19-ئىيۇن شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيەدىكى بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى، ئاقساقاللار ۋە ياشلار ئىستانبۇلدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا جەم بولدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
يىغىن ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد ئابدۇرېشىت ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىم ئىدرېس ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.
يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋىدېيو ئارقىلىق قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئەنگىلىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» توغرىسىدا توختالدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پۇتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ھەرقايسىي تەشكىلاتلارنى ئىشتا بىرلىك ۋە پىكىردە بىرلىك بولۇشقا چاقرىدى.
ئاندىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پائالىيەتچىلەر سۆز قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەت-پائالىيەتلەردە تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقتا بولۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ۋەكىلى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان رايونىنى خەلقئارا كۈچلەرنىڭ ھىمايسى ئاستىغا ئېلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرستىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەلىل-ئىسپاتلارنى پۈتكۈل دۇنياغا كەڭ تارقىتىش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلكىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىپ بېرەلەيىدىغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش زۆرۈرلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقتە بىر قانچىلىغان كىتابلار نىڭ يېزىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.