ئەنقەرەدە «نامى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزمۇن قىلىنغان، شاھىتلارنىڭ بىۋاسىتە ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىتىلغان «نامى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 27-ماي كۈنى ئەنقەرەدە كۆرسىتىلدى.

تۈرك رىژىسۇر تۈلاي گۆكچىمەن خانىمنىڭ رېژىسۇرلۇقىدا ئىشلەنگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 27-ماي كۈنى ئەنقەرەدىكى تۈركىيە دىنى ئىشلار فوندىنىڭ يىغىن زالىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈرمەنلەرگە كۆرسىتىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە مەزكۇر يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە-ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركسىتان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇرانت ئابدۇسالام تەكلىماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە نۇرغۇن كىشى قىزىققان بولۇپ، زال ئىچى كۆرۈرمەنلەر بىلەن تولغان.

ئۇيغۇرلارنىگ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا ئالاقىدار ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم ئەنقەرەدە كۆرسىتىلىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ماي، تۈركىيە.

مەزكۇر فىلىمنىڭ تۇنجى مەيدان كۆرسىتىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ سابىق ئائىلە-ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى زەھرا زۈمرۈت سەلچۇق، تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى فوندىنىڭ رەئىسى ئېھسان ئاچىق ئەپەندى قاتناشقان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ زۇلۇملىرى ھۆججەتلىك ئاساستا يورۇتۇلغان. مەزكۇر فىلىمنىڭ جەريانى شاھىتلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى سۆزلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان.

بۇ فىلىمدە نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان ئۇلار بىلەن تېلېفون ياكى ئىنتىرنېت ۋاسىتىسى ئارقىلىقمۇ كۆرۈشەلمىگەن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. فىلىمدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەريەم سۇلتان، مۇھەممەت ئېلى ئاتايۇرت، ئايگۇل قادىر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدە، مۇھەممەد ئېلى ئاتايۇرت ئۆزنىڭ ناماز ئۆتەش ئۈچۈن مەسچىتكە بارغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ كۆزىتىش ئوبيېىكتىغا ئايلانغانلىقىنى، كېيىنچە ئامالسىزلىقتىن خىزمىتىنى تاشلاپ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇھەممەد ئېلى ئاتايۇرت، ئۆزنىڭ ئەسلىدە يەركەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەسپىي خادىمى ئىكەنلىكى، شۇ يىللاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يوقىرى بېسىملىق زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ئۆز كەچمىشلىرى بىلەن ياشىغانلىقى، شۇنداقلا كەسپداشلىرىنىڭ خىزمەت جەريانىدا ئۇچرىغان ناھەقسىزلىقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇ ئۆزىنىڭ يەركەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىگەن يىللىرىدا، ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ «دېھقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» دېگەن نام بىلەن ھەر جۈمە كۈنى يېزىلارغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى، دەل جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان ۋاقىتقا توغرىلاپ ئويۇن قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ئارقىلىق دېھقانلارنى جۈمە نامىزى ئوقۇشتىن چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە سەنئەت ئۆمەكتىكى ئۇيغۇر قىزلارنى يوقۇرىدىن كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ ئۇسسۇل ئويناشقا بۇيرۇيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى نېپىز ۋە بەدىنى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئۇچۇق كىيىملەرنى كىيىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇيرىقىنى رەت قىلغان سەنئەتچى قىزلارنىڭ خىزمەتتىن قوغلىنىدىغنالىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، فىلىمنىڭ رېژىسسۇرى تۈلاي گۆكچىمەن خانىم سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتانغا مۇناسىۋەتلىك بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش خىيالى بارلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ نەق مەيداندا سىنغا ئېلىشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپتىن رۇخسەت ئالالمىغانلىقىنى، نەتىجىدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، بۇ فىلىمنى ئىشلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

فىلىم كۆرسىتىش زالىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

ئىستانبۇلدىن ئەنقەرە بېرىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇرانت ئابدۇسالام تەكلىماكاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئەنقەرەگە بېرىپ، مەزكۇر بۇ فىلىم كۆرسىتىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئاچقان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەر، ساڭزا، سامسا قاتارلىق تاماقلار كۆرگەزمىگە قويۇلغان.

فىلىمنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ، يېقىندا ئاشكارا بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» توغرىسىدا توختالغان. ئۇ سۆزىدە 13 ياشتىن 73 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوخشىمىغان ياشلاردىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۇلاي گۆكچىمەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىنسان فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى» 2016-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. بۇ گۇرۇپپا 2020-يىلى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «شەرقىي تۈركسىتانغا قۇلاق سالايلى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان ئىكەن.