ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر ئۇچۇم قۇمىمۇ خىتاينىڭ «ئالتۇن خەزىنىسى» گە ئايلانماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.08.21
Qum-bilen-dawalash-turpan-1920 خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر قىسىم شىركەتلەر يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە يەرلىك داۋالىنىش بايلىقىغا كۆز تىكىپ، «قۇمنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش» تىن ئىبارەت قۇم بىلەن داۋالاش ساياھەت تۈرىنى بازارغا سېلىشقا باشلىغان.
Photo: RFA

قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالاش ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك بايلىقلىرىنىڭ بىرىدۇر. ھالبۇكى، خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر قىسىم شىركەتلەر يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە يەرلىك داۋالىنىش بايلىقىغا كۆز تىكىپ، «قۇمنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش» تىن ئىبارەت قۇم بىلەن داۋالاش ساياھەت تۈرىنى بازارغا سېلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەلقى ئەسىرلەر بويى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تۇرپان ئويمانلىقىدا قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش تەجرىبىسى ۋە تېبابەت ئەنئەنىسى خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ پايدا-مەنپەئەت ئۈندۈرىدىغان بايلىق مەنبەسىگە ئايلانغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى تۇرپان، پىچان ئويمانلىقىدىكى يازنىڭ تومۇز ئاپتىپىدا قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش مەركەزلىرى خىتاي ساياھەتچىلەرنى «جەلپ قىلىش» تىكى مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان. ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ قارمىقىدا تۇرپان، پىچان رايونلىرىدا مەخسۇس «قۇم بىلەن داۋالاش مەركەزلىرى» ئېچىلغان. يېقىنقى ۋاقىتلارغا كەلگەندە بۇ مەركەزلەر تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، خىتاي ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتىكى مەخسۇس داۋالىنىش ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئايلىنىشقا باشلىغان. بۇ تۈردىكى داۋالاش مەركەزلىرى شارائىتىنىڭ ياخشى ۋە داۋالاش تۈرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى بىلەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان، شۇنداقلا «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىدىغان» داۋالاش-ساياھەت ئورنىغا ئايلانغان.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەجرىبىلىك تېۋىپ شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇر خانىم، ئۇزۇن تارىختىن بېرى ئۇيغۇرلار داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى مۇھىم داۋالاش تۈرلىرىدىن بىرى بولغان قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش ئۇسۇلىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ «جەلپكار نۇقتىسى» غا ئايلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇرپان شەھىرى ئۆزىنىڭ ئەۋزەل بولغان قۇم بىلەن داۋالاشتىن ئىبارەت ئەۋزەل يەرلىك شارائىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، «قۇم بىلەن داۋالاش بازىرى» نامىدىكى تۈر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەنلىكى مەلۇم. تۇرپان شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قۇم بىلەن داۋالاش مەركىزىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىپ، كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن. نۆۋەتتە ھەر يىلى تۇرپانغا كېلىپ قۇم بىلەن داۋالىنىدىغانلارنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان 6-ئايدىن 7-ئايغىچە تەخمىنەن 55 مىڭ ئادەم پىچان ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ «قۇمتاغ قۇملۇقى داۋالاش مەركىزى» دە داۋالىنىپ، تەخمىنەن 8 مىليون يۈەن (1 مىليون 112 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) ساياھەت كىرىمى ياراتقان.

شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇر خانىم، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى تەبىئىي قۇم بىلەن داۋالاش مەركەزلىرىگە كېلىدىغان ئادەم سانىنىڭ تۈركۈملەپ كۆپىيىشى، بۇ مەركەزلەرنىڭ ئىلگىرىكى داۋالاش ئۈنۈمىگە مەلۇم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى، ھەتتا ساياھەت ۋە پايدا-مەنپەئەتنى كۆزلىگەن ۋە كۆلەملەشتۈرۈلگەن ساياھەتچىلىكنىڭ قۇم بىلەن داۋالىنىشتىن ئىبارەت ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي داۋالاش سىستېمىسىغا زەرەر شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شىددەت بىلەن كۈچەيتىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي»، «شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەش» قاتارلىق سىياسىي تەشۋىقات ساياھەتچىلىكى قاتارىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر ئۇچۇم قۇمىمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پايدا-مەنپەئەت ئالىدىغان «ئالتۇن خەزىنىسى» گە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلىشتىكى كوزىرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتىكەن. بۇ ئەھۋال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپان، پىچان رايونلىرىدا قۇرۇلۇۋاتقان قۇم بىلەن داۋالاش مەركەزلىرىدە يەنە، سىرتتىكى تەبىئىي قۇملۇققا كۆمۈلۈپ داۋالىنىشتىن باشقا قۇمنى «ئۆي ئىچىگە يۆتكەش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرى ۋە تۇز ئارىلاشتۇرۇلغان ئىسسىق قۇمنى ئىشلىتىپ، ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇن خېرىدارلار ئۈچۈن داۋالاش ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇر خانىم، بۇ خىلدىكى ئۆي ئىچىدە قۇم بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

 «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدا ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە ساياھەتچىلەر ۋە ھەر خىل بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۈچۈن، ھەم ساياھەت ھەم داۋالاش مەزمۇن قىلىنغان ئائىلىۋى مېھمانخانا كەسپى ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان ئىكەن. بۇ تۈردىكى خەۋەرلەردە تۇرپان ۋە پىچان رايونلىرىدىكى بۇ خىل ساياھەت ۋە داۋالاش مەركەزلىرىنىڭ «ئالتۇن رەڭ قۇم بىلەن داۋالاش + كېسەكتە سېلىنغان ئائىلىۋى مېھمانخانا + يېشىل ئۈزۈم كارىدورى» ماركىسىنى ياراتقانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سېلىنغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئائىلىۋى خاس مېھمانخانىلار، قۇم بىلەن داۋالاش ئىستىراھەت كەنتى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلغانلىقى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.

ئىلگىرى ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىي بويىچە ئوقۇغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور مۇختەر چوڭ ئەپەندى، «دەردكە داۋا، تەنگە شىپا» بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى بولغان قۇم بىلەن داۋالاش ھەققىدە ئىقلىم ۋە جۇغراپىيەلىك نۇقتىدىن پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىنىدىكى، بولۇپمۇ تۇرپان ئويمانلىقىدىكى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغان رايونلاردا قۇملۇقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە شىپالىق رولى توغرىسىدا جۇغراپىيەلىك نۇقتىدىن چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىمۇ داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە قۇملۇق رايونلارنىڭ بارلىقى مەلۇم. ئۇچتۇرپاندىكى «قۇمبۇلۇڭ قۇم بىلەن داۋالاش مەيدانى» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ يەنە بىر «جەلپكار نۇقتىسى» ئايلانماقتا ئىكەن. دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندە يەر ئۈستىدىكى بىر ئۇچۇم قۇمىمۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ياراتقان تېبابەت ۋە تەبىئىي داۋالىنىش بايلىقلىرىنىڭ ھەر بىر تال خۇرۇچىمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چۆنتىكىنى توشقۇزىدىغان «خەزىنە» گە ئايلىنىشى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە. ئۇلار بىردەك، بۇ خىتاينىڭ زېمىن ئىشغالىيەتچىلىكى بىلەن بىر ۋاقىتتا مەدەنىيەت تالان-تاراجىنىڭمۇ تەڭ قەدەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.