بىز ئالدىنقى پروگراممىزدا 2019-يىلى گوللاندىيەدىكى «Elsevier» ناملىق نەشرىيات قارمىقىدىكى «خەلقئارا قانۇن دوختۇرلۇقى ئىلمى: ئىرسىيەتشۇناسلىق» ناملىق ژۇرنالدا ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىغا ئائىت ئېلان قىلىنغان «ئىرسىيەت تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنىڭ كىملىك ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىش» ناملىق بىر تەتقىقات ماقالىسىنىڭ كەسپىي ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن 2023-يىلى 6-ئايدا ئۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىغا ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشنىڭ كەسپىي ئەخلاققا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تەھرىرات ھەيئىتىگە خەت يېزىش ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئاقىۋەتتە بۇ ماقالىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرگەن كىشى-بېلگىيەدىكى لېۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئۇۋېس موراۋ (Yves Moreau) ئەپەندى ئىدى. ئۇ 2021-يىلى تۇنجى قېتىم ئامېرىكادىكى «مولېكۇلالىق ئىرسىيەت ۋە گېن مېدىتسىناسى» ژۇرنىلىدا خىتاي تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ گېنى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان شۇنداق ماقالىلەرنى بايقاپ سۈرۈشتە قىلغاندىن كېيىن، بۇ ژۇرنالنىڭ تەھرىرات ھەيئىتىدىكى 8 كىشى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.
ئۇ ئالدىنقى پروگرامىمىزدا بىزگە «خەلقئارا قانۇن دوختۇرلۇقى ئىلمى: ئىرسىيەتشۇناسلىق» ژۇرنىلى ھەمدە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى قوللىشىدىكى «ئەدلىيە ئىلمى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى قاتارلىق بىر قاتار ئىلمىي ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ گېنىغا ئائىت ئېلان قىلىنغان توپلام 25-30 پارچە ئەتراپىدا ماقالىگە ئەرز يازغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ھېلىھەم جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ گېنىغا ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى نېمىشقا توسۇش كېرەك، گېن ئۇچۇرلىرىنى تەتقىق قىلىشنى توختىتىشنىڭ قانداق بىر ئەھمىيىتى بار؟ بىز ئۇۋېس موراۋ ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا مانا بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
پروفېسسور ئۇۋېس موراۋ ئەپەندى سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ماقالىلەرگە دىققەت قىلىپ قالغانلىقىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان بىر مىللەتنىڭ گېنىغا ئائىت تەتقىقاتنىڭ ئالاھىدە كۆپ بولۇشى، ئۇنىڭدا سوئال ئىشارىتى پەيدا قىلغان.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 2017-يىلى تۇنجى قېتىم ‹گېن ئۇچۇرىنى رەتلەش ئۈسكۈنىسى ياسايدىغان› تېرمو فىشىر شىركىتىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئائىت ماقالىلارگە كۆز يۈگۈرتكىنىمدە، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەققىدە ناھايىتى جىق ماقالە بارلىقىنى بايقىدىم. خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان بۇ خەلقلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرى ھەققىدە بۇنچە كۆپ تەتقىقاتلارنىڭ بولۇشى مېنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى كۆزىتىشكە باشلىدىم. مەنچە بولغاندا، بۇ خەلقلەرنىڭ گېنىنىڭ بۇنچە كۆپ تەتقىق قىلىنىشىنىڭ يالغۇز ئىلىم-پەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.»
ئۇۋېس موراۋ ئەپەندى سۆزىدە، ئادەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ قارىلىۋاتقان مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىدىن بەك خەۋىرى يوق كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، گېن ئۇچۇرلىرىغا ئائىت تەتقىقاتلار بەك جىددىي خەۋپى باردەك كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق تەتقىقاتلارنىڭ سىياسەتكە بىۋاسىتە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەر گېن تەتقىقاتىنىڭ نېمىسى يامان، بىر كىشىگە ئائىت گېن ئۇچۇرلىرى بىلەن نېمە قىلغىلى بولىدۇ، دېيىشى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار بۇنى پەقەت بىر ئىلمىي تەتقىقات دەپ ئويلايدۇ ۋە بۇنىڭ سىياسەت ئۈچۈن قوللىنىلىش مۇمكىنلىكىنى بەك ئويلاپ كەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى تەتقىق قىلىش قىزىقارلىق بىر تېما. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيالىقلار بىلەن ئاسىيالىقلارنىڭ تارىخ بويىچە ئارىلىشىشى بىلەن شەكىللەنگەن، كۆپ خىللىققا ئىگە خەلق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ گېنلىرىنى، ئەجدادلىرىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن قىزىقارلىق. تىبەتلەرمۇ شۇنداق. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنى ئوكسىگېن شالاڭ بولغان، ئېگىز جايلاردا ياشاشقا ماسلاشقان. ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئاز ئوكسىگېنلىق جايلاردا ياشاشقا قانداق ماسلىشىدىغانلىقى دەل ئۇلارنىڭ گېنلىرىدا ساقلانغان. مەن سىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ گېن ئۇچۇرلىرىنى قانداق ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىگە بىر مىسال كەلتۈرسەم، ھۆكۈمەت تىبەتلەرنىڭ ئېگىزلىكتە ياشاش ئىقتىدارىنى ئانالىز قىلىپ ئۇنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، شۇ خىل ئوخشاش بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خىتاي ئەمەلدارلارنى ئىزدىشى ۋە ئۇ يەرگە ئەۋەتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ گېنى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئەجداد تەركىبلىرىنى تېپىپ چىقسا، ئۇلارنى كونترول قىلىشى تېخىمۇ ئاسانلىشىشى مۇمكىن، ۋەھاكازالار. بۇلار بۇنىڭ ئىنتايىن ئاددىي مىساللىرى.»
ئۇۋېس موراۋ ئەپەندى سۆھبىتىمىزدە تارىختا يۈز بەرگەن ئوخشاشلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، مەيلى تارىختا بولسۇن، مەيلى ھازىرقى زامانىمىزدا بولسۇن، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بىرىنچى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنى تونۇش ۋە چۈشىنىش بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ مانا شۇ خىل روھىي ھالەت بىلەن ئۇيغۇرلارنى توختىماي تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تارىخقا قارايدىغان بولساق، ئىشغالچىلارنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى خەرىتە سىزىش بولغان. مەسىلەن، ياۋروپالىقلار ئافرىقانى مۇستەملىكە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ بىرىنچى قىلغان ئىشى ئافرىقانىڭ خەرىتىسىنى سىزىش بولغان. چۈنكى ئۇلار خەرىتىنى بىلمىسە، ئۇ يەرنى ئوڭۇشلۇق ئىشغال قىلالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلگەن-دە. ھازىر دەۋر ئۆزگەردى، تېخنىكىلار تەرەققىي قىلدى. خەرىتىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق سىزىدۇ. بىراق، ئىشغالچىلارنىڭ پسىخىكىسى ئۆزگەرگىنى يوق. ئۇلار ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان خەلقلەرنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىشنى، جۈملىدىن ئۇلارنى چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ چىرايى قانداق، نېمە يەيدۇ، نېمە ئىچىدۇ، نەگە بارىدۇ؟ دېگەندەك. ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتى، ئوي-پىكرىنى بىلىشنى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.»
ئۇۋېس موراۋ ئەپەندى ئەمدى ئۇيغۇرلار ياكى تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ گېنى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئارزۇسىغا يانتاياق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ ياكى شاڭخەيدىكى تەتقىقاتچىلار ياۋۇز ئىنسانلار بولماسلىقى مۇمكىن، مەن ئۇلارنى ئەيىبلەشنى خالىمايمەن. ئۇلار، مەن بىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنى خىتايدا مۇشۇنداق تەتقىقاتلارنى قىلسا مۇكاپاتلايدىغان بىر سىستېما مەۋجۇت. ھېچكىم ئۆزىنى زۇلۇم زەنجىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى ھەقىقەت بولسا، بۇنداق تەتقىقاتلار زۇلۇمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، گېن تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە ھەرخىل ئۈسكۈنىلەر سىناق قىلىنىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە ئىشقا كىرىشىدۇ. مەسىلەن، تېرموفىشىر شىركىتى ئىشلەپچىقارغان گېن ئۇچۇرىنى رەتلەش ئۈسكۈنىسىنى دەپ ئالساق، ئۇ تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن خەلقلەرگە تەتبىقلىنىپ سىناق قىلىنىدۇ ۋە رەتلەپ چىقىلىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ھەقىقەتەن ئىشقا يارايدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ساقچى قىسىملىرى ئۇنى سېتىۋېلىپ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىدۇ.»
ئۇۋىس موراۋ ئەپەندى شۇڭا بۇ تەتقىقات ماقالىلىرىنى توسۇش ئارقىلىق زۇلۇمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ۋاسىتىلەرنى توسۇپ قالغىلى ياكى ھېچ بولمىغاندا، ئۇنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىنى ئاستىلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن نېمىشقا مۇنداق ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قارشى تۇرىمەن دېسىڭىز، تەتقىقاتچىلار يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئىشقا كىرىشىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇ تەتقىقاتنى قىلمىسا، ئۇ تېخنىكىلار ئىشقا كىرىشمەيدۇ ياكى كىرىشىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. ساقچى كۈچلىرى ئىشقا يارايدىغان-يارىمايدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان تېخنىكىنى سېتىۋالمايدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ ئىشقا يارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەچكە، ئۇلار تېخنىكىلارنى سېتىۋالىدۇ.»
ئۇۋېس موراۋ ئەپەندى زۇلۇمنىڭ ئىشقا كىرىشىشىنىڭ بىر زەنجىرگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زەنجىرنىڭ بىر ھالقىسىنى ئۆزۈۋېتىشنىڭ زۇلۇمنى ئاجىزلىتىشتا زور رولى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قارايدىغان بولسىڭىز، بۇ سىستېمىنىڭ زەنجىرگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايسىز. مەسىلەن، ئۇ، ئۇل، تەتقىقات، تەتبىقلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، تارقىتىش، قوللىنىش ۋە زۇلۇمدىن ئىبارەت ھالقىلاردىن تەركىب تاپقان بىر زەنجىرگە ئوخشايدۇ. شۇڭا سىز ھالقىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىنى ئۈزۈۋېتەلىسىڭىز، ئۇنىڭ نەتىجىسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولىسىز. جۈملىدىن، بىزگە ئوخشاش ئىلمى تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ‹ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىڭنى توختات› دەيدىغان كۈچىمىز يوق، ئەمما مۇشۇ ھالقىلارنىڭ بىرىگە بېسىم پەيدا قىلىپ، زەنجىرنى ئۈزۈۋېتەلىسەك، ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى ئاستىلىتىشقا، ئۇنىڭغا كاشىلا پەيدا قىلىشقا پايدىمىز تېگىشى مۇمكىن.»
پروفېسسور ئۇۋېس موراۋ ئەپەندى يەنە خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ گېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرىنى غەربتە ئېتىۋارسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ ئوخشاش مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدىكى ماقالىلەرنى تەنقىدلەشتىكى يەنە بىر مەقسىتىم، بىز ئۇيغۇرلار ياكى تىبەتلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارغا ئۇلارنىڭ قىلغىنىنىڭ خاتالىقىنى، بۇنىڭ غەربتە قارشى ئېلىنمايدىغان بىر غەيرىي-ئەخلاقىي قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلىسەك، ئۇ ھالدا ئۇلارمۇ بۇ تەتقىقاتلاردىن ئۆزىنى تارتىدىغان بولىدۇ. چۈنكى خىتاي ئالىملىرىمۇ تەتقىقاتلىرىنىڭ غەرب دۇنياسىدا ئېتىراپ قىلىنىشىنى، نام-ئېتىۋار قازىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار غەربتە ئېتىراپ قىلىنسا، ئاندىن ئۇ خىتايدىمۇ كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالايدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىغا ئائىت تەتقىقاتلارنىڭ كەسپىي ئەخلاققا زىت ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغىيالىساق، بۇ خىتاي ئالىملارنى بۇ ساھەدە تەتقىق قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان ھالەتكە ئەكىلەلەيمىز. مانا بۇمۇ زۇلۇمنى ئازايتىشقا ئېلىپ بارىدىغان بىر سەۋەب.»
يۇقىرىدا پروفېسسور ئۇۋېس موراۋ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىشنىڭ يولى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. موراۋ ئەپەندىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى خەلقئارادىمۇ دىققەتكە ئېرىشكەن. ئۇ گېن تەتقىقاتىدىكى ئەخلاقىي ئۆلچەمنى تەشەببۇس قىلغان خىزمىتى سەۋەبىدىن 2023-يىلى 11-ئايدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىلمىي تەتقىقات مۇكاپاتى بولغان «ئېينىشتىيىن فوندى مۇكاپاتى» (Einstein Foundation Award) غا لايىق كۆرۈلگەن.
مەركىزى بېرلىنغا جايلاشقان بۇ فوندى جەمئىيەت تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان مۇكاپات ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى ئەڭ زور مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار 2023-يىللىق مۇكاپاتىنى پروفېسسور ئۇۋىس موراۋ ئەپەندىگە بېرىش ئارقىلىق، گېن تەتقىقاتلىرىدىكى كەسپىي ئەخلاق مەسىلىسىنى تەشەببۇس قىلغان. بىز ئۇۋىس موراۋ ئەپەندىنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەبرىكلەش ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئارقىلىق بۇ سۆھبىتىمىزنى ئاياغلاشتۇردۇق.