ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نادىر ئۈلگىلىرى فرانسۇز تىلىدىكى «جەنتايۇ» مەجمۇئەسىدىن ئورۇن ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرمىز ئازىغ
2022.09.28
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نادىر ئۈلگىلىرى فرانسۇز تىلىدىكى «جەنتايۇ» مەجمۇئەسىدىن ئورۇن ئالدى فىرانسىيەدە ئاسىيا ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «جەنتايۇ» (جەنتايۇ) ژورنىلىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان 2022-يىللىق سانى.
RFA/Azigh

فىرانسىيەدە ئاسىيا ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «جەنتايۇ» (Jentayu) ژورنىلىنىڭ 2022-يىللىق سانى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان. «جەنتايۇ» ژورنىلى فىرانسىيەدە ھەر ئىككى يىلدا بىر نەشىر قېلىنىدىغان فىرانسۇز تىلىدىكى ئەدەبىي مەجمۇئە بولۇپ، مەزكۇر ساننىڭ تۈزگۈچىلىرىدىن فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىتنىڭ ئېيتىشىچە، «بۇ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئوخشىمايدىغان ژانېردىكى ئەسەرلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنىشى» ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر مەجمۇئەنىڭ مەخسۇس سانىنى تۈزگۈچىلەردىن بېلگىيە ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋانىسا فىرانگۋىل (Vanessa Frangville) بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر مەجمۇئەنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس سانىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىدىكى جەريانلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، نۇرغۇنلىغان مۇھىم يازغۇچىلار ۋە شائىرلار تۈرمىلەردە ياكى سۈرگۈندە. ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا ئورۇن بېرىش بىز ئۈچۈن مۇھىم. فرانسىيە ئوقۇرمەنلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ناھايىتى ئاز ئېرىشەلەيدۇ. بىز ئۇلارغا بۇ پۇرسەتنى سۇنۇشنى ئويلىدۇق. مەقسىتىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شېئىر، ھېكايە ۋە ئاغزاكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى فرانسۇز تىللىق ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش ئارقىلىق، زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ خىللىقى، رەڭدارلىقى ۋە يېڭىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتۇر.»

فىرانسىيەدە ئاسىيا ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «جەنتايۇ» (جەنتايۇ) ژورنىلىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان 2022-يىللىق سانى.

فىرانسىيەدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مۇقەددەس مىجىت خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى:

«ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئاجىز بىر مىللەتلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان، دۇنيانىڭ رەڭگا-رەڭلىكىگە ئۆز ئۆلۈشىنى بېغىشلىغان، ھاياتى كۈچى ۋە مۇستەھكەم ئاساسىي بار مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

مەزكۇر مەجمۇئەنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس سانىغا ئاساسلىقى پەرھات تۇرسۇن، غوجا مۇھەممەد مۇھەممەد، تاھىر ھامۇت قاتارلىق تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خالىدە ئىسرائىل، پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ پىروزا ئىجادىيەتلىرى كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر مەجمۇئەدە ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى، خىتاي تىلى ۋە بىۋاستە فىرانسۇز تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە كلالسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىي-چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان ئۆرنەكلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر خەلق ئازغاكىي ئەدەبىياتىنىڭ ئۆرنەكلىرىدىن سوپىزىمغا ئائىت خانىقا تېكىستلىرى، ھېكمەتلەر، بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئەللەي ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ۋانىسا خانىم، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ناھايىتى مول ئەنئەنىگە ئىگە ئىكەنلىكى، ئۆتكەن بىر ئەسىردە نۇرغۇن يىڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئوخشاش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ ئۇسلۇب ۋە تېما جەھەتتە نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يەنە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىق بىلەن كۈچلۈك باغلانغان. ئۇيغۇر يازغۇچىلار يەنە پۈتۈن تېمىلارنىڭ خىتاينىڭ مۇھىتىدا سەزگۈر تېما ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ۋە سىياسىي مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىمۇ بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بەدئىي ئىجادىيەتتە ۋە پىكىرنى ئىپادىلەشتە ئوخشىتىش، سىمۋول ۋە باشقا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن كۆپ پايدىلىنىدۇ.»

ۋانىسا خانىم، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇرەككەپ، كۆپ خىل ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان بۇ سان مەجمۇئە ئارقىلىق، فرانسۇز تىللىق ئوقۇرمەنلەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە يېڭى بىر كۆز قاراشنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىلھام بېرىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە يېڭى چۈشەنچىلەر ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەزكۇر مەجمۇئەنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس سانىغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن مەردان ئەھەتئەلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

2014-يىلى قۇرۇلغان «جەنتايۇ» مەجمۇئەسى ئاساسلىقى ئاسىيا ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان بىر ژورنال بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسىدىكى خەلىقلەرنىڭ ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى يورۇتۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.