ئەر-ئايال ئۇيغۇر دوكتورلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى: تۈركىيەدە ئېچىلغان ئىككى چوڭ دوختۇرخانا

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە چىش دوختۇرىلىق ساھەسىدە ئوقۇپ يېتىشكەن دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا بىلەن ئايالى دوكتور ئامىنە بۇغرا تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە «فورۇم دېنت چىش ۋە ئېغىز سالامەتلىكى مەركىزى» نامىدا يېڭى دوختۇرخانىسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسپى ساھەسىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلدى.

بۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم يېڭىلىقلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئېچىلىپ ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر مۇراسىمغا «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندى، «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى فاتما ماراش خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە ئابدۇكېرىم بۇغرا بىلەن ئامىنە بۇغرانىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، كەسىپداش دوستلىرى شۇنىڭدەك تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى ئەنقەرەدىكى چوڭ جامە ئىمامىنىڭ دۇئاسى بىلەن باشلاندى.

«فورۇم دېنت چىش ۋە ئېغىز سالامەتلىكى مەركىزى» ئابدۇكېرىم بۇغرا ئائىلىسىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىللار ئىچىدە ئاچقان ئىككىنچى دوختۇرخانا بولۇپ، يېڭىدىن ئېچىلغان مەزكۇر دوختۇرخانىدا 5 چىش دوختۇرى ۋە باشقا خادىملار خىزمەت قىلىدىكەن.

دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا بىلەن ئايالى دوكتور ئامىنە بۇغرا «فورۇم دېنت چىش ۋە ئېغىز سالامەتلىكى مەركىزى» نامىدا ئاچقان چىش دوختۇرخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا لېنتا كېسىش مۇراسىمى. 2021-يىلى 23-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە.
دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا بىلەن ئايالى دوكتور ئامىنە بۇغرا «فورۇم دېنت چىش ۋە ئېغىز سالامەتلىكى مەركىزى» نامىدا ئاچقان چىش دوختۇرخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا لېنتا كېسىش مۇراسىمى. 2021-يىلى 23-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە.

ئابدۇكېرىم بۇغرا بىلەن ئايالى ئامىنە بۇغرا 2000-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ، تىرىشىپ ئوقۇپ ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ كېچىئۆرەن رايونىدا ئېچىلغان «فورۇم دېنت چىش ۋە ئېغىز سالامەتلىكى مەركىزى» نىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا دوختۇر ئابدۇكېرىم بۇغرا ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئايالى دوكتور ئامىنە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

ئابدۇكېرىم بۇغرانىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ 1977-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى قارىماي شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى دادىسىنىڭ خىزمىتى مۇناسىۋىتى بىلەن پوسكام نېفىتلىكىگە كۆچۈپ بارغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پوسكامدا ئوقۇغاندىن كېيىن خىتاينىڭ نەنجىڭ شەھىرىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. تۇنجى قارار ئىچكىرى خىتايدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن 32 ئوقۇغۇچى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان ئابدۇكېرىم بۇغرا 1996-يىلى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا بىر يىل ئوقۇغان. 1997-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چىش ۋە ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 2005-يىلى ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇش مەقسىتىدە تۈركىيەگە كەلگەن ئابدۇكېرىم بۇغرا ئەپەندى 2013-يىلى ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى چىش دوختۇرىلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى داۋالاش ۋە تۈزەش كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدى.

دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا بىلەن ئايالى دوكتور ئامىنە بۇغرا «فورۇم دېنت چىش ۋە ئېغىز سالامەتلىكى مەركىزى» نامىدا ئاچقان چىش دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىرى. 2021-يىلى 23-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە.
دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا بىلەن ئايالى دوكتور ئامىنە بۇغرا «فورۇم دېنت چىش ۋە ئېغىز سالامەتلىكى مەركىزى» نامىدا ئاچقان چىش دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىرى. 2021-يىلى 23-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە.

دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا ئەپەندى، ھازىرغىچە كۆپ ساندا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقاندىن سىرت يەنە ئۆزى ياۋروپا ئۆلچەملىرىگە توشىدىغان 2 دوختۇرخانا ئېچىش سەۋىيەسىگە يەتكەن. ئۇ، ئۆز كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن سىرت شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئېلىپ، مەزكۇر ۋەخپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتمەكتە. ئۇ، ئۇيغۇر دەۋاسىغىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئامىنە خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ قىسقىچە ھايات مۇساپىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، 1979-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1997-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېغىز بوشلۇقى داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇ، ئۈرۈمچىدىكى 2-دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇپ چىش دوختۇرىلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. .

ئابدۇكېرىم بۇغرا ئەپەندى تۈركىيەدە ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، لېكىن جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، ھەرقانداق كىشى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرى پەقەت تىرىشسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوختۇرخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئابدۇكېرىم بۇغرانىڭ كەسپىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگىمۇ باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئۆرنەكلىك بىر زىيالىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەرزۇرۇمدىكى ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى چىش دوختۇرىلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئابدۇقېيۇم ئەپەندى چىش دوختۇرىلىق كەسپى بويىچە ئوقۇپ تاكى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغىچە ئېرىشىشنىڭ بەك قىيىن ۋە ئۇزۇن مۇساپە ئىكەنلىكىنى، ئابدۇكېرىم ۋە ئۇنىڭ ئايالىدىن باشقا تۈركىيەدە بۇ كەسىپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئۇيغۇرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىككى دوختۇرخانا ئېچىشىنىڭ پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇكېرىم بۇغرا 2015-يىلى 30-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئاناتولىيە رايونىدىكى قىرشەھىر شەھىرىدە «ئىنجى چىش ۋە ئېغىز سالامەتلىكى مەركىزى» نى ئاچقان ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ كەسپى قابىلىيىتى ۋە دوختۇرخانا مۇلازىمىتىدە شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ دوختۇرخانىسى تەرەققىي قىلىش ۋە بارغانسېرى كېڭىيىش دەرىجىسىگە قاراپ يۈزلەنگەنىدى.