ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا بىۋاسىتە قولى بار بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ج خ تارماقلىرى ۋە بىڭتۈەن ساقچى تارماقلىرى 8-ئاپرېل «دوۋيىن» سۇپىلىرىدا مەخسۇس ۋىدىيولۇق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، رايوندىكى تور ئابۇنىتلىرىنى تىكتوك، X يەنى بۇرۇنقى تىۋېتتېر، يۇتۇب، بىتكويىن قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنى يۈكلىمەسلىكنى، يۈكلىگەنلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.
بۇ ۋىدىيولاردا ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان بىڭتۈەن ساقچىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ھۆكۈمەت چەكلىگەن تور بەتلەرگە ھەر خىل VPN ياكى سۈرەت تېزلەتكۈچ ئىشلىتىپ كىرىش، مەۋھۇم مەبلەغ سېلىش مەشغۇلاتىغا قاتنىشىش، چېگرا سىرتىدىكى تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىش، خەۋەر كۆرۈش ۋە ياكى چولپان قوغلىشىپ كىنو-تىياتىر كۆرۈش، ماتېرىيال كۆرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توسۇقتىن ئاتلاپ تورغا چىقىش قىلمىشىغا تەۋە ئىكەن.
ئەگەر تور ئابۇنىتلىرى يۇقىرىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنى قاچىلىسا ۋە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشى بايقالسا، قولغا ئېلىنىدىكەن. خىتاينىڭ «كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى ۋە خەلقئارا تورنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» دىكى ئالاقىدار ماددىلارغا ئاساسەن، 15 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئىشەنچ كىرېدىتىدىن 40 نومۇر تارتىلىدىكەن.
خىتاينىڭ «بايت دەنس» شىركىتىگە قاراشلىق ئەپ تىكتوك (TikTok) نىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغان؛ ئامېرىكانىڭ تىكتوكنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئاخىرىقى باسقۇچقا قەدەم قويغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تىكتوكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل ئەپلىرىنى چەكلەش ئاگاھلاندۇرۇشى، كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.
ئىلگىرى بىڭتۈەن تەۋەسىدە شىخەنزە يېزا-ئىگىلىك ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ۋە مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىڭتۈەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئالدى كەينىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە يانتاياق بولۇش، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتنى باستۇرۇشتا ئاساسلىق كۈچ بولۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم خىتاينىڭ چەت ئەل ئەپلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى مەخسۇس بىڭتۈەننىڭ ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە تور سۇپىسىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭ رايوندا تور بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلغان يەنە بىر قېتىملىق زور باستۇرۇشنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئۆز ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن 1954-يىلى قۇرۇلغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېرىم ھەربىي خاراكتېرلىك قوراللىق ئورگانى ئىدى. بۇ ئورگان قۇرۇلغاندا، ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستانغا يۈرۈش قىلغان خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىر قانچىلىغان دىۋىزىيەلىرى بىلەن گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەسلىم بولغان يۈز مىڭ كىشىلىك ئارمىيەسى ئاساسلىق ئادەم مەنبەسى قىلىنغان ئىدى.ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك مەمۇرىي سالاھىيەت بېرىلگەن بۇ ئالاھىدە ئورگان يېرىم دېھقانچىلىق ئىگىلىكىدىن باشقا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە قوراللىق قىسىملىرى ۋە ساقچى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ تۇتقۇننى باشلىغاندا، بىڭتۈەن بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى.
9-ئاپرېلدىكى «بىڭتۈەن خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يېقىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېڭىدىن ئىسمى ئاتالغان «بىرىنچى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى» نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئارال شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ جياخېزى ساقچىخانىسى، ئىككىنچى دىۋىزىيەنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ساقچىخانىسى، ئالتىنچى دىۋىزىيە بىلەن سەككىزىنچى دىۋىزىيەنىڭ ساقچى پونكىتلىرى، شىخەنزە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بېيجياۋ ساقچىخانىسى، 13-دىۋىزىيە جيەنجيەندۇن ساقچىخانىسى قاتارلىق ئالتە ساقچى ئىدارىسى ۋە پونكىتلىرى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.
بىڭتۈەننىڭ تور ئابۇنىتلىرىنى چەت ئەل تور ۋە ئەپلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ئوتتۇرىسىدا قانداق بىر بىۋاسىتە مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بارلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە، بىڭتۈەن ۋە ئۇنىڭ قوراللىق قىسىملىرى ئاساسلىق رول ئويناپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى -2023يىلى 13-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستاننى ساقچىلاشتۇرۇش: ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى ۋە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ خەرىتىلەشتۈرۈلۈشى» سەرلەۋھىلىك يېڭى بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى نازارەت قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈپ، «خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى» (PLA) بىلەن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» (XPCC) مۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ بېرىشتىكى ئاساسلىق ئىجراچىلىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان «بىڭتۈەن: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېرىم ھەربىي مۇستەملىكىچى كۈچى» سەرلەۋھىلىك يەنە بىر دوكلاتىدا «بىڭتۈەن 60 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەملىكىچى ئورگان ۋە خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشىدا ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان ھەربىي كۈچ»، دەپ كۆرسەتكەنىدى.
خىتاي ج خ تارماقلىرىنىڭ مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىكلەرنى قاتتىق ساقلاش»نى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئوتتۇرىغا چىققان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور ئابۇنىتلىرى ۋە ئەقلىفون قوللانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى خىتاي جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالىنى، كومپيۇتېر ۋە ئەقلىفونلارغا ئورنىتىلغان بولۇپ، مۇبادا بىرى مەزكۇر يۇمشاق دېتال، تىۋىتتېر يەنى X، بىتكويىن قاتارلىق چەت ئەل ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلىماقچى بولسا ۋە ياكى تام ئاتلاپ چەت ئەل تورلىرىغا چىقماقچى بولسا، دەرھال ساقچىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدىكەن. ساقچىلار بىر دەمدىلا يېتىپ كېلىدىكەن. ئۇلار بۇ تور ئابۇنىتىنىڭ يەنە بانكا ھېسابىنى توڭلىتىپ قويالايدىكەن ۋە تېلېفون مۇلازىمىتىنى ئۈزۈپ تاشلىيالايدىكەن.
خەۋەر ۋە دوكلاتلاردىن مەلۇمكى، خىتاي ھازىر بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى «چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» غا تولۇق يىغىپ، ئۇيغۇرلارنى 24 سائەت خاتىرجەم كۆزىتىش، تەقىبلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغان.
«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، تېخنىكا سەمىمىيەت تۈرىنىڭ سىياسەت دىرېكتورى، ئالىي تەتقىقاتچى جېففىرىي كەيىن (Geoffrey Cain)، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تىكتوك قاتارلىق چەت ئەل ئەپلىرىنى چەكلەش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىشىنى «كۈلكىلىك ۋە بىمەنە قىلمىش» دەپ قارايدۇ.
ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ‹تىكتوكنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇنسىز› دېيىشى بەكمۇ كۈلكىلىك. چۈنكى تىكتوك خىتاي كومپارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى ‹بايت دەنس› شىركىتىگە قاراشلىق. شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاي نۇسخاسى خىتايدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان بىر ئەپ. تىكتوكنى ‹قانۇنسىز› دەپ چەكلىگەنلىكى تېخىمۇ كۈلكىلىك. چۈنكى ئۇلار ئامېرىكانىڭ تىكتوكنى چەكلىشىنى دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە قارشى دەپ جار سېلىپ، باشقىلارنى ئەيىبلەپ تۇرۇپ، ئەكسىنچە خىتايدا بۇنى پۈتۈنلەي چەكلىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتايىن مۇغەمبەر،كاززاپلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
جېففىرىي كەيىن بىزنىڭ «بۇ ئاگاھلاندۇرۇش خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە بىر قېتىملىق چوڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن بېشارەتمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچىمۇ شۇنداق، خىتايدا قاتتىق باستۇرۇش داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ بارلىق ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى كۆزىتىپ، كونترول قىلىدۇ. ھەممە كىشىنىڭ توردىكى مەشغۇلاتلىرىنى ھەممە ئۇچۇرلىرىنى يىغىدۇ ۋە قاچانكى ئۇلار باستۇرۇش ئېلىپ بارماقچى بولسا، مۇشۇ خىلدىكى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئەھۋال. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلارغا كەلسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ جاينى يۇقىرى تېخنىكىلىق كونترول قىلىشنىڭ تەجرىبە مەيدانى قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش، ئۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇر ئامبارلىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەقىب-نازارەت سىناقلىرىدۇر. نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ جاسۇسلۇق ئەپلىرىنى پۈتۈن خىتاي پۇقرالىرىغا مەجبۇرىي قاچىلىتىشقا باشلىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتىرجەمسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ھېچقانداق ئەركىنلىك يوچۇقى قالدۇرماسلىقنى ئىستىمەكتە.»
جېففىرىي يەنە خىتاي بويىچىمۇ جاسۇسلۇق ئەپلىرىنى قاچىلاشقا مەجبۇرلىشىنىڭ خىتايدىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىقنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئاھالىنى كونترول قىلىشنى ئىستەۋاتقانلىقى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ سىياسىي مۇقىمسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مېنىڭچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدۇر. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئارقىلىق، دەلىللەرنى يوق قىلماقچى، چۈنكى تارقالغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار يىغىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشتىكى پاكىتقا ئايلىنىدۇ.»
ئىنتېرنېت تورىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئەڭ ئىلغار تەقىب تېخنىكىلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، 2024-يىلى كىرىشى بىلەن مەملىكەت مىقياسىدا توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن خىتاي يەرلىك ج خ تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ سالمىقى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورى ئالتاي، چۆچەك، ئاقسۇ، بورتالا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ج خ تارماقلىرى 19-مارت كۈنى ئاتالمىش توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىپ جازالانغان 10 تىپىك دېلونى ئېلان قىلغانىدى.
-8 ئاپرېل، ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر چەت ئەللىك سودىگەرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ چەت ئەل تورلىرى ۋە ئەپلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىتىدىغان بارلىق رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ قاتارلىقلاردا توختىماي قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ سودىگەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆي ۋە مېھمانخانىلارغا كىرىپ، خالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونلىرىنى تەكشۈرۈپ ۋە تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىدە قايتىدىن جىددىيلىك پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
2015-يىلى 6-ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «شىنجاڭ ئىنتېرنېت تورى قانۇنسىز ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش سۇپىسى» نىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر «پاش قىلىش سۇپىسى» نى يولغا قويۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ دەسلەپكى باشلىنىش قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تور-ئالاقە ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لو فۇيۇڭ ئەينى چاغدا، «ئىنتېرنېت تورى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى» دەپ كۆرسەتكەنىدى.
-2016يىلىغا كەلگەندە، خىتاي ساقچىلىرى رايوندىكى تور ئابۇنىتلارنىڭ يانفون ۋە كومپيۇتېرلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت ئەپلىرىنى سەپلەشنى مەجبۇرىي ئىشقا ئاشۇرغانىدى. 2017-يىلى بولسا خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئۈندىداردىكى مەشغۇلات خاتىرىلىرىگە ئاساسەن،كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئىسپاتلىق دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانلىقى، ھەتتا ئەمەلىي ساننىڭ يەنىمۇ جىق بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان بىر ياقتىن چەت ئەللەردىكى ئۆزىگە مايىل دۆلەتلەر ۋە «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئوخشاش ئورگانلار ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئاپىرىش، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش ۋە يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ يۇرتلىرىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ يەنە بىر تەرەپتىن ئىلگىرىلەپ ئۇچۇرنى كونترول قىلىشقا باشلىغانلىقى بولۇپمۇ چەتئەل ئەپلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى دىققەت قوزغىماقتا.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تىكتوك، X يەنى تىۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ھېساب ئېچىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشتا كەڭ پايدىلانماقتا. خىتاي مىڭلارچە تور چولپانلىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇ خىل چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ج خ تارماقلىرىنىڭ ئاممىنى بۇ خىل چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە كەلگەندە، نەقەدەر مەنتىقسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى، دوكتور سوفىي رىچاردسون (Sophie Richardson) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور ئابۇنىتلىرىغا تارقاتقان ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر دىيارىدا تورنى پۈتۈنلەي قامال قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز. شۇڭا بۇ خىل چەكلىمىلەر يېڭىلىق ئەمەس، ھازىرقى بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ تىكتوكقا قاراتقان چەكلىمىسىگە قارشى ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پىكىر ئەركىنلىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ئاساسەن ۋە خىتاي قانۇنىدىمۇ قوغدىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەقەللىي ئىنسان ھوقۇقىدۇر. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا باستۇرۇشىنى داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يەنە تور ئالاقىسىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچىدىكىلەر بىلەن سىرتنىڭ ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنماقتا. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسلىسىز باستۇرۇش سىياسەتلىرى رايوندا ئىشقا يارىغان بولسىدى، ئۇلارنىڭ يەنە بۇ يېڭى چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇشقا ئېھتىياجى قالماس ئىدى.»
خىتاي قانۇن ئورگانلىرى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلمەكتە. خىتاي ج خ ئورگانلىرى تارقاتقان چەت ئەل ئەپلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان Facebook ۋە X قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جىددىي ئىنكاس پەيدا قىلغاندىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە.