ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

لوندوندىكى دۇنياۋى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 18-نويابىر «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن.

ئاساسلىقى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسور ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن فىنلاندىيەدىكى خالمۇرات ئۇيغۇر، ئۇيغۇرشۇناسلاردىن بېلگىيەدىكى بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋانېسسا فرانگۋىللې خانىملار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى جىددىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرلىرى توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇماتلار بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى يىغىندىكى ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلانغان. خەۋەر تەپسىلاتنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن ئاڭلايلى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى غەربنىڭ يالغۇز مەتبۇئات ۋە سىياسىي ساھەسىدىلا مۇھىم مۇھاكىمە تېمىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە ئىلمى ساھەنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بۇنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى دۇنياۋى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەردىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 18-نويابىر ئەنگلىيەنىڭ كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، «خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سىرتتىن بولۇپ 70 تىن كۆپرەك پروفېسسور، تەتقىقاتچى ۋە ستۇدېنتلار ئىشتىراك قىلغان.

لوندون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5 تىن 7 گىچە داۋام قىلغان 2 سائەتلىك مۇھاكىمىدە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تىبەتشۇناس پروفېسسورى روببىئې بارنېت، خىتاينىڭ قانۇنى ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان روبېرت ۋېتېرلېي قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە تۇتقان دىن ۋە مىللىي سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرغان. يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋانېسسا فرانگۋىللې خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلق يۈزلىنىۋاتقان تراگېدىيەلەرنى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. بىز يىغىندىن كېيىن ۋانېسسا خانىمنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

ۋانېسسا فراگۋىللې خانىم كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدەك داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمىگە قاتناشقانلىقىدىن تولىمۇ ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىلىسىز كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ھەر زامان كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. مەن بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ھەققىدە دوكلات بەرگىنىمدىن بەكمۇ خۇشال، بۇمۇ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىلمىي ساھەنىڭمۇ دىققىتىنى چېكىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. مەزكۇر مۇھاكىمىگە تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ ھەتتا خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ خېلى كۆپ ساندا قاتناشقانلىقى دىققىتىمنى تارتتى. ئۇلارمۇ قىزىقىپ سوئاللارنى سورىدى. مەن ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، مەجبۇرىي ئەمگەك، كىملەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ نازارەت قىلىش تېخنىكىلىرى دېگەندەك كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش بەردىم. مۇھاكىمىدىن كېيىن سوئال جاۋاب باسقۇچىدا، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ‹نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى› دە بېسىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەرگە دائىر سوئاللارنى كۆپ سورىدى. سوئال سورىغۇچىلار بىزدىن يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» بۇيرۇقى بويىچە بۇ باستۇرۇشنىڭ قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئاللارنى سورىدى، بىزمۇ بۇنىڭغا دائىر توپلىغان ئۇچۇرلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق، مۇھاكىمە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى دەپ قارايمەن».

كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇھاكىمىگە يەنە ياش ئۇيغۇر ئاكتىپلاردىن فىنلاندىيەدىكى خالمۇرات ئۇيغۇرمۇ قاتناشقان بولۇپ ئۇ ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىغاندىن بۇيان، بۇ سىياسەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنكاسى شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خالمۇرات ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا چوڭ پائالىيەتكە قاتنىشىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر مۇھاكىمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان مەزكۇر پاجىئەگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە دۇنيا ئەھلىدىن نېمىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى يەتكۈزگەن.

خالمۇرات مۇھاكىمىگە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئاللار سورىغانلىقىدىن، دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاشنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ غەربتە ئوقۇۋاتقان زىيالىيلىرىدىمۇ ئويلىنىشلارنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.