د ئۇ ق ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەپ مېدال تەقدىم قىلغان

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بىر قىسىم شەخىسلەر ۋە ئۇيۇشمىلارغا مېدال تەقدىم قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇغا «شۈكران مېدالى» بېرىلدى ۋە تون كېيدۈرۈلدى. مۇراسىمدا ياۋروسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر شائىرى مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «سوغۇق قىرغاق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى تونۇشتۇرۇلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىنغا ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ باشچىلىقىدىكى يازغۇچىلار، شائىرلار، ئۇنىۋېرسىتېتلەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر تىلى بويىچە دوكتورلۇق ۋە ماگېستىرلىق ئوقۇۋاتقان ئوقۇچىلار ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن بولۇپ، 60 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇغا «شۈكران مېدالى» بېرىلدى ۋە تون كىيدۈرۈلدى. 2022-يىلى 13-ماي، ئىستانبۇل.
ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇغا «شۈكران مېدالى» بېرىلدى ۋە تون كىيدۈرۈلدى. 2022-يىلى 13-ماي، ئىستانبۇل. (RFA/Erkin Tarim)

يىغىندا ئالدى بىلەن د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنى چەكلەپ، ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدە تونۇلۇشىدا زور تۆھپىلەرنى قوشقان دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى بۈگۈنگىچە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ئاشىرىنىڭ ‹ئىدىقۇت› ناملىق تارىخىي رومانىنى، تونۇلغان يازغۇچى مەرھۇم خېۋىر تۆمۈرنىڭ ‹بالدۇر ئويغانغان ئادەم› ناملىق تارىخىي رومانىنى، مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹ئانا يۇرت› ناملىق رومانىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، نەشىر قىلدۇردى. بۇلاردىن سىرت نورۋېگىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ ئىككى شېئىرلار توپلىمىنى تۈرك تىلىدا نەشىر قىلدۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك كىنو ئىشلەپ تارقاتتى. ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ھەر يىلى ‹خەلقئارا مەھمۇد كاشغەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى› ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تونۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشماقتا. بۇلاردىن سىرت ياۋروئاسيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى نەشىر قىلىۋاتقان ‹تۇغقان قەلەملەر› ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تورغىسىدا نۇرغۇن تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قىلغان بۇ خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىمىز.»

مۇراسىمنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە مېدال تەقدىم قىلىنىپ، تون ۋە دوپپا كېيدۈرۈلگەن ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە د ئۇ ق نىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى 1995-يىلىدىن تارتىپ تونۇيدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ تونۇتۇلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىڭلارغا كۆپ رەھمەت! بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. لېكىن ئىمكانىيەتىمىز تازا يار بەرمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىز 16 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تۈركىيەدە تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تۈرك دۇنياسىدا، بولۇپمۇ تۈركىيە تونۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ بىز بىلەن يەنىمۇ ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان شائىر مۇتەللىپ سەيىدۇللانىڭ «سوغۇق قىرغاق» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىگە رەھمەت ئېيتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نامەتجان مەمەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تۈركىيەدە تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى 2006-يىلى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، رۇسيە فېدېراتسىيەسى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان يازغۇچى ۋە شائىرلار ئەزا بولغان تەشكىلاتتۇر. ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا «بەنگۈ نەشرىياتى» بىلەن «قېرىنداش قەلەملەر» نامىدىكى ژۇرنال بار بولۇپ، ئۇلار تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاپ تۈركچىگە تەجىمە قىلدۇرۇپ، نەشىر قىلماقتا.