ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمكى تىللار سىياسىي ئىختىلاپ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قوللىنىلىشى، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2000 يىللار بۇرۇن يەنى خىتاي تارىخىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، ئىلمىي ۋە سىياسىي مۇنازىرە ۋە ئىختىلاپلارغا سەۋەب بولماقتا. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەم مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى» ئۇنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسىدىن بېرى تارقىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نەشرىيات ئەپكارى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا غەربىي خەن دەۋرىدىن باشلاپ تارقىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرمەكتە» ئىكەن. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر قەدىمكى يېزىقلارنى زامانىۋى ئۇقۇم بولغان «ئورتاق تىل» غا باغلاپ باشقىلارنىڭ كىملىكىنى شەرھلەشكە قارىتا جىددىي سوئال قويۇشماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» بۇ قاراشنى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى رايوننىڭ ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان، خىتاي تىلى رايوندا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى بەرپا قىلىشنىڭ ئۆتكىلى» سۈپىتىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقارغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا قەيت قىلىنىشىچە، خوتەننىڭ نىيە خارابىلىكىدىن تېپىلغان خىتايچە ياغاچ پۈتۈكلەر «خەن دەۋرىدە چادوما (خىتاي مەنبەلىرىدە «جىڭجۆ» ) دۆلىتى ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىدە خىتاي تىل-يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللانغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە» ئىكەن. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر خوتەندىن 2000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت خىتايچە ياغاچ پۈتۈكلەر تېپىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇن مىقداردا قەدىمىي ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ بىر دىيالېكتى بولغان كارۇشتى تىلىغا دائىر تارىشا پۈتۈكلىرىنىڭمۇ تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي بويىچە ياردەمچى پىروفېسسورى ئېرىك شلۇسېل (Eric Schluessel) خىتاي يېزىقىنىڭ تېپىلىشىنى «مەدەنىيەت كىملىكى» نىڭ ئىسپاتى، دەپ خۇلاسە چىقىرىش مەسىلىنى بەك ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەنلىك، دەيدۇ.

ئېرىك شلۇسېل 19-ئاپرېل رادىيومىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي يېزىقىنىڭ تېپىلىشىنى مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ ئىسپاتى، دەپ خۇلاسە چىقىرىش مەسىلىنى بەك ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەنلىك، ھەتتا بۇنى مۇنازىرە قىلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆتمۈشنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا، خىتاي يېزىقى ھازىر شەرقىي تۈركىستان، دەپ قارىلىۋاتقان بۇ رايوننىڭ مەلۇم جايلىرىدا ئىشلىتىلگەن. بۇ پەقەت خىتايچە يازىدىغان، بىراق پەرقلىق مەدەنىيەت ۋە تىل ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولغان خەلقلەرنى ئىپادە قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ رايوندا تارىخىي جەھەتتىن باشقا يېزىق سىستېمىلىرىمۇ ئىشلىتىلگەن. »

لېكىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا خىتاينىڭ ۋېي، جىن، جەنۇبى ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە خىتاي تىل-يېزىقى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاقە قورالىغا ئايلانغانلىقى، بۇنىڭ سۈي ۋە تاڭ دەۋرىدە تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، تۇرپاننىڭ ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان كۇڭزى كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ پارچىلىرى بۇنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئېرىك شلوسېلنىڭ قارىشىچە، «ئورتاق تىل» بۇ رايوننىڭ ھازىرقى تىل، خەلق ۋە تېررىتورىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى زامانىۋى چۈشەنچىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كىلاسسىك خىتاي تىلى مۇھىم مەمۇرى ھەم ئەدەبىي تىل بولسىمۇ، ئەمما بۇ شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ھازىرقى زامانىۋى ئۇقۇمدىكى «خىتاي» دەپ تەرىپلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىكەن.

ئېرىك شلوسېل مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي يېزىقىنىڭ بولۇشى خىتاي تىلىنىڭ ‹ئورتاق تىل› قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەن بۇ قاراش يېقىنقى زاماندىكى تىل، خەلق ۋە تېررىتورىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى زامانىۋى چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىدۇ. مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ھەرقانداق كىشى شۇنى بىلىدۇكى، ياپونىيەلىكلەر، كورېيەلىكلەر، ۋىيېتناملىقلار ۋە باشقىلار كىلاسسىك خىتاي يېزىقىنى ئىشلەتكەن. چۈنكى، كىلاسسىك خىتايچە تەرەققىي قىلغان ئىنتايىن مۇھىم مەمۇرىي ۋە ئەدەبىي تىل. ئەمما بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ھازىرقى زامانىۋى ئۇقۇمدىكى ‹خىتاي› دەپ تەرىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. »

لېكىن ئامېرىكادىكى روز-ھۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى خىتاي تەتقىقات تۈرىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور تىموسى گروس (Timothy Grose) نىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان خىتاي تىل-يېزىقلىرىنى خىتاينىڭ ھازىرقى دەۋردىكى «دۆلەت ئورتاق تىلى» غا باغلاش «يىرگىنچلىك» ئىكەن. تىموسى گروس 20-ئايرىل رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندىمۇ، مەلۇم جايدىن تېپىلغان خىتايچە تېكىستلەرنى ئۇنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى ‹دۆلەت ئورتاق تىلى› نى ئومۇملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا باغلاش بەك يىرگىنچلىك. بولۇپمۇ مىللىي دۆلەتنىڭ ئۆزى بىر زامانىۋى ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا تېخىمۇ شۇنداق.»

تىموسى گروسنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل خۇلاسە يەنە خوتەندە بايقالغان سانسكرىت تىلىدىكى بۇددا نومى تېكىستلىرىگە قاراپ، ھىندىستان بۇ رايوندا «ئورتاق تىل» نى ئومۇملاشتۇرغان، دېگەنگە ئوخشاشلا «كۈلكىلىك» ئىكەن.

تىموسى گروس مۇنداق دەيدۇ: «ئەدەپ بىلەن ئېيتقاندا، بۇ خۇددى خوتەندىن بايقالغان بۇددا نومى تېكىستلىرى قەدىمكى ھىندىستاننىڭ بۇ رايوندا ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، دېيىش بىلەن ئوخشاش. ئەلۋەتتە، بۇ ھازىرقى ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ يەردىن تېپىلغان سانسكرىت يېزىقلىرى شىنجاڭنىڭ مەلۇم جەھەتتىن ھىندىستان بىلەن ئىزچىل ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، دېگىنىدەكلا بىر كۈلكىلىك ئىش.»

«يىپەك يولى» بۇددىزم مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى بەزى ئالىملارنىڭ قەيت قىلىشىچە، يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىن 24 خىل قەدىمكى يېزىق تېپىلغان بولۇپ، خىتاي يېزىقى بۇ يېزىقلارنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى، ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق دوكتور قاھار بارات 22-ئايرىل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ رايون قەدىمدە بىر مەزگىل ھون، جۇجان (روران) ، ئاق ھون، سىيانپى قاتارلىق خەلقلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا يەنىلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ رايوندىكى بەزى قوۋملار خىتاي يېزىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىلىنى يېزىشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا تۈركىي خەلقلەر يەنىلا سوغدىلار ئېلىپ كەلگەن ئېلىپبەلىك يېزىقنى ئۆزلەشتۈرگەن ئىكەن.

لېكىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئوبزورى خىتاي سۇلالىلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى ئاجىزلاشقان 10-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەردىكى قۇدرەتلىك ئۇيغۇر دۆلەتلىرىدىن قاراخانىيلار ھەم ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلەتلىرى ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە خىتاي تىلىنىڭ غەربىي دىياردىكى قوۋملار ئارىسىدا ئاساسلىق ئالاقە تىلى بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھالبۇكى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئېرىك شلوسېل مىلادى 10-ئەسىردىن باشلاپ تۈرك تىلىنىڭ شەرق دىيالېكتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى قەيت قىلماقتا. ئېرىك شلوسېل مۇنداق دەيدۇ: «ئومۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، مىلادى 10-ئەسىردىن بۇرۇن بۇ رايوندا خىتايچە، تىبەتچە، پارسچە، ساكچە، توخارچە، يەھۇدىي پارسچىسى، خاقانىيە تۈركچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل تىل ئىشلىتىلگەن. مىلادى 10-ئەسىردىن باشلاپ (قەدىمكى) تۈرك تىلنىڭ شەرق دىيالېكتلىرى، بولۇپمۇ بىز ‹چاغاتاي تىلى› دەيدىغان تۈرك تىلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا پارس تىلى بىلەن بىرگە ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلدى.»

ئەمما تىموسى گروس خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئوبزورىدا، يەرلىك تىللارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى بولغان «چاغاتاي تىلى» ۋە شۇ يېزىقتىكى ئەدەبىي تېكىستلەرنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىغا كۆز يۇمۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىموسى گروس مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، بۇ ئوبزور رايوندىكى يەرلىك تىل-ئەدەبىياتنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمغان. بولۇپمۇ رايوندىكى يەرلىك ئەدەبىي تېكىستلەرگە، جۈملىدىن 15-ئەسىردىكى ئىلىم ۋە ئوردا تىلى بولغان چاغاتاي تىلىغا ئوخشاش تىللارغا كۆز يۇمۇلغان. ھالبۇكى، بۇ تىل رايوندا سەرخىللار تەبىقىسىنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم قورالى بولۇپ كەلگەن. » تىموسى گروسنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئوبزوردا خىتاينىڭ «ئورتاق دۆلەت تىلى قانۇنى» چىقىرىپ، خىتاي تىلىنى ئالغا سۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا كۆز يۇمۇلماقتا ئىكەن. تىموسى گروس «بىز ئۇلارنىڭ خىتاي قانۇنىدا بېكىتىلگەن بۇ ھوقۇقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۆلەت ئورتاق تىلىنىڭ ئومۇملىشىشى «شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن» ، شۇنداقلا بۇ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىكەن. » ئوبزوردا يەنە دۆلەت ئورتاق تىلىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى ھېقىقى رەۋىشتە مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە ئۇيۇشۇش ۋە مەركەزلىشىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاي قانۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى رەت قىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2017-يىلى 7-ئايدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، رايوندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى مەنئى قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىنىمۇ چەكلىگەن، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا چارە كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.