«ئىجادىي زۇلۇملار»: ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي تەجرىبىلەر (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.02.26
lager-yighin-oginish.jpg ئەتراپى قوراللىق ئەسكەر ۋە تانكىلار بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خەۋەرلىرى 2017-يىلىنىڭ باشلىرى رەسمىي تۈردە تاشقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى مۇئەسسەسەلەردە داۋام قىلىشى ھەمدە بۇ جايلارغا قامالغانلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا مىليونلاپ ئېشىپ مېڭىشى، بۇ مەسىلىنى تېزدىن دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ كۆپلىگەن گۇمانلىق نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى»، 2013-يىلىدىكى تيەنئەنمېن راۋىقىغا ماشىنىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 2014-يىلىدىكى «كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ھۇجۇمى» قاتارلىقلاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن چېن چۈەنگونىڭ تېزدىن بۇ رايوننى دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرغانلىقى ھەمدە 2019-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە بۇ مەركەزلەرنىڭ «تاقالغانلىقى»، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە تەرتىپ بويىچە ئوتتۇرىغا چىققان، زېھىن قويۇپ لايىھەلەنگەن ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلىشقا باشلىدى.

لاگېرلار-سىياسىي تەجرىبىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سۇپىسى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان تۈرلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئالدىدا ھەر ساھە زىيالىيلىرىدىن شان روبېرتس (Sean R. Roberts) ، سېباستىيان خېلمەن (Sebastian Heilmann)، ئوندرې كلىمېش (Ondřej Klimeš) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر لاگېر سىستېمىسىنىڭ ئايرىم ھادىسە ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» دەپ ئاتالغان دەۋرلىرىدە باشلانغان سىياسىي تەدبىرلىرىنىڭ زامانىمىزدىكى داۋامى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئاتا قىلغان» ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە ھاكىممۇتلەقلىق ئاساسىدىكى سەۋرچانلىق ھەققىدە ئۇلار بىردەك «سىياسىي تەجرىبىلەرنى سىناق قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەل مۇشۇ خىل «مەركەز باشقۇرىدىغان، يەرلىك ئىجرا قىلىدىغان» سىياسىي تەجرىبىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر. ماۋ زېدۇڭ ۋە دىڭ شياۋپىڭ خىتايغا رەھبەرلىك قىلغان مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي تەجرىبىلەرنى «ئالدى بىلەن يەرلىكتە سىناق قىلىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا نەتىجىسىنى دوكلات قىلىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئاخىرىدا بۇنى سىياسەت دەرىجىسىدە ئېلان قىلىش» ئەندىزىسى بويىچە يۈرۈشتۈرۈپ كەلگەن. ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ ئەندىزە بۇزۇلۇپ «يۇقىرىدىن بېكىتىپ بېرىش، تۆۋەندىكىلەر سىناق قىلىش، ئاخىرىدا نەتىجىسىگە ئاساسەن مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنلاشتۇرۇش» شەكلى قوللىنىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىي تەجرىبىسىدە لاگېر سىستېمىسى مەركىزىي نۇقتا بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەجرىبىنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر بىلەنلا چەكلەنگەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايلار بۇ سىستېمىنىڭ تۇتقۇن نىشانىغا كىرگۈزۈلمىگەن. چۈنكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە «شىنجاڭدىكى ئاساسلىق خەۋپ» نىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن كېلىدىغانلىقى، بۇنىڭدا دىنىي ئېتىقادنىڭ مۇھىم مەزمۇن ھېسابلىنىدىغانلىقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلىپ كەلگەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي تەجرىبىلەرنى ئالدى بىلەن «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تازىلاش» تىن باشلىغان. بۇنى ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىش ئۈچۈن 2017-يىلى مەخسۇس ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىشكە دائىر يېڭى نىزامنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ «تازىلاش» ھەرىكىتىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلغان. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەجرىبە سۇپىسى تەبىئىي ھالدا «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېر سىستېمىسى بولغان. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ خىلدىكى زور كۆلەم ئالغان «تەربىيەلەش مەركىزى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن غايەت زور «ئەلگەك» لىك رولىنى ئوينىغان. ئۇلار بۇ «ئەلگەك» تىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىن «ئانچە چوڭ چاتاق چىقارمايدۇ» دەپ قارالغان كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە يوللاپ بەرگەن بولسا، «جەمئىيەت ئۈچۈن خەتەرلىك» دەپ قارالغان زىيالىيلار ۋە سودىگەرلەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگونى ئاشۇ زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ باش ئىجراچىسى، دەپ قاراپ كەلگەن. ئەمما كۆپلىگەن دەلىللەر چېن چۇەنگو باشلىغان ئىشلارنىڭ ئۇلى جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدىلا بەرپا قىلىنىپ بولغانلىقىنى، جاڭ چۈنشيەن ئىجرا قىلغان تەدبىرلەرنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى بولسا 2000-يىللاردىلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دوكتور ئادريان زېنز ئۆتكەن 20 يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن سىياسەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇلارنىڭ «مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ باش رېژىسسورلۇقى» دىكى ئۇزۇن مەزگىللىك تەجرىبە ئاساسىدا بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ نۇقتىنى مەخسۇس ئەسكەرتتى: «زور كۆلەملىك تۇتقۇننى نىشان قىلغان زور باستۇرۇش ماھىيەتتە خىتاي دۆلىتى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كونتروللۇقسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى كونترول قىلىشقا ئىمكان بولمايۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭدا شىنجاڭ سىناق بازىسى بولدى ھەمدە كۆپلىگەن ساھەلەر بويىچە تەجرىبىلەر ئىشلەندى. 2012-ۋە 2013-يىللىرى بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى رەھبەرلىك گۇرۇھى ‹شىنجاڭدا بىر مەيدان ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش لازىم› دەپ قارىغان بولسا؛ 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلار بۇنى ئوخشىمىغان نۇقتىلار بويىچە تەجرىبە قىلىپ باقتى. نەتىجىدە تولۇق ۋە مۇنتىزىم شەكىل ئالغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى ئارقىلىق قايتا تەربىيەلەشنىڭ بۇنىڭدىكى يېگانە ۋە ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكى ئايان بولدى. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، 2016-يىلىغا كەلگەندە، ئاندىن لاگېرلارغا قاماپ قايتا تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى ئالدىنقى يىللاردىكى كۆپ قېتىملىق تەجرىبىلەردە كۆپ قېتىملاپ ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن بۇنى كەڭ مىقياستا ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئاخىرىقى قارار ئېلىندى. »

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ پىكرىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە بۇ خىل سىياسىي تەجرىبىچىلىك تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە «تەجرىبىدىن رەسمىيلىشىشكە ۋە ئاخىرىدا قانۇنلىشىشقا يۈزلىنىش» شەكلىدە ئەمەلگە ئاشقان.

شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى «تەجرىبىچىلىك» نىڭ نىشانى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا مەركەزلەشتى

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ھازىرغا قەدەر تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولغان «خىتاي كابېلى» (China Cables) ۋە «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» (Xinjiang Papers) نامىدىكى ھۆججەتلەر، شۇنىڭدەك ئاممىۋى ۋە يېپىق ھۆججەتلەر، نۇتۇقلار، سىياسىي ھۆججەتلەر، دۆلەتلىك دوكلاتلار، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرى قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك 2022-يىلى مايدا ئاشكارا بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى ئىچكى ماتېرىياللار بىردەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ ھەرگىزمۇ يەرلىك ئۆز ئالدىغا ئىجرا قىلغان ئىشلاردىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەكسىچە بۇلار يەرلىك بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ «بىر يەڭدىن قول چىقىرىشى» ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن «ئورتاق ھەمكارلىق» نىڭ نەتىجىسى بولغان.

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللاردا فالۇنگوڭ مۇرتلىرىنى باستۇرۇش جەريانىدا دىنىي كۈچلەر رەھبەرلىكىدىكى ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلغان. شۇڭا فالۇنگوڭ مۇرتلىرىنى باستۇرۇشتا زور ئۈنۈم قازانغان «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى ئەسلىھەلەرنى ئۇيغۇر دىيارىغا تەتبىقلاش تېزلا بۇ جەھەتتىكى مۇھىم تەدبىر قاتارىدا ئوتتۇرىغا چىققان. يەنە كېلىپ 2000-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان 40 مىڭدىن ئارتۇق «مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار» ئەنە شۇ خىل «تەربىيەلەش» ئارقىلىق «پىسخىكىلىق يانجىپ تاشلاش» نىڭ تەمىنى تېتىغان. شۇڭا 2010-يىللىرىلا لوپنۇر ناھىيەسىدە قۇرۇلغان «تەربىيەلەش مەركىزى» بۇنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولۇپ كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

لاگېر تەجرىبىچىلىكىنىڭ دەسلەپكى مەزمۇنلىرى 2012-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سابىق پارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ «جەنۇبتىكى تۆت ۋىلايەتنى كۆزدىن كەچۈرۈش» ى جەريانىدا، «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى چەكلەش» ھەققىدىكى سۆزلىرى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان. 2013-يىلى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش» ھەققىدىكى سىناق ھۆججەتلەر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ ھۆججەتلەردە ئاشكارا ھالدا دىنىي ئاشقۇنلۇقنى «زەھەرلىك ئۆسمە» دەپ ئاتىغان ھەمدە 10 خىل ئالاھىدە گۇرۇپپىغا مەنسۇپ كىشىلەرنى رەتكە تىزىپ چىققان. بۇنىڭدا بالىلىرىنى دىنىي ئېتىقادقا زورلىغان ئاتا-ئانىلار، ساقال قويغان ياشلار ۋە ھىجاب ئارتقان قىز-چوكانلار ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. «جاھىل» دەپ قارالغانلارنى «نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان كىشىلەر» تىزىملىكىگە ئېلىش ۋە «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» تەكىتلەنگەن. شۇ قاتاردا 2013-يىلى تۇرپان شەھىرىدە ساقال قويغان ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۆت خىل گۇرۇپپا»، تېكەس ناھىيەسىدە «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەلىرى بىلەن زەھەرلەنگەن» ئالاھىدە گۇرۇپپا كىشىلىرىنىڭ ئىسىملىكى تۇرغۇزۇپ چىقىلغان.

ئادرىيان زېنز بۇ جەھەتتىكى خىتايچە ھۆججەتلەرنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا «ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ دەل مۇشۇ ساھەدىكى خىزمەتلەرگە بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغانلىقىنى بايقىغان. شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئىشخانا ساقچى سىستېمىسى بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ھالدا «قاتتىق زەربە بېرىش» ، شۇنداقلا «قۇتقۇزۇش» ۋە «تەربىيەلەش» كە مەسئۇل بولغان. 2014-يىلى بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» غا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن جاڭ چۈنشيەن «بىزنىڭ ‹قاتتىق زەربە بېرىش› تىكى قوللىرىمىز ھەقىقىي يوسۇندا قاتتىق بولۇشى، تەربىيەلەش ۋە قۇتقۇزۇشتىكى قوللىرىمىز جەزمەن مۇستەھكەم بولۇشى لازىم» دەپ يوليورۇق بەرگەن.

2013-يىلىغا كەلگەندە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ھەسسىلەپ ئاشقان. بولۇپمۇ شۇ يىلى ئىيۇندا تۇرپاندىكى ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن شى جىنپىڭ بىۋاسىتە ھالدا «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسى بويىچە پەۋقۇلئاددە يىغىن» غا رىياسەتچىلىك قىلغان. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل بولۇۋاتقان يۈ جېڭشېڭ بولسا تېزدىن تۇرپانغا بېرىپ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارلىرىنى يەتكۈزگەن. شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە سابىق رەئىس نۇر بەكرى «پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىشكە زېھىن قويۇپ، بۇنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى تۈپ يىلتىزىدىن قىرقىپ تاشلىشىمىز لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. 2-ئىيۇلدا بولسا سابىق پارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن «شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغىشىمىز لازىم» دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2014-يىلى ئاپرېلدا شى جىنپىڭ بۇ چاقىرىقنى تەكرارلىغان ۋە بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن شى جىنپىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، «خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن» دىن كېيىن، بېيجىڭدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» چاقىرىلغان. بۇ يىغىندا «شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دىنىي ئاشقۇنلۇق مەسىلىسىدۇر. بۇنى تۈگىتىش بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» دەپ كۆرسىتىلگەن ھەمدە يېڭى باستۇرۇشنىڭ «يېڭى ئىجادىيەتلىرى» ھەققىدە يوليورۇق بېرىلگەن.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتور ئادرىيان زېنز بۇنىڭدىكى بەزى ھالقىلىق ئامىللارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى: «دائىرىلەر ئاشۇ ۋاقىتلاردا (شىنجاڭ) رايونىنى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان سەۋىيەدە ئىدارە قىلالمايۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ رايوندا كۆپ خىل شەكىل ئالغان قارشىلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ قوشۇۋېتىشنى بەكلا ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئىزچىل تۈردە بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىدى. نەتىجىدە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئاجايىپ بىر رەھىمسىزلىكنى نامايان قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ كاللىسىدا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى بىرىنچى ئورۇندا ئىدى. يەنە بىر ياقتىن ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى باشلاۋاتقان بولغاچقا، شىنجاڭ رايونى بۇ قۇرۇلۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان رايونلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ شىنجاڭ مەسىلىسىدە شۇ قەدەر رەھىمسىز ۋە قاتتىق قول بولۇشنى تاللىۋالدى. ئۇلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ خىل زۇلۇم شەكىللىرىنى تەجرىبە قىلىپ باققان بولسىمۇ، ئاخىرى يەنىلا مۇشۇ خىلدىكى قاباھەتلىك سىياسەتكە مايىل بولدى. مەن بۇ قېتىملىق تەتقىقاتىمدا لاگېرلار ھەققىدىكى قارارنىڭ ئەنە شۇ يوسۇندا 2016-يىلى رەسمىي ھالدا ئېلىنغانلىقىنى شەرھلەپ چىقتىم» .

ئەنە شۇ يوسۇندا 20 يىل مابەينىدە كۆپ قېتىملىق تەجرىبىلەردىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى «لاگېر ئارقىلىق تەربىيەلەش» نى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە قاتارىدا تاللىۋالغان ھەمدە تېزدىن مىليونلارچە كىشىنى لاگېرلارغا قاماشتەك ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېڭى قاباھەتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىدى.

 (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.