مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىنى بۇزۇپ، ئۇنى سانائەت ئەخلەتخانىسىغا ئايلاندۇرماقتا
2024.03.28
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى خىتاينى ئېلېكتىر-ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، نېفىت مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشىنىڭ كۈنسايىن شىددەت بىلەن ئېشىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ، تۇپراق ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى شۇنىڭدەك باشقا ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن « خىتاي ئاخبارات تورى» دا خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا تارىم نېفىتلىكى 10 مىڭ مېتىرلىق قۇدۇق كولاپ، ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق كولاش رېكورتىنى ياراتقان. ئۇلار قېزىلغان بۇ قۇدۇقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن 19 مىليون 700 مىڭ توننا نېفىت-گازى ئالغان ۋە ئۇنى «10 مىڭ مېتىرلىق قۇدۇق، بىزنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىمىز» دەپ ماختانغان. ئۇنىڭدىن باشقا «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرىدە يەنە، تارىم دەرياسىنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىدىكى ئاتالمىش «ئېكولوگىيەلىك» سۇ قويۇپ بېرىش قۇرۇلۇشىنىڭ 25-قېتىملىقى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلغان.
ۋاھالەنكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن باشلاپ تارىم نېفىتلىكىدە كۆپلىگەن قۇدۇقلارنىڭ قېزىلىپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قېزىلىشى ، تارىم ۋادىسىغا خىتاي بىڭتۈەنىنىڭ كۆپلەپ ئورۇنلىشىپ يەر ئېچىشى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ ئازلاپ، توغراقلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە باشقا بىر قاتار ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىشىغا سەۋەب بولغانىدى. دەرۋەقە، نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھەددىدىن ئارتۇق مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنىڭ تارىم ۋادىسىنى غايەت زور «سانائەت ئەخلەتخانىسى» غا ئايلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئالغان، ھازىر تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى ساياھەت بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېكولوگىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور گۈلمىرە بەرداش بۇ ھەقتە رادىيومىزغا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان رايوننىڭ نېفىت، ئېلېكتىر-ئېنېرگىيە، كۆمۈر-گاز قاتارلىق يېقىلغۇ بايلىقلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. دوكتور گۈلمىرە بەرداش يەنە، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئاتوم سىناقلىرىدىن كېيىنكى رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىش ۋە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر دەرىجىدىكى زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى.
شۈبھىسىزكى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ئانا دەريا» دەپ قارىلىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىشى دىققەت قوزغايدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئىلگىرى ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىي بويىچە ئوقۇغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور مۇختەر چوڭ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، 1950-يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدا بوز يەر ئېچىش ۋە كۆپلەپ نوپۇس يۆتكەش تۈپەيلىدىن، تارىم دەرياسىنىڭ ئەسلىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىپ، قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بىڭتۈەننىڭ بۇ جايدىكى ھەرقايسى دىۋىزىيە ۋە پولك مەيدانلىرىنىڭ بوز يەر ئېچىش، كۆپلەپ سۇ ئامبىرى ياساشتەك سۈنئىي بۇزغۇنچىلىقلار ئارقىلىق، بۇ جايلارنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى دېدى.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «تارىم دەرياسى ۋادىسىنى گۈللەندۈرۈش» ۋە تارىم دەرياسى ۋادىسىنى «ئۇنىۋېرسال تۈزەش پىلانى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، سۇ قۇرۇلۇشى ۋە كۆكەرتىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۈچۈن زور كۆلەمدە مەبلەغ ئاجراتقان.
تارىم دەرياسى ئەسلىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ بۇ دەريا ۋادىلىرىدا ياشاپ شەھەرلەرنى قۇرغان، دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. دەريانىڭ ئەسلى ئۇزۇنلۇقى 2 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق بولغان. 1947-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تارىم ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبتىكى خوتەن، قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، قاراشەھەر شۇنىڭدەك تۇرپان ۋادىسىدا بار خىتايلارنىڭ جەمئىي نوپۇسى 10 مىڭدىن تۆۋەن ئىدى. 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر بۇ رايونلاردا ياشايتتى. سۇ مەسىلىسى، ئېكولوگىيە مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، زور ساندىكى ئەسكىرىي كۈچىنى جەنۇبقا ئورۇنلاشتۇردى ۋە بىڭتۈەن قۇرۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ بويلىرى ۋە سۇ مەنبەلىرىنى كونترول قىلىپ كۆپلەپ يەر ئاچتى. بىڭتۈەنگە ۋە يەرلىككە زور ساندا توختاۋسىز كۆچمەن يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى شۇنىڭدەك يەنە تەكلىماكاننى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىلىرىغا ئايلاندۇردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىپايان توغراقلىقلار قۇرۇپ كەتتى. ھەتتا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى كۆپ قىسمى قۇرۇپ كەتتى. دوكتور مۇختەرنىڭ چوڭنىڭ ئېيتىشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ قۇرۇشى، قۇملىشىش ۋە مۇھىت ئاپىتى ئەنە شۇنداق سۈنئىي شەكىلدە كېلىپ چىققانىدى.
ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان خىتاينىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى گۈللەندۈرۈش، يېشىللىقلارنى كۆپەيتىشى ھەرىكىتى كەلگۈسىدە بۇ رايونغا زور ساندا ئاھالە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
دوكتور گۈلمىرە بەرداش زىيارەت داۋامىدا، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەمدە ئىجتىمائىي مۇھىتىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئېغىر زىيانكەشلىكلىرىنى توختىتىشنى تەكىتلىدى.
دوكتور گۈلمىرە بەرداشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش بولۇپ، يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار بۇ بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىدىن ئايرىلغان. خىتاي ھازىر تارىمنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ 4 يۈز مىليون نوپۇسنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىمەكتە.
دوكتور گۈلمىرە بەرداش ۋە دوكتور مۇختەر چوڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئېلېكتىر-ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، نېفىت مەنبەلىرىنى ئېچىشىنىڭ جىددىي رەۋىشتە ئېشىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «سانائەت ئەخلەتخانىسى»غا ئايلاندۇرۇش خەۋپىنى كۈچەيتىدۇ.