قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىتلەرنىڭ تىراژى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىغا قارىماي يەنە ئۆستى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، قازاقىستاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر تىلىدا كۆپلىگەن گېزىتلەر نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. بولۇپمۇ 90-يىللاردىن كېيىن، يەنى قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىتلەرنىڭ سانى يەنە ئۆسۈپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى يېپىلىپ كەتكەن بولسا، بەزىلىرى ئاھالىنىڭ، ھامىيلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا ئۆز پائالىيىتىنى داۋام قىلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستاندا جۇمھۇرىيەتلىك سىياسىي-ئىجتىمائىي گېزىت «ئۇيغۇر ئاۋازى» بىلەن جۇمھۇرىيەتلىك «ئاسىيا بۈگۈن» مۇستەقىل گېزىتلىرى نەشىر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى مۇشتەرى توپلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتماقتىكەن.

شۇلارنىڭ بىرى بولغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى قازاقىستاندا دۆلەت قارمىقىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت بولۇپ، 2019-يىلى ئۇنىڭ تارقىلىش تىراژىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە جاي-جايلاردا مەخسۇس مۇشتەرى توپلاش ئورۇنلىرى قۇرۇلغانىدى. بۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدىكى مۇھىم بىر يېڭىلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، يۇرت-جامائەتچىلىك، زىيالىيلار ۋە باشقىلار جەلىپ قىلىنغاندى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مۇشتەرى توپلاش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ، 600 گە يېقىن پىدائىي سەپەرۋەر قىلىندى. نەتىجىدە گېزىتنىڭ مۇشتەرىلەر سانى 16 مىڭدىن ئاشقان ئىدى.

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنياغا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مەملىكەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا، ئاھالىنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىگە قاتتىق تەسىر قىلغانكەن.

ئەنە شۇنداق بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئانا تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان گېزىتلىرىنىڭ تارقىلىش تىراژىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلدى؟ ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى بىرەر نەتىجە بەردىمۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى مەزكۇر گېزىتنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىك ئارىسىدا يۇقىرى ئابرۇي-ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەنلىكتىن، ئۇنىڭ مۇشتەرى توپلاش مەسىلىسىگىمۇ جىددىي قاراپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «2021-يىلغا مۇشتەرى توپلاش مەۋسۇمىمىز ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتتى دەپ ئىشەشلىك ئېيتالايمىز. بۇنىڭدا خادىملىرىمىز، جانكۆيەرلىرىمىز، ھامىيلىرىمىز ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقاردى. بۇ جەھەتتىن بولۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ پەخرى، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جانكۆيەرى كارلىن مەخپىروف رەھبەرلدىكىدىكى مۇشتەرى توپلاش ئىشتابىنىڭ ئەزالىرىغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگۈم كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ شىجائەتلىك ئەمگىكى نەتىجىسىدە بۇ يىلقى مۇشتەرىلەر سانى 16123 كىشىگە يەتتى. مەشتەرىلىرىمىز سانىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەبچى بولغان پانفىلوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىشىغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگىنىمىز كېلىدۇ.»

ئېرشات ئەسمەتوف شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىرىنىڭ خەلقىگىمۇ مىننەتلارلىق بىلدۈردى. ئۇ ئۆتكەن يىلى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكىدەك خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، تەشۋىقات-تەرغىبات ئىشلىرىنى جوشقۇن يۈرگۈزۈشكە مۇمكىن بولمىدى. سەۋەبى كارانتىن قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشقا توغرا كەلدى. خەلقنى بىر يەرگە توپلاش مۇمكىن بولمىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئىشىمىزنى توختاتمىدۇق. شتاب ئەزالىرى ھەر بىر يۇرتقا بېرىپ، تار دائىرىدىكى ئادەملەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلار بىلەن چۈشەندۈرۈش ئىشلىرىنى يۈرگۈزدى ھەم چوڭ-كىچىك يۇرتلارنى ئايلىنىپ چىقتى.»

بىز ئالمۇتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە ياشايدىغان پانفىلوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى رىزايدىن ئايسايېف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئىلگىرىكى «كوممۇنىزىم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش ئىشلىرىنىڭ ھەر يىللاردا ھەر خىل بولغانلىقىنى، ئەمما مۇشتەرى توپلاش شتابى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەھۋالنىڭ خېلى ياخشىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىلى ۋابا قىيىنچىلىقىغا قارىماي، ھەممە يەردە ئۆزۈم يىغىن ئۆتكۈزۈپ كەلدىم. بىر تال گېزىتىمىز بار. ھۆكۈمەتكە چوڭ رەھمەت. گېزىتىمىزنى چىقىرىۋاتىدۇ. مۇھەررىر ۋە مۇخبىرلارنى تۇتۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ماڭغۇزىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، زىيالىيلار، تەنھەرىكەتچىلەر، ئارتىسلاردىن خەۋەردار بولىمىز دەپ، خەلققە چۈشەندۈرۈپ كەلدۇق. شۇنداق دەپ، خەلققە چۈشەندۈرگەننىڭ ئارقىسىدا بۇ يىلى مۇشتەرى سانى 3951 گە يەتتى. بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئارتۇق. ھازىر رېسپۇبلىكا بويىچە پانفىلوف ناھىيەسى بىرىنچى ئورۇندا. بۇلتۇرمۇ بىرىنچى ئورۇندا بولغان. بىز گېزىت بولمىسا، تىلىمىز، تىلىمىز بولمىسا، مىللەت بولمايدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىمىز.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى قازاقىستاندا ئەڭ كۆپ تارقىتىلىدىغان بەش گېزىتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، «قازاق گېزىتلىرى» تەشكىلاتى ئىچىدە تارىلىش نىسبىتى بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا چىققانكەن.

بىز يەنە ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن 2006-يىلدىن تارتىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان «ئاسىيا بۈگۈن» جۇمھۇرىيەتلىك مۇستەقىل گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋانى زىيارەت قىلدۇق.

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قورام يېزىسىدا ياشايدىغان تاشگۈل ھېزىياروۋا خانىم مۇنداق دېدى: «كارانتىنغا قارىماي، گېزىتنىڭ مۇشتەرىلەر سانىنى كۆپەيتىشكە جانپىدالىق بىلەن ماڭغانلارغا گېزىتىمىز نامىدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈمىز. مەبلەغنىڭ كەمچىلىكى تەسىرىدىن ‹تەڭرىتاغ› تېلېۋىزىيە قانىلىنى ۋاقىتلىق يېپىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ‹ئاسىيا بۈگۈن› گېزىتىنىڭ تىراژى كۆپىيىپ، ئوقۇرمەنلەر قولىغا تەگمەكتە. ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە مەركەز يېنىدىكى خانىم-قىزلار رەئىسى روزا ئابۇباكرىيېۋانى شتاب باشلىقى قىلىپ، سايلىغان ئىدى. ئالمۇتا شەھىرىدە گېزىتنىڭ سانى ئىككى ھەسسە كۆپەيدى.»

تاشگۈل ھېزىياروۋا جاي-جايلاردىكى يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ، زىيالىيلارنىڭ، ھامىيلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ ئومۇمىي مۇشتەرىلەر سانىنىڭ ئىككى ھەسسىگە كۆپەيگەنلىكىنى، يەنى 7 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ھەر خىل يىللاردا ۋە ھەر خىل شارائىتلاردا قازاقىستاندا «ئانا مەكتەپ»، «يېڭى ئەۋلاد»، «مەرىپەت»، «خۇش كەيپىيات»، «سەنئەت» قاتارلىق گېزىتلەر نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئىقتىساد تاپچىللىقى تۈپەيلى ئۆز ئىشىنى توختاتقانكەن. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە ھەر خىل ئاماللارنى ئىزدەپ، پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتماقتىكەن.