ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» توغرىلىق سوفى رىچاردسون خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەت

0:00 / 0:00

16-ئاپرىل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» (Congressional Uyghur Caucus) نىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلانغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، تەتقىقاتچىلار، لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشقان. گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىنغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) مۇ قاتناشقان. سوفى رىچاردسون مەزكۇر يىغىندا تەبرىكلەش نۇتۇقى سۆزلەش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» نىڭ كەلگۈسى خىزمەتلىرى، پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى بەردى. رادىيومىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سوفى رىچاردسون خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سوفى رىچاردسون خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قانداق كونكرېت ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي تاشقى سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق تېمىلاردا توختالدى.

تۆۋەندە ئۆز مۇخبىرىمىز شەھرىزادنىڭ سوفى رىچاردسون خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

مۇخبىر: سوفى رىچاردسون خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قانداق كونكرېت ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالايدۇ، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارغا باغلانغان شىركەتلەر، سودىگەرلەر، ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ؟

سوفى رىچاردسون خانىم: مېنىڭچە، «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» دەرھال قىلالايدىغان ئۈچ ئىش بار. ئالدى بىلەن ئۇلار ئوچۇق دوكلات بېرىش يىغىنىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ مەسىلىگە چېتىشلىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىدىن پاناھلىق دېلولىرى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشى لازىم. مېنىڭچە، بۇ سىياسىي جەھەتتىن مۇرەككەپ بولغان بۇ بىر يىلدا بۇ مەسىلىنى ئەستە ساقلاشقا پايدىلىق. ئىككىنچىدىن، كېڭەش پالاتاسى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئوخشاش پىكىردىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ئامېرىكالىقلارغا ۋەكىللىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. چۈنكى بىلگىنىڭىزدەك، بۇ مەسىلە ھەم ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت مەسىلىسىدۇر. مېنىڭچە، بۇ مەسىلىدە ئىككى تەرەپكىلا تولۇق ۋەكىللىك قىلىش بەكمۇ مۇھىم. ئۈچىنچىدىن، «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» نىڭ يېتەكلىشى بىلەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە شېرىك بولغانلارنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش يوللىرى ھەققىدە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىشى كېرەك.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» ئامېرىكا-خىتاي تاشقى سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قانداق رول ئوينايدۇ؟

سوفى رىچاردسون خانىم: «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» نىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى كەسىپداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق. شۇنداقلا ئۇلار تاشقى سىياسەت ئورنىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىنى ئىگىلىدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا. مېنىڭچە، مۇشۇنداق ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇشى سەۋەبلىك، ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي ياردەم بېرەلەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خوڭكوڭ مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى مەسىلىسىدە دىيالوگلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلار يەنە باشقا دۆلەت مەجلىسى ئورگانلىرى، شۇنداقلا يېڭىدىن كەلگەن مەمۇرىي مەجلىسنىڭ يېڭى ئەزالىرىنىڭ ئىش كۈنتەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان ئۆزگىچە ئىقتىدارى بار. بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بىر رول. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەجرىبىلىك ئەزالىرى بولغاچقا، ئۇلار يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كۈنتەرتىپ بەلگىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقەتەن ماس كېلىدۇ.

مۇخبىر: زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

سوفى رىچاردسون خانىم: سىز بىلەن پاراڭلاشقىنىمدىن خۇرسەنمەن!