دولقۇن ئەيسا: «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى مەسىلىسى يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلاندى»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.06.29
dolqun-eysa-Jenwe4 «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30-يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلەۋاتىدۇ، 28-ئىيۇن، جەنۋە
RFA/Erkin Tarim

6-ئاينىڭ 28-كۈنى جەنۋەدە چاقىرىلغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30-يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى مۇھىم كۈنتەرتىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

مەزكۇر يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىدا ئىككى قېتىم سۆزگە چىقىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن بىرلىكتە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ  ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمماسلىققا چاقىرغان.

بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، ھەرقايسى دىنلارغا مەنسۇپ تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان بۇ  يىغىندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزگە چىقىپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جۈملىدىن دىنىي باستۇرۇشنى نۇقتىلىق بايان قىلغان. ئۇ  بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: « بۈگۈن قۇربان ھېيت، مۇشۇ پۇرسەتتە مەن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەيمەن. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر،قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى ئاشكارە ۋە كوللېكتىپ ھالدا قۇتلۇقلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى ئۇلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلدۇرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدە خەلقىمىزنىڭ مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقاتىنى يوقۇتۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ كەلدى. 2014-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى رادىكاللىققا ۋە تېررورىزىمغا باغلاپ خەلقىمىزنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقتى. دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ئاپتوماتىك ھالدا جىنايەت كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ جازالىدى. مەسىلەن قۇرئان كەرىمنى ساقلىغانلار، ساقال قويغانلار، ياغلىق ئارتقانلار، روزى تۇتقانلار، ھەج قىلغانلار، پەرزەنتلىرىگە مۇسۇلمانچە ئىسىم قويغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاپتوماتىك ھالدا جىنايەتچى دەپ بېكىتىپ تۈرمىلەرگە، جازا لاگىرلىرىغا ۋە مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىغا قامىدى. خىتاينىڭ بۇ خىل دۆلەت تېررورىزمى سىياسىتى شەرقىي  تۈركىستان خەلقىدە زور دەرىجىدە قورقۇنچ ۋە ئەندىشە پەيدا قىلدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئاشكارىلاشتىنمۇ قورقىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى،  مەن بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىندا دېدىم». 

«خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30-يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلەۋاتىدۇ، 28-ئىيۇن، جەنۋە
«خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30-يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلەۋاتىدۇ، 28-ئىيۇن، جەنۋە
RFA/Erkin Tarim

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ، يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي تۈزۈپ چىققان بىرقاتار چەكلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقاتىنى يوقىتىشنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقىنى، بۇنى چەتئەللەردىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ دەلىللەپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى دەلىل كەلتۈرۈپ،-2017 يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن ياكى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن مەسجىتلەرنىڭ 16 مىڭغا يېتىپ بارغانلىقىنى، پۈتۈنلەي چېقىپ تۈزلىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنىڭ بولسا 8500دىن ئاشقانلىقىنى ئېيتقان؛ ئاندىن ئۇ مەسچىتلەرنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ماكانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى، مەسچىتلەردىكى دىنىي ئەسەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ۋە مەسچىتلەرنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات ماكانلىرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەمىلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا يەنە، ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا كۆپلىگەن دىنىي ئۆلىمالارنىڭ «رادىكاللىقنى تەرغىپ قىلدى» دېگەن بۆھتان بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»نىڭ  بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا -2014 يىلىدىن بۇيان 1046 نەپەر دىنىي ئۆلىمانىڭ يۇقارقى جىنايەت بىلەن جازالانغانلىقىنىڭ مەلۇم بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرىقىدەك ۋەھشىلىكلىرىنى كۆزىتىپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىنى تەنقىتلەپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يىغىننىڭ قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى چاقىرىلىشىمۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.