ئۇيغۇر دىيارىدا زور ساندىكى ئوقۇغۇچى شىركەت ۋە زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىنغان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاپ، ئۇلارنى رايوندىكى شىركەت ۋە زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىشى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.

«تەڭرىتاغ تورى» دا 26-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى سانى 158 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 32 مىڭ ئوقۇغۇچى ئارتۇق ئىكەن. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق ھەرقايسى شەھەر، ۋىلايەتلەردە بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى شىركەت، زاۋۇت-كان، فابرىكىلار ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش خىزمىتى باشلانغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى تىزىملاپ، خىزمەتكە سەپەرۋەرلىك خىزمىتى: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تۈرىنى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىشنى قانات يايدۇرۇش خەلققە پاراۋانلىق يارىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ كاپالىتى» دەپ تەرىپلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى غايەت زور بولۇپلا قالماستىن دائىرىلەر بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل نېمە سەۋەب بىلەن مۇنداق ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشتى؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ كاپالىتى دەپ قارايدۇ؟ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان تەھلىلچىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، رايوندا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىركەت-زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىنىشى، بىر جەھەتتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن نورمىدىن ئارتۇق قوبۇل قىلىنغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىدىن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «مەجبۇرىي ئەمگەك بازىلىرى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا، ئۈزلۈكسىز قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى كۆزلەنگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ۋە «كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلەر» نى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيەلەردىكى «سانائەت باغچىلىرى» مۇ سەپەرۋەر قىلىنغان. ھالبۇكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش شىركەت-زاۋۇتلىرى مەركەزلەشكەن بۇ خىل سانائەت باغچىلىرى شۇ رايونلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بازىلىرى ئىكەن. بۇ سانائەت باغچىلىرىدا زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي، تۆۋەن ھەق ھەم قاتتىق ئىش ۋە سىياسىي تۈزۈم ئاستىدا ئىشقا سېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە لاگېرلاردىمۇ زاۋۇت-فابرىكىلار قۇرۇلغانىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللاردا رايوندىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن چىققان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى لاگېرلار ئىچىگە قۇرۇلغان خىتاي زاۋۇت فابرىكىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى رايوندىكى خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، بۇ جايلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى تولۇقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نيۇ-يوركتىكى خىتاي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى جىڭ شۈگۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ھازىر خىتايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق خىزمەت تاپالماسلىق مەسىلىسى ئېغىر ئىكەن. يەنى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئېغىرلاشماقتا. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەنە شۇ يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدا ئىقتىسادتا چېكىنىش ئېغىرلاشقان بولۇپ، بۇ، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىگىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە.

جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىدا قاتتىق چېكىنىش يۈز بېرىپ، ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ چەتئەللەرگە يۆتكىلىپ كېتىشى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرگەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. نۇرغۇنلىغان خىزمەت پۇرسەتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا يۆتكىلىپ كەتتى. مەسىلەن تەيۋەننىڭ شاڭخەيدىكى شىركەتلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق شىركەتلەر خىتايدىكى زاۋۇت-فابرىكىلىرىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۆتكىشى بىلەن خىتايدا ئىشسىزلىق نىسبىتى ئېغىرلاشتى. ئۇندىن باشقا بەزى ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ سودا ئۇرۇشىغا دۇچ كەلدى. سودا، ئىقتىساد-تېخنىكا جەھەتتىكى چەكلىمىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق ئامىللار خىتايدىكى ئىشسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇردى. نەتىجىدە ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇنىۋېرسىتېتلارغا نورمىدىن ئارتۇق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ھازىر ئۆز كەسپىگە لايىق خىزمەت تاپالمايدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. تۈركۈم-تۈركۈم ئىشسىز ياشلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ياشلارنى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنى قىلىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، مۇلازىمەت كەسپىنى قىلىش ۋە يېزا كادىرلىرى بولۇش دېگەندەك ناملاردا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان ئەسلىدىكى كەسپىدىن باشقا ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە» .

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ زاۋۇت-فابرىكىلىرىدا ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈشىدە بىر تەرەپتىن ياشلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىشان قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەسىلىسىنى يوشۇرۇش غەرىزىمۇ يوشۇرۇنغانىكەن.

زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەنە، ئىچكىرى خىتايدىن كېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە قالدۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ياشلىرىنى ئىچكىرى خىتايدىن ئەكېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشنىمۇ مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.