قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى بولۇپ كېلىۋاتقان ھەمدە پۈتكۈل قازاقىستاننىڭ خەلقئارادىكى شەنىنى قوغداپ كېلىۋاتقان داڭلىق گىمناستىكىچى، گىمناستىكا بويىچە خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى نارىمان قۇربانوف 26-ئىيۇلدىن 11-ئاۋغۇستقىچە فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزىدىغان 33-نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە يوللانما ئالدى.
قازاقىستاندا چىقىدىغان «ئولىمپىك» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە قازاقىستان مەملىكىتى گىمناستىكا بويىچە ئولىمپىك ئويۇنلىرىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. خەۋەردە قازاقىستان خەلقىنىڭ گىمناستىكا ماھىرى نارىمان قۇربانوفنىڭ تەنھەرىكەتتە ئاز ئۇچرايدىغان ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە بۇ مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدال ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
مەزكۇر ماقالىدە دېيىلىشىچە، نارىمان قۇربانوف مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر ھەپتىدىن كېيىنلا گېرمانىيەنىڭ كوتبۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئاساسىي رىقابەتچىسى ئىئوردانىيەلىك ئەھمەد ئەبۇ-ئاستىن ئېشىپ كەتكەن. نارىمان قۇربانوف ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە تۆتىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ نۆۋەت دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە ھەل قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە نارىمان قۇربانوف دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن ھەم ئىككىنچى نومۇر بىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان سالاھىيەتكە ئېرىشكەن.

شۇنداق قىلىپ، ئومۇمەن ئىئوردانىيەلىك ئەھمەد ئەبۇ-ئاس 85، نارىمان قۇربانوف 70، تەيۋەنلىك لى چىكەي 63 نومۇرغا ئېرىشكەن.
بىز گىمناستىكا بويىچە قازاقىستان كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، گىمناستىكا بويىچە خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى نارىمان قۇربانوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ ۋاقتىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىگە قارىماي، بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «قاتارنىڭ دوھا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسى بۇ مەۋسۇمدىكى تۆتىنچى قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا مەن تۆتىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولساممۇ، لېكىن پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردۈم. ئومۇمەن مۇسابىقىلەر ياخشى ئۆتتى. ئۆز ئالدىمىزغا قويغان مەقسىتىمىزگە يەتتۇق. تۆت دۇنيا مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم بىرىنچى، ئىككى قېتىم تۆتىنچى ۋە بىر قېتىم بەشىنچى ئورۇننى ئىگىلىدىم. نەتىجىدە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئىگە بولدۇم. ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قاتنىشىدىغان سالاھىيەت پەقەت بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇنلارغىلا بېرىلدى. مۇسابىقىگە پۈتكۈل دۇنيادىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشتى. دېمەك، ھەر بىر مۇسابىقىگە 90 مەملىكەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلىرى قاتناشتى. مەن ئۇلارنىڭ كۈچىنى كۆرۈپ، ئەمدى ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا تەييارلىنىشقا كىرىشتىم. »
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن تىرېنېرى، نارىمان قۇربانوفنىڭ ئۇستازى مەخمۇت ئىسكەندەروف، شاگىرتىنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش يوللانمىسىنى ئۇتۇۋالغانلىقىنىڭ قازاقىستان دۆلىتى ۋە قازاقىستان تەنھەرىكىتى ئۈچۈن چوڭ غەلىبە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «نارىمان قۇربانوف ھازىر ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا مۇسابىقىسىگە تەييارلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئولىمپىك ئويۇنلىرى ئالدىدىكى يەنە بىر سىناق بولماقچى. نارىمان قائىدە بويىچە ئەڭ كۈچلۈك سەككىزنىڭ تەركىبىگە كىرىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، نارىمان ئۆزىنىڭ رىقابەتچىلىرىنى ياخشى بىلىدۇ، تونۇيدۇ. ئۇلارمۇ نارىماننى ياخشى بىلىدۇ. يەنە بىر مۇھىم نەرسە شۇكى، نارىمان قۇربانوف گىمناستىكا بويىچە خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ تىزىمىدا بىرىنچىلەردىن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نارىمانغا مەن چوڭ ئۇتۇق تىلەيمەن. »
مەخمۇت ئىسكەندەروف، گىمناستىكا بويىچە يەنە ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى ھەسەن سالىموف ۋە ئىلياس ئەزىزوفنىڭ ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە يېتىلىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشمەكتە. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ غالىبلىرى. شۇلارنىڭ بىرى بولغان نارىمان قۇربانوف ھازىرچە بۇ يىل پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن قازاقىستان بويىچىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچىمۇ بىردىنبىر ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسىدۇر.