ئۇيغۇر خەلق ئۇسسۇللىرى تۈرلىرىنىڭ رەڭدارلىقى، ئاممىبابلىقى، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كۈچلۈك يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئۇسسۇل ئارقىلىق مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىدۇ ۋە ئۇسسۇل ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «بالىنىڭ تىلى چىققاندا ناخشا ئېيتىدۇ، ئايىغى چىققاندا ئۇسسۇل ئوينايدۇ» دېگەن سۆز ئومۇملاشقان.
ھەممە يەرنى بىر ئالغان «ناخشا-ئۇسسۇل» لار
خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ھازىر خىتايلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى يالغۇز چوڭ سەھنىلەردە كۆرسىتىپلا قالماي، يېزا-كەنتلەردىكى ئائىلىلەرگىچە ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. شۇ قاتاردا خىتاي دائىرىلىرى ھەر خىل ناملاردىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە ناخشا-ئۇسسۇل ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن سورۇنلارنى ھەمدە ساياھەت بايراملىرىنى پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ناخشا-ئۇسسۇلغا سېلىش ئارقىلىق خىتاي ساياھەتچىلەرنى كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي يەنە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلەرگە ھەمراھ بولۇپ ئۇسسۇل ئويناش، سۈرەتكە چۈشۈش، تاماق يېيىش، ھەتتا ھاراق ئىچىشكە زورلىنىشتەك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇسسۇل ئويناشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يېپىشىدىكى «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغان، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ جەريانىدا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى يەنە ئىسمىدىن تارتىپ جىسمىغىچە ئۆزگەرتىلىش ۋە سۇيىئىستېمال قىلىنىشتەك ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە يامراۋاتقان «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
«ئۇيغۇر ئۇسسۇلى» ھازىر «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» غا ئۆزگەردى
نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە تور سۇپىلىرىدا «ئۇيغۇر ئۇسسۇلى» نى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دېگەن نام بىلەن تەشۋىق قىلىش ئومۇملاشتۇرۇلماقتا. «تەڭرىتاغ تورى» يېقىندا تارقاتقان «شىنجاڭ ئۇسسۇلى قاچان ۋە قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ‹مەنزىرە› سىزالايدۇ» ناملىق خەۋىرىدە 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى تەشۋىقات يىغىنىدا گۈلنەزەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئارتىس «شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناپ، مەستانىلەرنىڭ قىزغىن چاقىرىقى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشكەن» دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي مەركىزى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2024-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ «قەشقەر» بۆلۈمىدە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەپ ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭدا مەزكۇر «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نىڭ «يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇلغان ۋارىيانتىنى دىلرابا دىلمۇرات ئىسىملىك كىنو ئارتىسى سەھنىگە ئېلىپ چىققان ئىدى.
چوڭ تىپتىكى تارىخىي ئوپېرا «جاڭ چيەن» دىن باشلاپ، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە «بەن چاۋ»، «ماناس» ۋە «شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن بەش يۇلتۇز» ناملىق سەھنىلەشتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىرلار بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «ئۇسسۇل سەنئىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىش» تىكى ئۈلگىلىك ئۇسسۇل ئەسەرلىرى، دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا.
ھالبۇكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاق قارىشىچە، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىۋاتقان بۇ ئۇسسۇللاردا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئاساس قىلىنغان بولسىمۇ، كۆپ خىل مىللەت ئۇسسۇللىرىنىڭ ھەرىكەت ئېلېمېنتلىرى قوشۇۋېتىلگەن ۋە ئەبجەش ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن. شۇنداقلا بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئەكس ئەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەپ ئاتاشتىن باشقا يەنە تۈرلۈك تەشۋىقات ھۆججەتلىرىدە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ۋارىيانتلىرىغىمۇ يېڭى ئىسىملارنى قويۇشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى يەرلىك ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك مەدەنىيەت باغلىنىشى ۋە تارىخىي بىر پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا.
«بۇ ئۇسسۇللار ئۇيغۇرلاردىن بەكمۇ يىراق!»
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كەسپىي ئۇسسۇلچىلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ سابىق ئۇسسۇلچىسى ئادالەت سابىت خانىم ھازىرمۇ كەسپىنى تاشلىمىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ساقلاپ قېلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلمەكتە. ئۇ يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋېرجىنىيەدىكى «غەمگۇزار ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۇسسۇل دەرسى بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى پارچىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ يوق قىلىش ئۇرۇنۇشىنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىنى يېڭىدىن شەرھلەش ئېھتىياجى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭدىن خېلى ۋاقىت ئىلگىرىلا ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ئارقىلىق «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش» ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئورنىتىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. شۇندىن ئېتىبارەن خىتاينىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تەدبىرلىرى زور دەرىجىدە كۈچەيگەن. بۇ بولسا ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى ئۆزگىرىشلەردە زور دەرىجىدە ئۈز ئىپادىسىنى تاپقان.
كۆزەتكۈچىلەر يېقىندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەردە ئوينالغان ئەجدىھا ئۇسسۇلىنى بۇنىڭغا بىر مىسال بولالايدۇ، دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى قەشقەر ۋىلايەتلىك تاراتقۇ مەركىزى 25-ئۆكتەبىر تارقاتقان سۈرەتلىك ۋە سىنلىق خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2024-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك ئەجدىھا-شىر ئۇسسۇلى مۇسابىقىسىگە «ئەجدىھا كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، شىرلار ئۇسسۇلغا چۈشۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدا جۇلالاندى؛ گۇاڭدۇڭ-شىنجاڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولدى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ھەمدە 10-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
پائالىيەتتىكى سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاساسەن ئۇيغۇر ۋە خىتاي ياش-ئۆسمۈرلەر قىزىل ۋە سېرىق رەڭلەردىكى خىتاي ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل كىيىملىرىنى كىيىپ مۇسابىقىگە چۈشكەن. ئىلگىرى بۇ خىل مەنزىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى يېزا-كەنتلىرىدىكى دائىرىلەر مەجبۇرىي يوسۇندا ئورۇنلاشتۇرىدىغان خىتاي چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە كۆزگە چېلىقىپ كەلگەنىدى. خىتاي تاراتقۇلىرى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىمقى ئەجدىھا-شىر ئۇسسۇلى مۇسابىقىسىنى «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» دەپ ئاتاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «گۇاڭدۇڭ بىلەن قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېگەن. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ بۇ ھال «نىشانلىق ياردەم» نامىدا ھەر قايسى ۋىلايەتلەرنى كۆتۈرە ئالغان خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىنىڭمۇ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئاكتىپ رول ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
«خىتايلار ھازىر ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلغا ئۇيغۇرلاردىنمۇ ئۇستا بولۇپ كەتتى»
ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردا باشلانغان «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نى ئۆگىنىش دولقۇنىدا ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەر ياكى ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇللىرىنى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، مەيداندا توپ-توپ بولۇشۇپ بۇ خىل ئەبجەش «شىنجاڭ ئۇسۇلى» ئويناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان. ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى شەھەرلەردىمۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» ئۆگىنىش كۇرسلىرى ئېچىلىپ ئۇيغۇرچە مۇزىكىلارغا «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» ئويناش مودا ئېقىمغا ئايلانغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېرك ئۆمەكنىڭ سابىق سېرك ماھىرى ئايگۈل مەمەت خانىم ھازىرمۇ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت بايراملىرىدا كونسېرت قويۇش ۋە ھەقىقىي ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارنى ئويناش ئارقىلىق قىزلىرىنى تەربىيەلەپ كەلمەكتە. ئايگۈل مەمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، پۈتۈنلەي يات بولغان خىتايچە ئۇسسۇللارنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتايلارنىڭ بولسا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى بۇزۇپ ئويناش ۋە ھەر خىل نام قويۇش ئارقىلىق خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى ھىمايە قىلىۋاتقان ۋە ئۇنى ساقلاشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىدە ئايگۈل مەمەت خانىم ئۇيغۇر ئۇسسۇلنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە چەتئەللەردىمۇ خىتايلار تەرىپىدىن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەشۋىقات قىلىنىۋاتقانلىقىدىن يۈرىكى بەكمۇ ئېچىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللىرىنى ئەينەن يوسۇندا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت سۈپىتىدە ساقلاشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ «ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كەسپىي ئۇسسۇلچىلار، شۇنداقلا سەنئەتكارلارنىڭ بىرلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دەيدۇ.