شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدىكى پېشقەدەم زات خىزىربەك غەيرەتۇللا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى
2022.04.08

شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋاسى يولىدا بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان پېشقەدەم قازاق پائالىيەتچى، تونۇلغان يازغۇچى خىزىربەك غەيرەتۇللا 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىستانبۇلدا 82 يېشىدا ۋاپات بولدى.
مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئاتاشەھەر ئۆرنەك مەھەللىسىدىكى تۈركىستان جامەسىدە ئوقۇلدى. جىنازا نامىزىغا «ئىيى» پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىك رەئىسى بۇغراخان كاۋۇنجى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى ئۆمەر ئارىسوي ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخىپنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت قاتارلىق كىشىلەر، شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن دوست-بۇرادەرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۈمرانىيەدىكى كوجاتەپە مازارلىقىدا يەرلىكىگە قويۇلدى.
بىز مەرھۇمنىڭ ئوغلى ئەرتولكۇن غەيرەتۇللا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەرتولكۇن غەيرەتۇللا مەرھۇم دادىسى خىزىربەك توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «دادام 1940-يىلى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە توغۇلدى، ياش ۋاقتىدا ھىمالايا تاغلىرىنى ئېشىپ، ئادەمسىز چۆللەر، ئېگىز تاغلار ۋە خەتەرلىك جىلغىلارنى ئاتلاپ، نۇرغۇن جاپالىق سەپەرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلدى. ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان، تۈرك مىللەتپەرۋەرلەر بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ 1977-يىلى يازغان ‹ئالتايدىكى قانلىق كۈنلەر› ناملىق كىتابى ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ ئىشلەنگەن ئىدى. ئۇ 82 يىللىق ھاياتىنىڭ 70 يىلىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بېغىشلىدى. ئۇ ھېچ قاچان بۇشاپ قالمىدى، مەن 48 ياشقا كىردىم، ئۇنىڭ بىلەن دەۋا يولىدا 33 يىل بىرگە بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتىم، تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان بىر بايراقدارىدىن ئايرىلىپ قالدى، خۇدايىم بۇيرىسا، ئۇ بايراقنى بىز ئېلىپ مېڭىشقا تىرىشىمىز ۋە غەيرەت قىلىمىز.»
مەرھۇمنىڭ كۈيۈئوغلى شۇنداقلا ياروپا-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز مەرھۇم قېيىنئاتىسى خىزىربەك غەيرۇللانىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تارىخ شېخىدىن بىر يۇپۇرماق سېرىلىپ چۈشتى، بۈگۈن قېيىنئاتامنى، ھەممىدىن بۇرۇن بىر دەۋا ئادىمىنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىۋاتىمىز. ئۇ ھاياتىنى بۈيۈك تۈركچىلىك دەۋاسىغا، تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتى بولغان تۈركىستانغا ۋە تۇغۇلغان يۇرتى شەرقىي تۈركىستانغا ئاتىغان بىر شەخىس ئىدى. ئۇ تۈركىيەدە ‹قازاق تۈركلىرى› دېگەن سۆز بولغان ھامان تۈنجى بولۇپ كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە كېلىدىغان ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئوسمان باتۇر توغرىسىدا تۈنجى بولۇپ كىتاب ۋە ماقالىلەرنى يازغان ھەم ئېلان قىلغان شەخسلەردىن بىرى ئىدى.»
ئىسمائىل جېنگىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا يىغىن-سۆھبەتلەردە، مۇراسىم ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا لېكىسىيەلەر سۆزلەپ، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان شەخسلەردىن ئىكەن. ئۇ يەنە ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا تەرىپىدىكى ئاتاشەھىر ناھىيىسىنىڭ ئۆرنەك مەھەللىسىگە سېلىنغان تۈركىستان ئۆيلىرى نامدىكى 100 ئۆي ۋە 500 كىشىلىك تۈركىستان جامەسىنىڭ ياسىلىشىدا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان كىشى ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، مەرھۇم خىزىربەك غەيرەتۇللا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «ئايدىنلار ئوجاغى» جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن. مەرھۇم خىزىربەك غەيرەتۇللاھ ئىلگىرى يەنە زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجلىس ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن.
مەرھۇمنىڭ ئۆيى جايلاشقان بىناغا چوڭ ھەجىملىك شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، تەزىيەگە كەلگەن كىشىلەرنى مەرھۇمنىڭ يېقىنلىرى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ئالدىدا كۈتىۋالدى.