ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم- «شاۋقۇن-سۈرەن» روياپقا چىقتى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ۋە ئۇنى پەردازلاش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ زۇلۇمغا ئائىت ھۆججەتلەر، پاكىتلار ۋە گۇۋاھلىقلارمۇ نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار ۋە بەدەللەر سايىسىدە توختىماي كۈن يۈزىگە چىقىپ دۇنيانىڭ ھەقىقەتنى بىلىشىگە ۋە بۇ مەسىلىنىڭ داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپتە تۇرۇشىغا سەۋەب بولۇپ تۇرماقتا. رېژىسسور داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شاۋقۇن – سۈرەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم دەل شۇنداق تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ فىلىم 1- ئىيۇن كۈنى تۇنجى بولۇپ يېڭى زېلاندىيەدە تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچرىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.

بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى 2018- يىلى باشلانغان بولۇپ، فىلىم ئۈچۈن ئۇلار تۈركىيە، قازاقىستان، نورۋېگىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بارغان ۋە ئۇ يەردىكى يۈزلىگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى شاھىتلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. فىلىم نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەم شۇنداقلا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى، ئامېرىكادىكى ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى بىرلەشمىسىنىڭ (Worker Rights Consortium) مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرى بويىچە تەتقىقاتچىسى جەۋھەر ئىلھامنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدا يەنە، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، مېھرىگۈل تۇرسۇن، تاھىر ھامۇت ئىزگىل ۋە قازاق پائالىيەتچى ئاينا شورمانبايېۋ قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىمۇ ئورۇن ئالغانىكەن.

رېژىسسور داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شاۋقۇن – سۈرەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى.
رېژىسسور داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شاۋقۇن – سۈرەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى. (allstaticandnoise)

بىز بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى داۋىد نوۋاك ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى جانىس ئېنگلېخارتلارنى زىيارەت قىلىپ فىلىم ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. بىز ئۇلاردىن قانداق بولۇپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە فىلىم ئىشلىمەكچى بولغانلىقىنى سورىدۇق.

داۋىد: مەن ۋە جەنىس ئىككىمىز ئەسلىدە خىتايدىكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر فىلىم ئىشلىمەكچى بولغانىدۇق. بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان زۇلۇملاردىن خەۋەر تېپىپ، قازاقىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشنى باشلىدۇق. ئەمما مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغانسېرى بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى فىلىمىمىزنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، ئۆز ئالدىغا ئايرىم فىلىم بولۇشى لازىملىقىنى تونۇپ يەتتىم.

جەنىس: مەن بۇندىن ئالاھازەل 30 يىل ئاۋۋال يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغانلار ھەققىدىكى بىر تۈرگە قاتناشقانىدىم. شۇ چاغدا شاھىتلارنى زىيارەت قىلغان. ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىكى ھازىرقى دۇنيادىمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىشى مېنى تولىمۇ ئازابلىدى. نەگىلا بارسام قۇلىقىمغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنى بولۇۋاتقانلارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتىم باردەك ھېس قىلدىم ۋە بۇنىڭ ئەڭ ياخشى يولى فىلىم ئىشلەش، دەپ ئويلىدىم.

بىز داۋىد ئەپەندىدىن بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ئۆزىنى ھەيران قالدۇرغان نەرسىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇنىڭ جاۋابى بولسا «زۇلۇمنىڭ بۇنچە ئېغىر بولۇشى» دەپ جاۋاب بەردى.

رېژىسسور داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شاۋقۇن – سۈرەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى.
رېژىسسور داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شاۋقۇن – سۈرەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى. (allstaticandnoise)

داۋىد: راستىنى دېسەم، مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى ئۇ يەردىكى زۇلۇمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقى ۋە بۇنىڭغا قارىماي دۇنيانىڭ يېتەرسىز ئىنكاس قايتۇرۇشى بولدى. مېنىڭ تېگىممۇ شەرقىي ياۋروپالىق يەھۇدىي. مېنىڭ ئائىلەمدىن نۇرغۇن كىشىلەر يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە ئۆلتۈرۈلگەنىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ماڭا ئېيتىپ بەرگەنلىرى 1936-1937- يىلىدىكى گېرمانىيەدە يۈز بەرگەنلەرگە ئاساسەن ئوخشايتتى. مەنچە بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق. ئۇ يەردە زەھەرلىك گاز ئۆيلىرى بولمىسىمۇ، ئۇ ئوخشاشلا بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم قەدەملەر ئېتىلىپتۇ مەسىلەن، ئىلھام توختىغا ياۋروپا پارلامېنتىدا ساخاروف مۇكاپاتى بېرىش، بىر قانچە مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى دېگەندەك. ئەمما بۇ كىچىك قەدەملەر ئۈچۈن ئۇ يەردە مىليونلىغان ئادەم ئازاب چېكىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ مەن خىيال قىلغاندەك ياردەم بەرمەسلىكى ۋە ياكى زىل –زىلىگە كەلمەسلىكى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئەمدى بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر نەرسە، مېنى خۇشال قىلغان نەرسە بولسا مەن بارغانلىكى يېرىمدە ئۇيغۇرلار مېنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلدى. قازاقلارمۇ شۇنداق. مەن تۈركىيەدە، نورۋېگىيەدە، قازاقىستاندا ۋە ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە باردىم، ئائىلىلەر بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان، ھەمسۆھبەت بولدۇم. بىز ھېكايىلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق. بۇ ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. مانا بۇمۇ مېنىڭ نورمال شارائىتلاردا تونۇش ئىمكانىيىتىم بولمىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىم ئىشلىشىمگە تۈرتكە بولغان مۇھىم بىر ئامىل، دەپ قارايمەن.

فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىسنىڭ بىزگە دېيىشىچە، ئۇلار زىيارەت قىلغان كىشىلەر ئۇچرىغان پاجىئەلەر تولىمۇ ئېغىر بولغاچقا ئۇنى ئاڭلاش ۋە ساغلام كەيپىياتىنى ساقلاپ قېلىشمۇ ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىگەنىكەن.

رېژىسسور داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شاۋقۇن – سۈرەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى.
رېژىسسور داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شاۋقۇن – سۈرەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى. (allstaticandnoise)

جەنس: بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا مەن يولۇققان قىيىنچىلىق بولسا, ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ روھىي كەيپىياتىمنى تەڭشەپ تۇرۇش بولدى. مەن ئۆزۈم ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى قىلغان ۋە روھىي ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلىگەن بىرى بولغاچقا كىشىلەرنىڭ دەردىنى، ئۇلار ئاڭلاتقان ھېكايىلەرنى ئاڭلاشنى بىلىدىغان بىرى ئىدىم. ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ جەھەتتە تەربىيەلەنگەن بىرى تۇرۇقلۇق ئىنسانلارنىڭ قايغۇلۇق سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلاش ئىنتايىن تەس بولدى. مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ روھىي ساغلاملىقىمنى قوغداپ تۇرۇشۇممۇ خېلى قېيىنغا توختىدى.

داۋىد نوۋاك ۋە جەنىس رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ فىلىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پەۋقۇلئاددە ئېغىر زۇلۇمدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى خەۋەردار قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنىس: بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى نىشانىمىز ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەرگە قارىتا يەرشارىۋى ئويغىنىش پەيدا قىلىشتۇر. ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكاسى، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكادا بولسۇن ھەممە يەردە ئويغىنىش پەيدا قىلىشتۇر. بولۇپمۇ ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىر كۈچى كۈچلۈك جايلاردا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئىمكانى ئانچە بولمىغان جايلاردا ئويغىنىش پەيدا قىلىشتۇر. بىز بۇ فىلىمنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىدە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

داۋىد: بۇ فىلىم دىئاسپورادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم قازاقلارنىڭ ئۆزىنى ۋە شىنجاڭدىكى ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى قوغداپ قېلىشتىن ئىبارەت ھەققانىي كۈرىشىنىڭ ھېكايىسى. راست گەپنى قىلسام، مېنىڭ شىنجاڭ دېگەن سۆزنىمۇ ئىشلەتكۈم يوق. ئۇيغۇر ئېلى ياكى شەرقىي تۈركىستان دەيلى مەنچە. بۇ فىلىمنى مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلىغاچقا مەن فىلىمىمدا ياۋروپالىق ياكى ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىگە ئورۇن بەرمىدىم. قىسقىسى، بۇ فىلىم زۇلۇمغا قارشى جاسارەت بىلەن سۆزلىگەنلەر ۋە بەدەل تۆلىگەنلەرنىڭ فىلىمى. بۇ قەھرىمانلىقنىڭ فىلىمى. شۇنداقلا تراگېدىيە ۋە تراگېدىيەگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسنىڭ فىلىمى. سىياسەت تۈزەش مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، ئەمما مەن بۇ فىلىم ئارقىلىق زۇلۇم ھەققىدە كەڭ تونۇش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇ فىلىمگە چىققان بارلىق گۇۋاھچىلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇلارغا چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فىلىم 1- ئىيۇن كۈنى، تۇنجى بولۇپ يېڭى زېلاندىيەدىكى (Doc Edge Festival 2023) دا قويۇلۇشقا باشلايدىكەن. بۇ فىلىم ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە فېستىۋاللارغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن. مەزكۇر فىلىمدىكى ئاساسلىق پېرسوناژ ھەمدە بۇ فىلىمدىكى گۇۋاھچىلارنى تەرتىپلەش خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر قاتناشقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىزگە قىلغان سۆزىدە بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققەت تارتىش ھەم شۇنداقلا بۇ مەسىلىنى جانلىق تۇتۇپ تۇرۇش يولىدىكى پەرقلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمە ۋە رەتلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ھازىر نورۋېگىيەدە تۇرۇۋاتقان نۇرەخمەتمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.