بېلورۇسىيەدە 2020-يىل «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىلى» دەپ ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، بولۇپمۇ تەتقىقاتچىلار، كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئورگان-تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ھەم بۈگۈنكى تەقدىرىگە بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمى جايلاشقا قازاقىستاندا تىل، مائارىپ، سەنئەت، مەدەنىيەت جەھەتتىن خېلى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشلىرى، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ئەمگەكلەر يورۇق كۆرمەكتە. بۇ ئەمگەكلەر باشقا تىللاردىمۇ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. بېلورۇسىيەنىڭ 2020-يىلنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىلى» دەپ ئېلان قىلىشى شۇنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتىدۇر.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بېلورۇسىيەنىڭ 2020-يىلىنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىلى» دەپ ئېلان قىلىشى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىكى چوڭ بىر تارىخىي ۋەقە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ناھايىتى باي ئەدەبىياتقا ئىگە خەلق. ئەمما كېيىنكى ئىككى ئەسىردە ئەدەبىياتىمىز ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئىللىق قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن بېلورۇس يازغۇچىلىرغا ئاپىرىن دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يىلى نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرىمىز تونۇشتۇرۇلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئالىمجان ھەمرايېف بېلورۇسىيە ۋە قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەم ئومۇمىي تەرەققىياتىغا باغلىق كۆپلىگەن ماقالىلارنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، سۆھبەتلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يىلى تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى يازغۇچىلىرىمىز، شائىرلىرىمىز جەزمەن تونۇشتۇرۇلىدۇ. قازاقىستان ۋە ئانا دىيارىمىزدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ رۇس ۋە بېلورۇس تىللىرىدىكى ئىككى توملۇق ئىنسىكلوپېدىيەسىنى تەييارلاش نىيەت قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بېلورۇسىيەدە چوڭ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش كۈتۈلمەكتە. بولۇپمۇ ئانا دىيارىمىزدا تەقىپلەر كۈچىيىۋاتقان بىر دەۋىردە بېلورۇسىيەدە ‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىلى› نىڭ ئېلان قىلىنىشى پۇچۇلغان روھىمىزنى سۆزسىز يېنىكلەشتۈرىدۇ.»

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى سۋېتلېنا ئانانىيېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بېلورۇسىيەنىڭ ئاخبارات مىنىستىرى ئالېكساندىر كارليۇكېۋىچ تەرىپىدىن بېلورۇسىيەدە 2020-يىلى ‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىلى› دەپ ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا كۆپلىگەن ئامىللار سەۋەب بولدى. شۇلارنىڭ بىرى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ بېلورۇسىيەنىڭ ‹نيومان› ژۇرنالىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە بىر قاتار تەتقىقاتلىرىنى ئېلان قىلىنىشى بولدى. ئۆتكەن يىلدىكى يەنە بىر مۇھىم ۋەقە يازغۇچى ئالېكساندىر كارليۇكېۋىچنىڭ ‹شۇبۇرشۇن ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى› ناملىق چۆچىكىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىشى. بۇنىڭ ئالدىدا مەزكۇر ئەسەر ئۆزبېك، تاتار، باشقۇرت، قازاق ۋە باشقىمۇ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى 2017-يىلى ئومسك پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ‹غۇنچە› ژۇرنالىنىڭ ئىككى سانىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ژۇرنالدا كارليۇكېۋىچنىڭ يۇقىرىدا ئاتالغان ئەسەرى ئېلان قىلىنغان. كارليۇكېۋىچ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ زىيا سەمەدى ئىجادىيىتى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بىلەن ياخشى تونۇش. مەن ئويلايمەنكى، بېلورۇسىيەدە بۇ يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان كۆپلىگەن پائالىيەتلەر يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتىدۇ.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، كاندىدات-دوكتور شائىرەم باراتوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىسىز ھېس قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇيغۇرلار قەيەردە بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، بۈگۈنكى ھاياتى، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، تىلى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھازىرقى تارىخىي ۋەتىمىنىز-ئۇيغۇر ئېلى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. كۆپ ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە ئەدەبىياتىمىزغا كېلىدىغان بولساق، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن مەشھۇر يازغۇچىزىيا سەمەدى باشلىق بىر تۈركۈم شائىر ۋە يازغۇچىلار ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ چىقىپ، بۇ يەردىكى ئەدەبىياتىمىز مۇھىتىغا يېڭى روھ، جۇشقۇن تەرەققىيات بېغىشلىدى. نەتىجىدە بولۇپمۇ 70-80-يىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا قول يەتكۈزدى.»

شائىرەم باراتوۋا بۈگۈنكى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باشقا مەملىكەتلەرگە تونۇلۇشىدا تەرجىمىچىلىك ئىجادىيىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنىڭ بېلورۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ يىلى بېلورۇسىيەدە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ئۈچۈن چوڭ بىر يېڭىلىق ۋە خۇشاللىنارلىق نەتىجە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.