 ئاۋازغا قارشى 319 ئاۋاز بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانمىدى.
رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ نەتىجە ھەققىدە كۆز قارىشى بىلدۈرۈپ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، قارشى پىكىردىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. بۇ پىكىردىكىلەرنىڭ قارىشى بويىچە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قايتا يېڭىلاپ پارلامېنتقا سۇنۇشقا بولىدىكەن.
رەھىمە خانىم يەنە، گەرچە بۇ قانۇن لايىھەسى ئازغىنە پەرق بىلەن ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، ئۈمىدنى ئۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى سودا قانۇنى تۈزىتىش لايىھەسى ئازغىنە پەرق بىلەن پارلامېنتتىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، بىزنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى ئۈمىد، ئىشەنچىمىزنى ئۇرغۇتتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. يەنە كېلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشى بىزنىڭ بۇ ئىشلىرىمىزغا ناھايىتى پايدىلىق. كېيىنكى قەدەمدە بۇ قانۇن لايىھەسىنى تۈزىتىپ كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىغا قايتا يوللايمىز. بۇنىڭغا بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز، كېلەر قېتىم بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئىشەنچىمىز بار».