ئەخمەتجان قاسىم: «ئۇيغۇر دەۋاسىغا قېتىلىش تاللاش ئەمەس بەلكى مەجبۇرىيەت»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.07.19
Exmetjan-qasim-05-1024 ئەخمەتجان قاسىم گوللاندىيەنىڭ لەيدىن ئۇنىۋېرسىتېتى (Universiteit Leiden) دا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە لېكسىيە بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئىيۇل
Facebook/@Asiye Uyghur

ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كۆچكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشى خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىدە ئولتۇراقلىشىش تارىخى باشقا مىللەتتىن بولغان كۆچمەنلەرگە قارىغاندا ئانچە ئۇزۇن ئەمەس. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار غەرب ئەللىرىدىكى كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەتتە تۈرلۈك شەكىللەردە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

شىۋېتسىيەلىك ئۇيغۇر قىزى گۈلھايات مىرزائەھمەت يېقىندا شىۋېتسىيەنىڭ تالەت (TALET) ناملىق رادىيو پروگراممىسىدا ئۇيغۇر خەلقى دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن روھىي جاراھەتلىرى، ۋەتىنىنىڭ ھۆرلۈكىگە، مۇستەقىللىقىغا بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى شىۋېت خەلقىگە ئاڭلاتقان.

شىۋېتسىيەلىك ئۇيغۇر قىزى گۈلھايات مىرزائەھمەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
شىۋېتسىيەلىك ئۇيغۇر قىزى گۈلھايات مىرزائەھمەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
Gülhayat Mirza’ehmet teminligen

گۈلھايات مىرزائەھمەت بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىملىق رادىيو پروگراممىسىدا ئۆزىگە قويغان تەلىپىنى ئورۇنلىغانلىقىنى، يەنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆزلىرى چوڭ بولغان دۆلەتنىڭ تىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى جانلىق شەكىلدە ئاڭلىتىۋاتقان گۈلھاياتقا ئوخشاش ياشلار بارغانسېرى كۆپەيگەن. گوللاندىيەدە چوڭ بولغان ئەخمەتجان قاسىممۇ ئاشۇ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە قېتىلىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە گوللاندىيەنىڭ لەيدىن ئۇنىۋېرسىتېتى (Universiteit Leiden) دا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە لېكسىيە بەرگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىۋاتقان گۈلھايات، ئەخمەتجانغا ئوخشاش ئۇيغۇر ياشلىرىنى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قېتىلىشىنىڭ «تاللاش» ئەمەس بەلكى، «مەجبۇرىيەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.