مىساتو ئانا تىل مەكتىپىدە ئۇيغۇر غۇنچىلىرى چېچەك ئاچتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.01.14
Misato-ana-til-mektep.jpg ياپونىيەنىڭ مىساتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىساتو غۇنچىلار ئانا تىل سىنىپىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مەزكۇر مەكتەپنىڭ غۇنچىلىرى ئۇسۇل ئوينىماقتا. 2020-يىلى 12-يانۋار.
RFA/Gülchéhre

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئەڭ زور رىقابەتلەرنىڭ بىرى چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ ئۆسۈۋاتقان پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەشتۇر. بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان مائارىپچى ۋە زىيالىيلار، پىداكار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يېقىنقى يىللاردا مەيلى ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن ئۇيغۇرلار يىغىلغانلا دۆلەت ياكى شەھەرلەردە ئائىلىۋى ئانا-تىل مەكتەپلىرى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئانا تىل مەكتەپلىرى بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

ياپونىيەنىڭ مىساتو شەھىرىدە 2016-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان «غۇنچىلار» ئانا تىل سىنىپىمۇ، مىساتو شەھىرى ۋە توكيو ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق 7 ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدا تەربىيەلەش ئىستىكى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ھازىر 3 سىنىپلىق كىچىك كۆلەمدىكى ئۇنىۋېرسال مەكتەپكە تەرەققىي قىلغان. بۇ ئانا تىل مەكتىپىدە جەمئىي 12 ئائىلىدىن، 21 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۆز ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى قاتارلىقلاردىن ئەتراپلىق ساۋاق ئالماقتىكەن.

دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ شۇ جايدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قوللىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىداكارلىقى بىلەن پائالىيەت بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ياپونىيەنىڭ مىساتو شەھىرىدىكى بۇ ئانا تىل سىنىپى، قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەش يۈزىسىدىن 12-يانۋار كۈنى مەخسۇس خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

توكيو ۋە مىساتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋاكالىتەن ئابدۇكېرىم ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ، 12 ئائىلىنىڭ يىگىرمىگە يېقىن بالىلىرىنى ئانا تىل، مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە مىللىي كىملىكنى ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان بۇ ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئابدۇكېرىم ئەپەندى 3 يىلدىن بۇيان مەكتەپنىڭ تاشلانماي داۋام قىلىشى ۋە بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان مەسئۇلىيىتى ۋە تونۇشى ھەمدە قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى، ھەر بىر سائەتلىك دەرستە بالىلار بىلەن تەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، مەكتەپنىڭ نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ پائالىيەت شەكلىنى بالىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ماسلاشتۇرۇپ رەڭدارلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇكېرىم ئەپەندى ئانا تىل تەربىيەسىدە ئانا تىل مۇھىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا تىلى ۋە ساۋاتى چىققان ئۇيغۇر بالىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەمدىكى ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ھېسسىي ۋە مېھرى باغلىنىشىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك يوسۇندا ئانا تىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقى ۋە ئۇنى قوغداشقا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتۇپ كەلمەكتە.

ھەر جايدا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش يولىدا كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىنى نامايان قىلغۇچىلار يەنىلا بالىلاردۇر. 12-يانۋار مىساتودىكى «غۇنچىلار» ئانا تىل سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندىغان نومۇرلىرى، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى نامايان قىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن ئەنقەرنىڭ ئانا تىلىدا دېكلاماتسىيە قىلغان «ئۇيغۇر دېمەك» دېگەن شېئىرنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن تەڭ بەھر ئالايلى:

بالىلاردىن ئانا تىل سىنىپىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن ئاتا-ئانىلار تولىمۇ مەمنۇن بولۇشقان ۋە ئۇلار ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يەنە قانداق خىزمەتلەرنى قىلىش توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەن. ئابدۇكېرىم ئەپەندى يەنە ئانا تىل تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى تونۇشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە رەسمىي يوسۇندا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدىن مۇستەسنا قالدۇرۇلۇپ، تىلى ۋە مەدەنىيىتى چەكلىنىپ، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسەتلىرى سەۋەبلىك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان بىر ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ھەر تەرەپلىمە سەلبىي تەسىرلىرىنى كۆرسەتمەكتە. ئابدۇكېرىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا ھەتتا بۇ ياپونىيەدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئانا تىلىدا سۆزلىشىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرغان. شۇڭا ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۇچراۋاتقان بۇ رىقابەتلەرنى يېڭىشتا، پەقەت بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ساۋاتىنى چىقىرىشىنىلا مەقسەت قىلماي، ھەر قايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئارىسىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە باغلاش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دەرۋەقە نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئورتاق ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ھېچ بولمىغاندا ئىجتىمائىي ئالاقىسىدە، ئائىلىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىش ۋە ئۆگىنىش، ئىمكانىيەت بار جايلاردا ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئانا تىلىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.