ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇمنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا كېڭىيىشى قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدۇ؟

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.11.17
urumchi-yuqum-ts.cn.jpg ئۈرۈمچىدىكى بىر ئولتۇراق رايونى، 2022-يىلى نويابىر، ئۈرۈمچى.
ts.cn

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يېقىنقى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ نىسبىي ھالدا كونترول قىلىنغانلىقى، ئەمما يۇقۇمنىڭ جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاسقا تارقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«تەڭرىتاغ تورى»نىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە دeيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى  ئۈچ ۋىاليەت بىر ئوبلاستنىڭ مەسئۇللىرىغا ئېكرانلىق يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ جەنۇبقا يامرىشىنى قاتتىق تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

ما شىڭرۇي سۆزىدە يۇقۇمنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا كېڭىيىش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرۈپ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا چوقۇم «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» ھالىتىنى قاتتىق ساقلاشنى تەكىتلىگەن.

«تەڭرىتاغ تورى»نىڭ 15-16-نويابىر كۈنلىرىدىكى خەۋەرلىرىدە، غۇلجا شەھرىدە 16- نويابىر سائەت نولدىن باشلاپ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئوقۇش ۋە  تۇرمۇش ئەسلىگە كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ھالبۇكى، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ   قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە يۇقۇمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، جەنۇبتا قامال تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان.

«تەڭرىتاغ تورى»نىڭ 16-نويابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر شۇ كۈنى خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە يۇقۇم ئەھۋالى ۋە قامال تەدبىرلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان.

خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يۇقۇم مەزگىلىدە   ھامىلدار ئاياللارغا قىلىنىدىغان تىببىي مۇلازىمەتلەرنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەر بېرىلگەن.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا پۇقرالارغا ئاشلىق، كۆكتات ۋە باشقا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى، داۋالىنىش، سۇ، توك، ئىسسىنىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى  قامال جەريانىدا، پۇقرالارنىڭ يىمەكلىك، داۋالىنىش ھەقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە قىلىنىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئۈزلۈكسىز تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردا ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىنى ئاساس قىلىپ داۋاملاشقان 3 ئايدىن ئارتۇق قامالدا ئاچارچىلىق، داۋالىنالماسلىق، ھەتتا ئۆلۈم پاجىئەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا يۇقۇم سەۋەبلىك كۆرۈلگەن قاتتىق قامال ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق پاجىئەلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا كېڭىيىش ئېھتىماللىقى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىددىي ئەندىشە قوزغىماقتا.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ۋاشىنگىتون مەركىزى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى دوكتۇر جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز ئەندىشىنى بىلدۈرۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، تىببىي نۇقتىدىن قىلچىمۇ ئىلمىي ئاساسى بولمىغان بۇ خىل قامال تەدبىرلىرى غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدە 100 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا كېڭىيىشى، ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بۇ رايونلاردا  تېخىمۇ ئېغىر پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇ-يوركتىكى ما جۈ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي ئۇيغۇر رايونىدىكى 100 كۈنلۈك قامالدىن كېيىن، بۇ سىياسەتنى جەنۇبقا كېڭەيتىشىدە مەلۇم سىياسىي مەقسەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىشىنىمەنكى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا 100 كۈندىن ئاشقان بۇ خىل زور قامال، ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەر ۋاقىت ۋە ھەممە جايغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش ‹خەلق ئۈچۈن ئىشلەيمىز›، ‹خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز› دېگەنلىرى ئەمەلىيەتتە ئەڭ چوڭ يالغانچىلىقتۇر.»

ئۇنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۇينىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان شۇنچە زور پاجىئەلەردىن كېيىنمۇ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا كېڭەيتىشنى تەكىتلىشى، ئەمەلىيەتتە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسىدە قامال سىياسىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» تەك سىياسىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىكەن.

ما جۈ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا بۇ خىل سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ؟ چۈنكى بۇ رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسى بار. يەنى ئاتالمىش ‹مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش› ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش ۋەزىپىسى بار. ئۇلار يەنە بۇ رايونلاردا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق خەتەر ئېھتىمالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ خىل قامال تەدبىرىنى كېڭەيتمەكتە.»

ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ  شى جىنپىڭغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ ئىمتىيازغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

دوكتۇر جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى يەنە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇقۇم كونترول قىلىنغان ئەھۋالدا، خىتايدا بۇ خىل قامال سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىنتايىن نورمالسىز بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادا ئىشلەنگەن ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىنى ئىمپورت قىلىشنى رەت قىلىشى ۋە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامال سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى، ھەرگىزمۇ يۇقۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەلقنى تىزگىنلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.