دەيۋىد رېننى: «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئازايغانلىقىغا شاھىت بولدۇم»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.04.22
Qeshqer-konisheher-meschit-qizil-teshwiqat.jpg قەشقەر شەھىرى بۇلاق بېشى كوچىسىدىكى مەسچىتكە ئېسىلغان قىزىل تەشۋىقات لوزۇنكىسى، 2017-يىلى ئىيۇل.
Oqurmen teminligen

«ئىقتىسادشۇناس» (Economist) ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ۋە بېيجىڭ بىيۇروسىنىڭ باشلىقى دەيۋىد رېننى (David Rennie) رامىزاننىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى ھەمدە روزا ھېيت كۈنى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىنى «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان.

دەيۋىد رېننى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان دىنىي چەكلىمىسى ۋە ئاتېئىزم تەشۋىقاتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەرنىڭ قۇلۇپلانغانلىقى، بەزى مەسچىتلەرنىڭ مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ۋە روزا تۇتۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك چەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 بىز دەيۋىد رېننىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرگەنلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھاياتى، كۈنسېرى ئازىيىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكى ۋە خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي چەكلىمىسى توغرۇلۇق تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«ئىقتىسادشۇناس» (Economist) ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ۋە بېيجىڭ بىيۇروسىنىڭ باشلىقى دەيۋىد رېننى (David Rennie) خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپىدىن تەمەسى نېمە دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 12-مارت، كامبىرىج
«ئىقتىسادشۇناس» (Economist) ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ۋە بېيجىڭ بىيۇروسىنىڭ باشلىقى دەيۋىد رېننى (David Rennie) خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپىدىن تەمەسى نېمە دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 12-مارت، كامبىرىج
Youtube screenshot/@Centre for Geopolitics

مۇخبىر: دەيۋىد رېننى ئەپەندى، سىز ماقالىڭىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپسىز. بۇ توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

دەيۋىد رېننى: مەن يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ۋە مەسچىتتىكى خىزمەتچىلەردىن نېمىشقا كىشىلەرنىڭ روزا تۇتمايدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، دېگەن كۆز قاراش بار ئىكەن. يەنى ئۇلار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق، يەنى ئىختىيارىي تاللاش ئەركىنلىكى دۆلەت تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان دەيدۇ. نېمىشقا كىشىلەرنىڭ روزا تۇتمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئوخشاشلا مۇشۇ جاۋابنى بېرىدۇ. مېنىڭ تەسىراتىم شۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدا بىر خىل ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى ساقلىغانلىقى توغرىلىق ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىدۇ. ئۇلار بۇ خىل كۆز قاراشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئۇسۇل ۋە كەسكىن تەشۋىقات ئارقىلىق غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەگەر كىشىلەر دىنىي ئىبادىتىنى قىلالمىسا ياكى دىنىي ھاياتىدا ياشىيالمىسا، بۇنىڭ سەۋەبى پۈتۈنلەي شىنجاڭدىكى ئىنتايىن قاتتىق كونتروللۇقتىن بولغان. بۇ خىل قاتتىق كونتروللۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلارنى مەجبۇرلاش ئۈچۈندۇر. بۇ خىل ئىدىيە خىتايدىكى مىللەتلەرنى خىتايلارغا ئوخشاشلا دىنغا ئىشەنمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسى. شۇڭا سىز باشقىلاردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسىڭىز، ئۇلار ھامان يۇقىرىقىدەك جاۋاب بېرىدۇ.

مۇخبىر: سىز ماقالىڭىزدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى» يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا دىنىي ئوقۇتۇشتىن تارتىپ مەسچىت بىناكارلىقىغىچە بولغان ھەممە ئىشتا يېڭى كونتروللۇقلار يولغا قويۇلدى، جازالاش تەدبىرلىرى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، دەپسىز. بۇ توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

دەيۋىد رېننى: ناھايىتى روشەنكى، 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭدا يېڭى بەلگىلىمە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى» يولغا قۇيۇلدى. بۇ بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بەلگىلىمىدىن تېخىمۇ قاتتىق بولغان بىر بەلگىلىمىدۇر. بۇ بەلگىلىمىدە ھەرقانداق ئادەمنى دىنغا ئىشىنىشكە ياكى ئىشەنمەسلىككە ئۈندەش ياكى مەجبۇرلاش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بەلگىلىمىلەردىن تېخىمۇ قاتتىق. بۇ بەلگىلىمىدىكى ھەرقانداق ئادەمنى دىنغا ئىشىنىشكە ياكى ئىشەنمەسلىككە نەسىھەت قىلىش بەكمۇ سەزگۈر بولغان بىر مەسىلە. يەنى ئۇنىڭدا بولمىغان نەرسىنى بولدى دېيىش ياكى مۇبالىغە قىلىپ جازالاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بۇ سەۋەبتىن شىنجاڭدا ئەنسىزلىك كەيپىياتى مەۋجۇت. مېنىڭچە، شىنجاڭدا كىشىلەر بەكمۇ ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار چەت ئەللىكلەرنى كۆرگەندە تېخىمۇ ئەندىشە قىلىدۇ. مەن كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ئەنسىز ئىدى، بۇ ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن چىقىپ تۇراتتى. پەقەت ياشانغانلارلا مەسچىتكە كىرەلەيتتى. ئەمەلىيەتتە، روزا ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ساقچىلار مەسچىت ئەتراپىدا كۆزەتتە تۇرۇپ، نى ماشىنا بىلەن كوچىلارنى توسۇپ ھەممە كىشىنى تەكشۈردى. بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر رېئاللىق ۋە تۇيغۇ مەۋجۇت.

مۇخبىر: سىزنىڭ كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىڭىزگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا دىنغا ئېتىقاد قىلغانلار بىلەن قىلمىغانلارنىڭ ئەركىنلىكى باراۋەر ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى چەكلەنگەن ۋە زەربىگە ئۇچرىغان دېيىشكە بۇلامدۇ؟

دەيۋىد رېننى: توغرا دەيسىز. مېنىڭچە شۇنداق. خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان بەس-مۇنازىرىدە مەسىلە بار. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان دىنغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكى باراۋەر ئەمەس. يەنى ھەر ئىككىسى ئوخشاش دەرىجىدە قوغدالغان ئەمەس. كومپارتىيەنىڭ ئىدىيەسىگە ۋە سىياسىتىگە ماس كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكى قوغدىلىۋاتىدۇ، ئەمما دىنغا ئېتىقاد قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى قوغدالمايۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار روزى تۇتالماسلىقتىن نارازى ئىكەن. مەسچىتلەرگە پەقەت ياشانغان ئەرلەرلا كىرەلەيدىكەن. يەنە كېلىپ ئۇلار، بۇ كىشىلەرنىڭ تاللاش مەسىلىسى دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. مەن مەيدىسىدە كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ بەلگىسى (ئىزناك) بولغان مەسچىتتىكى بىر ساقچى، يەنى ھۆكۈمەت خادىمىدىن نېمە ئۈچۈن ياشلارنىڭ مەسچىتكە كەلمەيدىغانلىقنى سورىدىم. ئۇ ماڭا ياشلارنىڭ بەك ئالدىراش ۋە ۋاقتىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇنداقلا مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى دېدى. ئۇ يەنە بۇ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى، بىز ئۇلارنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى قوغدايمىز دېدى. مەن بۇنداق جاۋابلارنى قايتا-قايتا كۆپ ئاڭلىدىم. نەگىلا بارماي، ئۇلار ئوخشاش جاۋابنى تەكرارلىدى.

مۇخبىر: سىز ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا رامىزاننىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى ھەم ھېيت كۈنلىرى كۆرگەن بىلگەنلىرىڭىزنى قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

دەيۋىد رېننى: مەن شۇنى ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەنكى، شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان كۈنلىرىمدە، يەنى رامىزان كۈنلىرىدە ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا تاماق يەيدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەن ئۇيغۇرلاردىن كىشىلەرنىڭ رامىزاندا روزا تۇتماي نېمىشقا تاماق يەيدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇلار ماڭا بەك ئەندىشىلىك ۋە پەرىشان كۆرۈندى. ئۇلار روزا تۇتالماسلىقىدىن تولىمۇ بىئارام ئىدى. ئۇلار ماڭا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى خالىمىدى ياكى چۈشەندۈرەلمىدى، تېخىمۇ ئېنىقراقى، چۈشەندۈرۈشكە پېتىنالمىدى. تۇرپاندىكى بۇ ئەھۋال ئۈرۈمچىدىمۇ ئوخشاش ئىدى. مەن بىر ئۇيغۇر ساقچىدىن كىشىلەرنىڭ رامىزاندا نېمىشقا تاماق يەيدىغانلىقىنى سورىدىم، مەن ئۇيغۇرچە بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇ خىتايچە جاۋاب بېرىپ، ‹بۇ توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىش بەك قېيىن› دەپ جاۋاب بەردى. ئەھۋال كۆرۈنگەندەك ئاددىي ئەمەس، بەكمۇ مۇرەككەپ. قارىماققا كىشىلەر ئەندىشىلىك ۋە پەرىشان بولۇپ، ئۇلار رامىزاندا نېمىشقا تاماق يەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنى خالىمىدى ياكى بۇنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى. مەن ئۇچراتقان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى ياكى ساقچىلار ماڭا ئېنىق قىلىپ، رامىزاندا تاماق يېيىشنىڭ كىشىلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇخبىر: رەھمەت سىزگە!

دەيۋىد رېننى: سىزگىمۇ رەھمەت!

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.