ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەگە قاتنايدىغان يۈك توشۇش لىنىيەلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانمۇ؟
2025.03.11
يېقىندا ئەنگلىيەدە چىقىدىغان بورنېموس كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى (BOURNEMOUTH) دا «بورنېموس ئايروپورتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت مەركىزىگە ئايلانغانلىقى» ھەققىدە بىر خەۋەر تارقىتىلدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن بىۋاسىتە ئەنگلىيەنىڭ بورنېموس ئايروپورتىغا كېلىدىغان بىر يۈك توشۇش ھاۋا لىنىيەسى بار بولۇپ، بۇ ھاۋا يولى ئارقىلىق توشۇلۇۋاتقان يۈكلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
ئەنگلىيەدىكى «خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش» تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە پروگرامما يېتەكچىسى كلوئى كرانستون (Chloe Cranston) نىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنى بىۋاسىتە ھالدا ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق ئايرودروملارغا تۇتاشتۇرىدىغان ئۈچ يېڭى لىنىيە 2024-يىلى يازدىن باشلاپ ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ھاۋا لىنىيەلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئەنگلىيە بازىرىغا توشۇلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، يېقىندا ئۈرۈمچىدىن ئەنگلىيەگە بىۋاسىتە بارىدىغان ئۈچ يۈك لىنىيەسى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى بورنېموسقا، بىرى ۋېلىشتىكى كاردىفقا، يەنە بىرى لوندونغا كېلىدۇ. ئەنگلىيە ئاللىقاچان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى تۆكمە قىلىپ سېتىش مەيدانى بولۇپ قالدى. ئەنگلىيەنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا ئائىت قانۇنلىرى ئاساسەن دېگۈدەك كۈچلۈك ئەمەس، ئامېرىكانىڭ بولسا ھەم تاموژنا بېجى قانۇنى ۋە ھەم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بولغاچقا ئەنگلىيەگە كېلىۋاتقان بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەنگەن مەھسۇلاتلار بولۇشى ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.»
بۇ ھەقتە ئىلگىرى «پولىتكو» گېزىتى تارقاتقان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، بۇلتۇر يازدا ئېچىلغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن لوندونغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى يۈك ئايروپىلانلىرى ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم قاتنايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ تور سودا سۇپىسى مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىكەن. ئارقىدىن ئۆكتەبىردە كاردىفقا قاتنايدىغان يېڭى بىۋاسىتە لىنىيە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ لىنىيەدە ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئايروپىلان قاتنايدىكەن. بۇلتۇر بۇ لىنىيەدە 59 توننىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرىنىڭ توشۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر چىققان. ئۇيغۇر ئېلىدىن بىۋاسىتە بورنېموس ئايروپورتىغا ئۇچىدىغان لىنىيە بولسا بۇلتۇر ئاۋغۇستتا يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ھەپتىسىگە تۆت قېتىم ئۇچىدىكەن. ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق سەپىرىدە 58 توننا توشۇغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
كلوئى كرانستوننىڭ دېيىشىچە، ئەگەر ئەنگلىيە دەرھال ئامېرىكاغا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش كۈچلۈك قانۇن بەلگىلەپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرمىسا، بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ماڭىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە دائىر قانۇن-تۈزۈملىرىنى 2027-يىلدىن باشلاپ يولغا قويىدۇ. ئەگەر ئەنگلىيەمۇ دەرھال كۈچلۈك قانۇن-تەدبىرلەرنى بېكىتمىسە، ئۇ ھالدا ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىغا كىرەلمىگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۈرۈمچىدىن بىۋاسىتە ئەنگلىيەگە قاتنايدىغان بۇ يۈك توشۇش لىنىيەلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا يولغا قويۇلۇشى ھەقىقەتەنمۇ بەك يىرگىنچلىك.»
بورنېموس كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق ئايروپورتلارغا بىۋاسىتە قاتناۋاتقان بۇ يۈك لىنىيەلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى ئەنگلىيەدىكى تونۇلغان سىياسەتچىلەردىن بولغان ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتا ئەزاسى لورد ئالتوننىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ بۇ مەسىلىنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ شۇ كۈندىكى سۆزىدە «ئۈرۈمچىدىن بورنېموسقا بارىدىغان لىنىيەدە توشۇلۇۋاتقان يۈك ئايروپىلانلىرىنىڭ قانچىسى ئەنگلىيە چېگرا خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى ۋە ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى توشۇمايۋاتقانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى؟» دەپ سوئال قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەگە قاتنايدىغان بۇ يۈك توشۇش لىنىيەسىنى ھۆددىگە ئالغان ئىككى ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولسا تىتان ھاۋا يوللىرى (Titan Airways) ۋە ياۋروپا كارگو (European Cargo) شىركەتلىرى بولۇپ، داۋىد ئالتون ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ھازىر بۇ شىركەتلەرنى ئۆزى توشۇۋاتقان ماللار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى بېرىشكە قىستاشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتىكەن.
بىز يۇقىرىدىكى ئىككى شىركەتنىڭ ئاخبارات بۆلۈمىگە ئېلخەت ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ توشۇۋاتقان يۈكلىرىدىكى ماللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانمىغانلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، ئەمما ھازىرچە ئۇلاردىن تېخى بىر جاۋاب كەلمىدى.
ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئۇلار بۇ يۈك توشۇش لىنىيەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان بولسىمۇ، بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەگە يۈك توشۇيدىغان بۇنداق لىنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىشلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ مەسىلىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈپ ھۆكۈمەت ئۈستىدە بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش» تەشكىلاتىدىن كلوئى كرانستوننىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك چەكلەش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مۇھىتى قانۇنى ۋە ئىمپورتنى كونترول قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىككى خىل قانۇننى ماقۇللاشقا چاقىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ قانۇنلار ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ قانۇنلار ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلالمىغان شىركەتلەرنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ، بۇ ھەم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بىر شىركەت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللانمىغان بولسا، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. ئىمپورتنى كونترول قانۇنى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسقىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز ھۆكۈمەتنى مەن ئېيتقان بۇ ئىككى قانۇننى ماقۇللاشقا چاقىرىمىز. بۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قىلالايدىغان ئىش.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ، ئەنگلىيەدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۈچلۈك قانۇنلارنى ماقۇللاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن.