ياپونىيەدە ياشاۋاتقان كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى غەيرەت كەنجى ئەپەندى، 2003-يىلى ئۆزى ئىشلەپ چىققان «ئۇيغۇر ئېدىت» يۇمتالىنى ھەقسىز تارقىتىپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ۋە يېزىقچىلىقىدا زور قولايلىق ياراتقان ئىدى. ئۇ يەنە 2021-يىلى «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ ۋىندوۋس نۇسخىسىنى ئىشلەپ تارقاتقان. بۇ يىل سېنتەبىردە غەيرەت كەنجى ئەپەندى يەنە «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ ئىملا توغرىلاش ۋە تەھرىرلەش نۇسخىسى بولغان UyghurEdit PP نى تولۇقلاپ ئىشلەپ تارقاتقان.
11-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيەدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غەيرەت كەنجى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ 2003-يىلدىن بۇيان توردا ھەقسىز تارقىتىپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئېدىت» يۇمتالىغا بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆپ مەشغۇلات ئىقتىدارىنى قوشقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىملا توغرىلاش ۋە تەھرىرلىك جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، 2023-يىلى 9-ئايدا يېڭىلىنىپ تورغا قويۇلغان «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى «ئۇيغۇر ئېدىت پ پ» (UyghurEditPP) دېگەن نام بىلەن كەڭ قوللانغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلغان.
غەيرەت كەنجى ئەپەندى «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ بۇ قېتىم يېڭىلانغان نۇسخىسىنىڭ ئىلگىرىكى نۇسخىلارغا قارىغاندا ئۈچ جەھەتتە ئارتۇقچىلىققا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى:
بىرىنچىدىن، بۇ قېتىم يېڭىلىنىپ تارقىتىلغان «ئۇيغۇر ئېدىت پ پ» يۇمتالدا «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ تەھرىرلەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى زور دەرىجىدە مۇكەممەللەشكەن.

ئىككىنچىدىن، بۇ قېتىم يېڭىلىنىپ تارقىتىلغان «ئۇيغۇر ئېدىت پ پ» يۇمتالغا 2009-يىلى نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» دىكى سۆز بايلىقلىرى تولۇق يۈكلەنگەن. يەنى سۆلەرگە قوشۇمچە قوشۇلۇپ تۈرلەنگەندىن كېيىن، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلاشماسلىق پرىنسىپىغا بويىچە، 400 مىڭدىن ئارتۇق سۆزدىن تەركىب تاپقان سۆزلۈك ئامبىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ يۇمتالنىڭ ئىملانى ئاپتوماتىك توغرىلاش ۋە تەھرىرلەش ئىقتىدارى، شۇنداقلا توغرىلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشقان.
ئۈچىنچىدىن، «ئۇيغۇر ئېدىت» يۇميالىنىڭ «ئۇيغۇر ئېدىت پ پ» نۇسخىسىدا ئۇيغۇر كونا يېزىقى، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ۋە ئۇيغۇر سلاۋىيان يېزىقىنى بىر بىرىگە ئاپتوماتىك ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى يېڭىلىلانغان. يەنى بۇ قېتىم يېڭىلانغان نۇسخىدا بۇ ئۈچ يېزىقتىكى يازمىلارنى بىر بىرىگە ئاپتوماتىك ئايلاندۇرغاندا، ئىلگىرىكى نۇسخىلاردىكى سان ۋە بىر قىسىم شەرتلىك بەلگىلەرنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش ھادىسىسى ھەل قىلىنغان.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا غەيرەت كەنجى ئەپەندى، «ئۇيغۇر ئېدىت پ پ» يۇمتالىنى گىتخاب تورىدىن ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تور قوللانغۇچىلارنىڭ گىتخاب تورىغا كىرىپ، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن «ئۇيغۇر ئېدىت» يۇمتالىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى ھەقسىز چۈشۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
[ https://github.com/gheyret/UyghurEditPPOpens in new window ]
بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي مەزمۇنلارنى مەزكۇر سۆھبەتنىڭ يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
