قورالغا ئايلاندۇرۇلغان پاسپورت - ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتسىزلىك كرىزىسى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.04.03
bikar-qilinghan-xitay-pasporti.jpg كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ «قورالغا ئايلاندۇرۇلغان پاسپورت - ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتسىزلىك كرىزىسى» ناملىق تەپسىلىي دوكلاتىغا قويۇلغان سۈرەت. بىكار قىلىنغان خىتاي پاسپورتى.
UHRP

1-ئاپرېل كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «قورالغا ئايلاندۇرۇلغان پاسپورت - ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتسىزلىك كرىزىسى» ناملىق تەپسىلىي دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. 33 بەتلىك بۇ دوكلاتتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋە كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان مەسىلە، يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاش ۋە ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا ««چەتئەلدە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ پاسپورتى نورمال ئۇزارتىلىپ، ئالماشتۇرۇلۇپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا بار بولغان پاسپورتى بىكار قىلىنىپ، ئورنىغا بىر يۆنىلىشلىك ساياھەت ھۆججىتى چىقىرىپ بېرىلىپ، پاسپورتىنى يېڭىلاش ياكى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئۇلار خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەگەر قايتسا چەتئەلگە چىققانلىق ‹گۇناھى›بىلەن لاگېرلارغا سولىنىدۇ ياكى، تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ» دېيىلگەن.

رادىيومىز بۇ ھەقتە خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا-پاسپورت ئىشلىرى بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خادىم: «خىتاي پاسپورتىغا ئىگە بولغان، پاسپورت ئۇزاتماقچى بولغانلارنىڭ پاسپورتى بىردەك ئۇزارتىلىدۇ»، دېدى. «ئۇيغۇرلارنىڭچۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا جىددىيلىشىپ دۇدۇقلاپ كەتتى ۋە «مەن بۇ سىياسەت ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيمەن. بارلىق پاسپورت ئىشلىرى ئۈچۈن شەخس ئەلچىخانىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ». دېدى. بىز يەنە ئۇيغۇرلارغا پەقەت بىر يۆنىلىشلىك ساياھەت ھۆججىتى چىقىرىپ بېرىپ، قايتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇ «ئۆسەك سۆز، خىتايدا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ». دېدى، بىز ئۇنىڭدىن ئىسىم فامىلىسىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئامېرىكا ھاۋايى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قېلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىپ بەرمەسلىك ياكى تاق يۆلىنىشلىك ساياھەت ھۆججىتى چىقىرىپ بېرىش ئارقىلىق يەنى پاسپورتنى قورال قىلىپ تۇرۇپ چېگرانىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر پاسپورتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن قايتىسا بارىدىغان يېرى لاگېر بولىدۇ. قايتا چەتئەلگە قايتالمايدۇ. پاسپورتنى قورال قىلىپ ئۇيغۇرلارنى بېسىش 2009-يىللىرىدىن كىيىن باشلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشىمۇ قىيىن بولۇپ، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئاران ئالالايتتى، ھەتتا ئوچۇقتىن ئوچۇق كەمسىتىلىشكە ئۇچرايتتى. بىز بۇ دوكلات ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ياشاۋاتقان، پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن شۇ سەۋەبلىك، قانۇنلۇق تۇرۇشلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن چىقىرىۋەتمەسلىكىنى، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىك، لاگېرلارغا قايتۇرغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك».

دوكلاتتا يەنە: «ئۇيغۇرلار قانۇن بويىچە پاسپورتقا ئىگە بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغاچقا خىتايدىن چەتئەللەرگە ئەركىن ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ئىدى، ئەمدىلىكتە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاپ بەرمەسلىك، ئۇزارتىپ بەرمەسلىك قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەرىكەت ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرىكەت ئەركىنلىكى چەكلىنىۋاتىدۇ. نورمال ياشىشى تەسلىشىۋاتىدۇ. بىز مۇشۇ قىيىنچىلىقلارغا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ دوكلاتنى تەييارلىدۇق».

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان «دۆلەتسىزلىك كرىزىسى» غا قارىتا خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتىغا، ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە، ۋە خىتايغا: «بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى باشقا دۆلەت پۇقرالىرىغا ئوخشاش ‹ئىنسانلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىش› قانۇندىن بەھرىمەن بولۇشىغا، ئۇيغۇرلارغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ دۆلەتلەردە پاناھلىنىش رەسمىيىتىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شىۋېتسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە ۋەدە بېرىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى بويىچە، چەتئەلدىكى پۇقرالىرىنىڭ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پاسپورتىنى يېڭىلاش، ئۇزارتىش قاتارلىق قانۇنىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دەپ مۇراجىئەت قىلىنغان.

بۇ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنى ئۆزى بىۋاسىتە زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى، زۇبەيرە شەمشىدىن خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. زۇبەيرە خانىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ۋەتەنسىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ۋاقتىدا پاناھلىققا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا تاق يۆنىلىشلىك ساياھەت ھۆججىتىنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاپ تېخىمۇ خەتەرلىك بولغان تەقدىرگە مەجبۇرلاۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار قايتسا ئۈن-تىنسىز يوقاپ كېتىدۇ»، دېدى. ئۇ يەنە بۇ دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا تەۋسىيە قىلىنغېنىدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان قانۇنلار بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نورمال ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى 1951-يىلى ئېلان قىلغان مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى ۋە 1954-يىلى ئېلان قىلغان دۆلەت تەۋەلىكى ئەھدىنامىسى دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.