6-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ Facebook ھېساباتى» دەپ قارىلىۋاتقان «شى نىڭ پەيتى» (Xi’s Moment) ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىغا تۇيۇقسىزلا خوتەن جىيا ئەتلەسلىرىنىڭ رەڭدار سۈرەتلىرى قويۇلغان. سۈرەتلەرگە قوشۇپ يېزىلغان چۈشەندۈرۈشتە «ئەتلەسچىلىك-خىتاينىڭ مۇھىم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى» دېيىلگەن. ئەتىسى، يەنى 7-سېنتەبىر ئەتىگەندە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «خىتاي ياشلار گېزىتى» دە خوتەن جىيا ئەتلەسچىلىكى توغرىلىق ئېلان قىلىنغان مەخسۇس خەۋەردە، ئەتلەسنىڭ خىتايدىكى مەشھۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بىر مەدەنىيەت بايلىقى ئىكەنلىكى پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان.
خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ۋە بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇربانى قىلىنغان ئىدى. ئۇنداقتا، پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بىر مىللەتنىڭ تارىختا ۋە بۈگۈن ياراتقان ئەتلەستىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت بۇيۇمى نېمىگە كېرەك بولۇپ قالدى؟ ئەجەبا، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەتلەستىن ئىبارەت بۇ رەڭدار مەدەنىيەت بۇيۇمىنى دۇنياغا كەلتۈرگەن ۋە ئۇنى ئەسىرلەر بويى ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزى لازىم بولماي، ئۇلار ياراتقان ئەتلەس لازىم بولۇپ قالدىمۇ؟ خىتاي نېمە ئۈچۈن بىردىنلا ئەتلەسنى «خىتاينىڭ مەدەنىيەت مىراسى» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ؟
«شى جىنپىڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» ناملىق كىتابىنى يازغان، ئامېرىكادىكى خىتاي يازغۇچى خې ئەنچۈەن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئانالىزلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. خې ئەنچۈەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 90 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى پىلانلىنىۋاتقان بۇ قېتىملىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن، تاشقى دۇنياغا ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىركەشسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن «شى نىڭ پەيتى» ناملىق بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئىنگلىز تىلى ئارقىلىق باشقۇرۇلۇشىمۇ دەل خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان ئىكەن.
خې ئەنچۈەن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى نۆۋەتتە ئوچۇق-ئاشكارا شەكىلدە يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، نۆۋەتتە خىتاي تاشقى دۇنيادىكى كىشىلەرگە، خىتاي ۋە ئىنگلىز تىللىق ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى زورلاپ تېڭىپ، ئۇلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى قىرغىنچىلىقى بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ. خىتاي مەجبۇرلاش ياكى باشقا يۇمشاق كۈچلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا، ئۇنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئىككىنچى بىر تەرەپتىن، خىتاي تاشقى دۇنيادىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ غەربلىكلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن، ئىنگلىزچە تەشۋىقاتقا ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىمۇ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر نامىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىچكىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ.»
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ 6-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، بەزى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ «شى نىڭ پەيتى» ناملىق بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ماجۈ ئەپەندى، يېڭى دۆلەت خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىكىدىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى ئاشكارا قىلغان خىتاينىڭ خەلقئارادا كۈچلۈك ئېتىرازغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنى پەردازلاش ئۈچۈن بۇ تۈردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئېچىپ، يېڭى تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ما جۈ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلار، ھازىر خىتاينىڭ بەزى تەھدىتلەرنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز ھازىر خىتاينى چوڭ تىپتىكى درامىلاردا رول ئېلىۋاتقان يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە بىر ئارتىس دېسەكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. بۇ يەردە بىر مۇھىم نۇقتىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، يەنى خىتاي ھازىر مەيلى ئىچكىي جەھەتتە بولسۇن ياكى تاشقىي جەھەتتە بولسۇن، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشتا ناھايىتى كۈچلۈك. خىتاينىڭ تەشۋىقات ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خىتاي يىللاردىن بۇيان بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارشى بىر قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقە ئىشلىرىدا مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسى ۋە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك تەلەپلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرى، شۇنداقلا باشقا بىر قاتار ئامىللار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرالماسلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار دۇنيانىڭ خىتاينى قايتا تونۇشىغا، چۈشىنىشىگە ۋە بىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ فېيسبۇك ياكى تىۋىتتېر (X) دا مەيلى قانداق نام ياكى ئىسىم بىلەن ھېسابات ئېچىپ تەشۋىقات يۈرگۈزۈشىدىن قەتئىينەزەر، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينىڭ ئۆزىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشىدىكى قىپقىزىل تەشۋىقات ئويۇنىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھەرگىزمۇ يوشۇرۇپ قالالمايدۇ، دەپ قارايمەن.»
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىس ھېنرى شاجىۋېسكى (Henryk Szadziewski) ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەتلىسىنى دۆلەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىغانلىق بولماستىن، بەلكى ئۇنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەتلىسىنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇشى، ناھايىتى مەقسەتلىك ۋە نىشانلىق ئېلىپ بېرىلغان بىر تەشۋىقات ئويۇنىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ۋاسىتە خىتاينىڭ تەشۋىقاتتىكى يۇمشاق كۈچىنى قوللىنىشىدىكى بىر خىل ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ھەتتا مىللىي ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆزىنىڭ ئوربېتاسىغا تارتىپ، ئۇنى يېتەكلەپ مېڭىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇلار مانا مۇشۇنداق يۇمشاق كۈچتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى تارىختىن ئۆچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ھەر خىل پىلانلارنى تۈزۈپ كەلدى. شۇڭلاشقا بۇ يەردە شۇنى ئېنىق ئېيتالايمەنكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەتلىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىشى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىلىشى، خۇددى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېر-تۈرمىلەرگە قاماپ ئۆلتۈرۈشى ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىشىگە ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.»
دەرۋەقە، خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنى خەلقئاراغا پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق تەشۋىقات ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.