ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىگە «كۆز تەگدى» مۇ؟

0:00 / 0:00

ئەتلەس تىلغا ئېلىنغاندا كىشىلەر رەڭگارەڭ بىر دۇنيانى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. خەلق ئارىسىدا ئەتلەسنى ئۇنىڭ يوللىرى ۋە رەڭدارلىقىغا قاراپ «ھۆپۈپ قانىتى گۈل» دەپ ئاتايدۇ.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 17-چېسلادىن باشلاپ «كېلەچەككە يۈزلەنگەن يىپەك يولى» تېمىسىدا 7-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ «ئەتلەس» كە ئوخشاش يەرلىك كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرى زامانىۋى مودا ئېقىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ لايىھەلەنگەنىكەن. تىللاردا داستان بولغان «يېڭىلىق يارىتىش» نىڭ ئەسلىدە ئەتلەس، قىزىل مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى قاتارلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىنى خىتايچە پاسوندىكى كىيىم-كېچەكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ لايىھەلەش نەيرىڭى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. خىتاي لايىھەلىگۈچىلەر ئەتلەس رەخت ياكى ئەتلەس نۇسخىلىرىدىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىدىن بولغان «چىپاۋ» ۋە «خەنفۇ» قاتارلىق كىيىم-كېچەكلەرنى تىكىپ كۆرگەزمە قىلغان. بۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان ۋە نەق مەيداندىلا سودا كېلىشىملىرى ئىمزالانغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئەتلەس توقۇش تېخنىكىسى 2008-يىلى خىتاي دۆلىتى بويىچە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئاستىدا، ئىلگىرىمۇ خىتاينىڭ شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە بىرقانچە قېتىم «تەڭرىتېغىدىن ھالقىغان ئەتلەس» ناملىق مودا كىيىم كۆرەكلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ خىل كىيىم-كېچەكلەر خىتاي بازارلىرىدا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، زاۋۇتلاردا كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، ئەتلەسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە بايلىق ئىكەنلىكى ياكى ئەتلەسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ پەقەتلا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈنمۇ؟

ئۇيغۇر ئەتلەسلىرى خۇددى ئۇيغۇر دوپپىلىرىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئەتلەسلىرى ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى باشقا سىمۋوللۇق بەلگە-نۇسخىلارنىڭ خىتاي كىيىم-كېچەك بازىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشى، روشەنكى مەدەنىيەت سۇيىئىستېمالچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەتلەسكە دۆلەت بويىچە قوغدىلىدىغان «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» دەپ نام بەرگەن ئىكەن، ئەتلەس چوقۇم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ياكى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا قوغدىلىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ !

كىيىم-كېچەك، سەنئەت، مۇزىكىغا ئوخشاش ياكى باشقا خىل مەدەنىيەت ئامىللىرى بولسۇن، ئۆزى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان شۇ مۇھىت، شۇ جەمئىيەتنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىتىدۇ. ئۇيغۇر ۋە خىتاي مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا يارىتىلغان مەدەنىيەت تىپلىرىغا تەۋە بولۇپ، بۇلارنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەندە ئەبجەش بىر مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، خالاس.

ئەتلەس رەختلەردىكى گۈل نۇسخىلىرىنىڭ رەڭدار ۋە مول بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغان. ئەتلەس نۇسخىلىرىنىڭ تۈرى نەچچە يۈز خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغان نۇسخىلاردىن خان تاجى نۇسخا، راۋاب نۇسخا، پاختا گۈل، بادام گۈل، قوچقىراق (مۈڭگۈز) نۇسخا، تاغاق ۋە موكا نۇسخا قاتارلىقلار بار. مانا بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر ئەتلەسنى مىللىي خاسلىققا ۋە جەلپكارلىققا ئىگە قىلغان. ئەتلەس-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىلغارلىقىنىڭ سىمۋولى. چۈنكى ئەتلەس گۈل نۇسخىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان چارۋىچىلىق، تېرىمچىلىق، باغۋەنچىلىك، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ. بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئەتلەس نۇسخىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشى ۋە ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن شەكىللەنگەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئەتلەس گۈل نۇسخىلىرى مەنىۋى قىممەتكە ئىگە مەدەنىيەت ئامىللىرى بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقاد-ئىشەنچ ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئەتلەس توقۇۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاي، خوتەن
ئەتلەس توقۇۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاي، خوتەن (wikipedia.org)

ئەتلەس نۇسخىلىرى خىتايچە پاسوندىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ زىننىتىگە ئايلاندۇرۇلغاندا، ئەتلەس نۇسخىلىرى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭقۇر مەدەنىيەت قاتلىمىنى ۋە مەنىۋى قىممىتىنى يوقىتىپ قويغان بولىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىشى داۋاملاشقاندا، ئەتلەسچىلىك ساھەسىنىڭ خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە نىسبەتەن ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

تەتقىقاتچى جوئەننى سىمىت فىنلېي (Joanne Smith Finley) ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىدۇ: «ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان زور مەدەنىيەت پەرقى، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى تېخىمۇ روشەن تونۇتىدۇ ۋە مىللەت چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ» . ئۇ ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى مىللىي سىمۋوللارنىڭمۇ ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەگەر ھاكىمىيەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى چېگرانى بۇزۇشقا ئۇرۇنغاندا سىياسىي توقۇنۇش قاتارلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

جوئەننىنىڭ كۆزقارىشىنى ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىش ھادىسىسىگە تەدبىقلايدىغان بولساق، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنى قوللىنىشى ياكى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى قاتارىدا كۆرسىتىشى مەدەنىيەت سۇيىئىستېمال چىلىقى ھادىسىسىنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تاۋارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاي مودا شىركەتلىرى ئارىدىن زور پايدىغا ئېرىشىدۇ. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىش، باراۋەرسىزلىك ۋە كەمسىتىلىشكە ئوخشاش مۇئامىلە ۋە قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەس قاتارلىق مىللىي سىمۋوللىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ھادىسىسىنىڭ ماھىيىتى ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەزەلدىن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» دېگەندەك سەپسەتە ۋە سىياسىي تەشۋىقاتلارغا تەدبىقلاشتىن ئىبارەت. دېمەك خىتاي شىركەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدىغا ئېرىشىشتىن باشقا يەنە ئۇيغۇر كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش نىيىتىنىمۇ يوشۇرۇپ قالالمىغان.

مىللىي خاسلىق شۇ مىللەتنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئىچكى ئېنېرگىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقىنى يوقاتسا، ئۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمۇ خەۋپكە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەسلىدىكى مەزمۇنىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇش ياكى مەدەنىيەت مەنبەسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىش، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ يوقىلىپ كېتىشى قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇلارنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ قورقۇنچ پەيدا قىلىدۇ.

ئەتلەسنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ۋە مەدەنىيەت تەۋەلىكى كۆرسىتىلمەستىن خىتاي بازارلىرىغا خىزمەت قىلدۇرۇلۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق پىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ ئۇنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نامى ئاستىدا خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇۋېتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.