دوختۇر قەيسەر: ئۇيغۇرلارنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن ئەنئەنىۋى تېبابەتنى بىرلەشتۈرۈپ نەتىجە قازاندىم

0:00 / 0:00

«مەن بۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتىم، بۇلار شۇنداق ئەستايىدىل ۋە مېھرىبان ئىكەن» دېگەن بۇ جۈملىلەر شىۋېتسارىيەلىك بىر چوڭ كارخانا خوجايىنى فراۋ ئەنكنەخت خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئىللىق باھاسىدۇر. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 12-ئاۋغۇست كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ بېرن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دوختۇر قەيسەر ئابدۇقادىرنىڭ يېڭى ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئېيتتى.

بىر قانچە ۋاقىتلاردىن بۇيان دوختۇر قەيسەر ئابدۇقادىر تەرىپىدىن داۋالىنىپ يۇقىرى ئۈنۈمىنى كۆرگەن فراۋ ئەنكنەخت خانىم قەلب سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «مەن بۇ يەردە شۇنداق ياخشى بىر داۋالاش جەريانىنى باشتىن كەچۈردۈم، بولۇپمۇ دوختۇر قەيسەرنىڭ ھەم غەرب تېبابىتى ھەم ئەنئەنىۋى تېبابەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ داۋالىشى شۇنىڭدەك بەكرەك ماڭا تەسىر قىلغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سەمىمىي ۋە مېھرىبانلىقى.

مەنچە بىر كېسەل ئۈچۈن داۋالاشتىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق نەرسە داۋالاش جەريانىدىكى مېھرىبانلىقتۇر ۋە بۇ مېھرىبانلىقنى مەن ئۇيغۇرلاردىن ھېس قىلدىم» .

قەيسەر ئابدۇقادىر خانىمى بەختىنۇر بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، 2023-يىلى 12-ئاۋغۇست، بېرن
قەيسەر ئابدۇقادىر خانىمى بەختىنۇر بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، 2023-يىلى 12-ئاۋغۇست، بېرن (RFA/Hebibulla Izchi)

پۈتكۈل ياۋروپادا ياشاۋاتقان تەخمىنەن 15 مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغانلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، دوختۇر قەيسەر ئابدۇقادىر 12-ئاۋغۇست كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ بېرن شەھىرىدە ئۆزىنىڭ 2012-يىلى قۇرۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان داۋالاش ئورنىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ چوڭ بىر ئەنئەنىۋى داۋالاش ئامبۇلاتورىيەسى قىلىپ قۇرۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا شىۋېتسارىيەلىك دوختۇرلار، ئادۋوكاتلار ۋە شىۋېتسارىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. مۇراسىم ئەتىگەن سائەت 9:00 دا باشلىنىپ بىر كۈن ھەقسىز داۋالاش ۋە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

شىۋېتسارىيەلىك تۈرك دوختۇر، كۆپ يىللاردىن بۇيان قەيسەر ئەپەندى بىلەن دوستانە ئۆتكەن تەسلىم فىدانئوغلۇ قەيسەرنىڭ تېببىي خىزمەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن 15 يىلدىن بۇيان دوختۇر قەيسەر بىلەن تونۇشىمەن، ھەتتا بىزنىڭ ئورتاق بېمارلىمىزمۇ بار. 12-ئاۋغۇست دوختۇر قەيسەرنىڭ يېڭى دوختۇرخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم. دوختۇرخانا ناھايىتى كەڭ-كۇشادە ۋە پۈتۈن ئىمكانلار ھازىر بولغان ئاساستا ئېچىلغان بولۇپ، دوختۇر قەيسەر ھەم غەرب تېبابىتى ھەم ئەنئەنىۋى تېبابەتكە پۇختا بىر دوختۇر. مەن كەسىپدېشىمغا تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن» .

تېببىي تېخنىكىنىڭ كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئەنئەنىۋى داۋالاشقا بولغان ئېھتىياجمۇ ئېشىپ بارماقتا. شۇنداقلا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئەنئەنىۋى داۋالاشقا بولغان قىزىقىشلار ئاشماقتا. بۇ، ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئەنئەنىۋى تېبابەت ئىلمىدە ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاساسلىق تاللىشى بولۇپ قالغانىدى. دوختۇر قەيسەر ئەنە شۇنداق غەرب تېبابىتى بىلەن ئەنئەنىۋى تېبابەتنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپلىگەن بىمارلارنى داۋالاشتا ئۈنۈم يارىتىپ جەمئىيەتتە بارا-بارا ئۆز تەسىرىنى ئاشۇرغانىدى.

شىۋېتسارىيەدە ياشايدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەھىيە كومىتېتى مۇدىرى ۋە شىۋېتسارىيەدە ئۇيغۇر تېبابىتى نامىدا فىزىكىلىق داۋالاش ئورنى ئېچىپ كېلىۋاتقان دوختۇر ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قەيسەرنىڭ تېببىي خىزمەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپالىق كىشىلەرنى، بولۇپمۇ گېرمان تىللىق رايونلاردىكى كىشىلەرنى داۋالاش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مېھرىبانلىقى، كۆيۈمچانلىقى ۋە كېسەل داۋالاش جەريانىدىكى قىزغىن مۇلازىمىتى بۇ كىشىلەرگە مېھرىبانلىق بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوختۇر قەيسەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى ئوقۇش ۋە يەرلىشىپ قېلىش ھەم داۋالاش ئورنى قۇرۇپ مەخسۇس كېسەل داۋالاش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش جەريانلىرىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار، ئۇزۇن مۇرەككەپ مۇساپىلەر ۋە ئېرىشكەن تەجرىبىلىرى ھەققىدە توختالدى.

قەيسەر ئابدۇقادىر بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەھىيە كومىتېتى رەئىسى ئەندىلى ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا، 2023-يىلى 12-ئاۋغۇست، بېرن
قەيسەر ئابدۇقادىر بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەھىيە كومىتېتى رەئىسى ئەندىلى ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا، 2023-يىلى 12-ئاۋغۇست، بېرن (RFA/Hebibulla Izchi)

دوختۇر قەيسەر ئۆزىنىڭ نەتىجە قازىنىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مېھرىبانلىق خىسلىتى بىلەن ئەنئەنىۋى تېبابەتنى بىرلەشتۈرۈپ بىمارلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، بىمارلارنىڭ ئۆزلىرىگە دائىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈرلۈك سوئاللارنى قويىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، ئاخىرىدا ياۋروپادا ياشاپ ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلەش يولىدا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ ئۆز تەسىراتلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپادا تىرىشسىلا پۇرسەت بار، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىك ھەممە مەغلۇبىيەتنىڭ باشلىنىشى، ھازىر ياۋروپاغا كەلگەن ياشلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئوقۇغان بىلىملىك كىشىلىرىمىز مەۋجۇت، بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ساھەسىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانداق بىر مىللەت، بۈگۈن قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتىدۇ بۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ شەرت-شارائىتىمىزدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىش ۋە بىلدۈرۈش تارىخىي بۇرچىمىز» دېدى.

قەيسەر ئابدۇقادىر 1967-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ، 1984-1992-يىلىغىچە خىتاينىڭ گۇاڭجۇدىكى جۇڭشەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي تېبابىتى بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، 1992-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق 2-دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 2001-يىلى 8-ئايدا شىۋېتسارىيەنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شۇ يىلى 8-ئايدىن باشلاپ شۋېتسارىيەنىڭ دۆلەتلىك يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا «ياۋروپادىكى سىركۇلاسىيون» دېگەن ژۇرنالدا ھۈجەيرە تەتقىقاتى تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ، 2004-يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.

قەيسەر ئابدۇقادىر خىتايدىكى ئۆگەنگەنلىرى ۋە شىۋېتسارىيەدىكى ئوقۇغانلىرىنى ئاساس قىلىپ، ياۋروپادىكى ئەنئەنىۋى داۋالاشقا بولغان ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، شىۋېتسارىيەدە 2008-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ 2011-يىلىغىچە ئۈچ يىل ئەنئەنىۋى داۋالاش كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ، شىۋېتسارىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇخسىتى بىلەن 2012-يىلى 12-ئايدا شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى ئامبۇلاتورىيەسىنى ئاچقانىدى.

قەيسەر ئەپەندى بىر تەرەپتىن ئوقۇش بىر تەرەپتىن ئائىلە بېسىمى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، خانىمى بەختىنۇرمۇ فىزىكىلىق داۋالاش بويىچە بىلىم ئاشۇرغان، ئۇ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىدە ئىشلەشنى باشلاپ، ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى سانى ئاز بولۇپ، تەخمىنەن 200 ئەتراپىدا كىشى بار. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن، ئاز بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن. شىۋېتسارىيە ئۇيغۇرلىرى تېخى بۇ دۆلەتكە يېڭى بولۇپ، بىر قىسمى 2000-يىللاردىن تارتىپ، ئوقۇش سەۋەبى بىلەن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار، يەنە بىر قىسمى بىۋاسىتە ئۇيغۇر ئېلى ياكى تۈركىيەدىن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قالغانلاردۇر.

نۆۋەتتە شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە دوختۇرلار، دىپلوماتلار، مائارىپچىلار، ئىلمىي خىزمەتچىلەر ۋە سەنئەتكارلار قاتارلىق يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەر مەۋجۇت. بۇلار ئارىسىدا دوختۇرخانا ئاچقانلار، ھەر خىل چوڭ شىركەتلەر ۋە فابرىكىلاردا ئىشلەۋاتقانلار بار بولۇپ، بۇلار شىۋېتسارىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش ۋە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە. شىۋېتسارىيەدە ئولتۇراقلىشىپ تۇنجى تۈركۈمدە دوختۇرخانا ئاچقان قەيسەر ئەپەندى ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دوختۇردۇر.