ئەدلىيە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇيغۇر DNA ئۇچۇرلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى سوئال پەيدا قىلدى

0:00 / 0:00

خەلقئارا Y خروموسومىلىق ئىرسىيەت گېنلىرى (haplotype) سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن يۈكلەنگەن ئەركەك DNA سىدىكى Y خروموسومى ئەۋرىشكىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، خەلقئارا گېن تەتقىقاتچىلىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان.

گېن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مەزكۇر سانلىق ئامبىرىغا يۈكلىگەن سانلىق مەلۇماتلىرىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت ئەركەك Y خروموسومىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن بەرگەنلىكىدە جىددىي گۇمانلار بار ئىكەن.

ھازىرغا قەدەر بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئەركەك DNA سىنىڭ Y خروموسومى يۈكلەنگەن. خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئ‍ۆزىلا ئۇنىڭغا خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، تۇڭگان ۋە خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 مىڭدەك ئەركەك Y خروموسومىنى يۈكلىگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ Y خروموسومى ئەۋرىشكىلىرى DNA ئىگىلىرىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ ھەقسىز «ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نامىدا ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرى ۋە DNA ئەۋرىشكىلىرىلىرىنى توپلىغانلىقى مەلۇم. بېلگىيەدىكى «لۈۋۋەن كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ھېسابلاش بىئولوگى يىۋېس مورىئو بۇ ئەھۋالنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ۋە بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەتقىقاتچىلىرى يۈكلىگەن Y خروموسومى ئ‍ەۋرىشكىلىرىنىڭ 10 پىرسەنتىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردەك كەمسىتىشكە ئۇچراش خەۋپى يۇقىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەشكىل قىلىشى ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

يىۋېس مورېئو 30-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ تەخمىنەن 10 پىرسەنتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلغان. مەن بۇ نىسبەتنى ئاسان زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر، دەپ قارىدىم. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە تىبەت ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىشكە ۋە جازالاشقا ئۇچراش خەۋپى يۇقىرى، ئاسان زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان خەلقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرىنى بەك نازۇك مەسىلە دەپ ھېسابلىدىم. بۇ ئەۋرىشكىلەر 10 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ 4 دەن بىر قىسمى ئۇيغۇرلارغا ئائىت.»

يىۋېس مورېئونىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي DNA سانلىق ئامبىرىنىڭ زور كۆلىمى قانۇن دائىرىلىرىنىڭ دېلو پاش قىلىش ئ‍ۈچۈن ئىشلىتىشىگە نىسبەتەن بەك بىنورمال ئىكەن. يىۋېرس مورېئو: «مەن ئاساسەن ساقچىلارنىڭ جىنايەتنى پاش قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ئەدلىيە DNA ئەۋرىشكىسى توغرىسىدا ئىشلەپ كېلىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولغان يەنى بۇنىڭغا 3 يىلدەك بولغان. مەن خىتاينىڭ بۇنداق زور كۆلەملىك DNA سانلىق ئامبىرىغا ئى‍گە بولۇشى قانۇن دائىرىلىرى ئىشلىتىدىغان نورمال يول ئەمەسلىكىنى كۆردۈم.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە 12 ياشتىن يۇقىرى ھەممە كىشىنىڭ قان ئەۋرىشكىسى توپلانغانلىقى، خىتايدا غايەت زور كۆلەمدىكى ئەركەك DNA ساندىنى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ نۇقتىدا بۇنداق زور كۆلەملىك سانلىق مەلۇماتنىڭ قانۇن ئ‍ىجرا قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشىنى ياخشى ئەمەلىيەت دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق زور كۆلەملىك سانلىق مەلۇمات قانۇن ئ‍ىجراچىلىرىنىڭ جىنايەتنى پاش قىلىش ئىقتىدارىنى ئازايتىپلا قالماي، بەلكى يەنە كەمسىتىش ۋە كونترول قىلىشنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ» دېدى.

ئەركەك DNA سنىڭ Y خروموسومى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى ئېنىقلاشتا بولۇپمۇ باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى ئېنىقلاشتا ھالقىلىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇڭا، بۇ خىل جىنايەتلەرنى ئېنىقلاشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن 2000-يىلى گېرمانىيەلىك ئىككى تەتقىقاتچىنىڭ باشچىلىقىدا «Y خروموسومىلىق ئىرسىيەت گېنلىرى (haplotype) سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» قۇرۇلغان.

«خەلقئارا ئ‍ەدلىيە گېنىتىك جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى، گېرمانىيە كولېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مولېكۇلا بىئولوگىيەسى ۋە گېن ئىلمىي پروفېسسورى پېتېر شىنايدېر Y خروموسومىنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى پاش قىلىشتىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ ھەر خىل كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنىڭ بەك مۇھىم ئ‍تىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پېتېر شىنايدېر مۇنداق دەيدۇ: «Y خروموسومى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ قانچىلىك كۆپ پەرقلىق ئاھالىلەرگە ۋەكىللىك قىلىشى شۇنچىلىك مۇھىم ھەم پايدىلىق. مەسىلەن، بىر مىسالنى ئالساق، ئەگەر سىزدە خىتايدىن كەلگەن ئەۋرىشكە بولسا، بۇ خىتايدىكى ھەرقانداق بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ بۇ مەيلى كۆپ سانلىق خىتايلارنىڭ بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ياكى تۇڭگان، تىبەتكە ئوخشاش باشقا مىللەتلەرنىڭ بولسۇن بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە خىتايلاردا كۆرۈلمەيدىغان بىر خىل خەپلوتايىپ (Haplotype) بار.»

پروفېسسور شىنايدېرنىڭ قارىشىچە، DNA ئەۋرىشكىلىرىنىڭ رازىلىق بىلەن ئېلىنىش ياكى ئېلىنماسلىقى بىر قانۇنى مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە باياتىنقى سوئال بىر قانۇنى مەسىلە، رازىلىق بىلەن ئېلىش ياكى ئالماسلىق مەسىلىسى بولۇپ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى باشقۇرۇۋاتقان بېرلىندىكى لۇتىز روئېۋېر بىلەن ساشا ۋۇللىۋايت ماڭا ھەر بىر ئەۋرىشكىنىڭ رازىلىق بىلەن ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى يوق ‍ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار بۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ ‍ئىلمىي ژۇرناللارغا تايىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، ئەگەر بۇ ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنسا بىز بۇ سانلىق مەلۇماتنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنى رازىلىق بىلەن ئېلىنغان، دەپ قارايمىز، دېدى.»

لېكىن يەنە بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ DNA ئۇچۇرىنى رازىلىق بىلەن بېرىش-بەرمەسلىك ئەركىنلىكى مەۋجۇت ئەمەس ‍ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ماسساچۇسېتتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى غول ھۈجەيرە تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ئىلىم ساھەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئالاقىدار DNA سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى بىردەك رەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

مايسەم مۇتەللىپوۋا 30-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ياكى باشقا تۈركىي خەلق ئەركەكلىرى ھەتتا بۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرۈپ ئىمزا قويدى، دېگەندىمۇ، ئۇلار ئ‍ۆزلىرىنىڭ DNA مەلۇماتىنى ئۆزى خالاپ ئەمەس، بەلكى بېسىم ئاستىدا ئامالسىز بېرىدۇ. مانا بۇ بىر مەسىلە. ھەتتا ئۇلار ئېلان قىلغان بەزى ماقالىلاردىمۇ ئەركەكلەردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەرنىڭ رازىلىق بىلەن ئېلىنغان ئېلىنمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بەلكىم، بۇ ئەركەكلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن بولۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.»

مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ قەيت قىلىشىچە، شۇڭا، خىتاينىڭ بۇ قەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىكەن. ئۇ: «ئۇلار گېنېتىك ئارخىپ قۇرۇپ چىقىپ، بۇنى تەتقىقاتلاردىمۇ قوللانماقتا. سىز كۆرگەندەك خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ماقالىلىرىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەييارلاپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ رازىلىقى ئېلىندى، دېسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دېدى.

بېلگىيە لۈۋۋېن كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى يىۋېن مورېئونىڭ ئېيتىشىچە، ئىلمىي تەتقىقاتتا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ۋەزىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندا پەۋقۇلئاددە دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىزنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭىزدىكى، ياكى ئاجىز ئورۇندىكى كىشىلەرنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشتا پەۋقۇلئاددە ئېھتىياتچان بولۇشىڭىز كېرەك. بولۇپمۇ مەھبۇسلاردا پەۋقۇلئاددە ئېھتىيات قىلىشىڭىز لازىم. بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەردىن قوشۇلامسەن-يوق، دەپ سورىسىڭىز، ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ قوشۇلىمەن، دەيدۇ. شۇڭا مەن ئۈچۈن جازالاشقا ئۇچراۋاتقان بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ رازىلىقىنى ئالدۇق دېيىش بەك مەنتىقىلىق ئەمەس» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە «Y خروموسومىلىق ئىرسىيەت گېنلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» ئ‍ۆزىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلىرىنى چىقىرىۋەتكەن.

«تەبىئەت» تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە «Y خروموسومىلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» غا يۈكلەنگەن ئۇيغۇر ئارخىپى 8 سانلىق مەلۇمات توپىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، «تەبىئەت» ژۇرنىلى ئۇيغۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى يۈكلىگەن 15 نەپەر خىتاي تەتقىقاتچىغا ئېلخەت يېزىپ، DNA ئىگىلىرىنىڭ رازىلىقىنى ئالغان-ئامىغانلىقىنى سورىغانلىقى، بىراق ئۇلاردىن پەقەت سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېن تەتقىقاتچىسى خو يىپىڭنىڭ جاۋاب قايتۇرۇپ، DNA ئىگىلىرىنىڭ رازىلىقىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.