تۈركىيەدە ب د ت نىڭ ھىمايىسىدە تۇرۇۋاتقان يۈسۈپجان ئەمەت ئىستانبۇلدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن يۈسۈپجان ئەمەت 2-نويابىر ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مۇخبىرىمىز بۈگۈن يۈسۈپجان ئەمەت داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىپ، ئۇنى زىيارەت قىلدى. ھۇجۇمدا قولى ۋە دولىسىدىن ئوق يېگەن يۈسۈپجان ئەمەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇردىن دۈشمىنى يوقلۇقىنى، پەقەت ئۆزى ئىلگىرى خىزمەت قىلغان خىتاي تەرەپنىڭ سۈيقەستىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۈگۈن تۆركىيەدىكى دەمىرئۆرەن خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىستانبۇلنىڭ ئاۋچىلار مەھەللىسىدە 2-نويابىر كېچە سائەت 11 گە يېقىن خىتاي ۋەتەندىشى بولغان يۈسۈپجان ئەمەت ئىسىملىك بىر ئىشچى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا قولى ۋە دولىسىغا ئوق تەگكەن يۈسۈپجان ئىستانبۇلدىكى باقىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يۆتكەلگەن. بىز بۈگۈن مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىپ، يارىدار يۈسۈپجان ئەمەتنى زىيارەت قىلدۇق. يۈسۈپجاننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئاۋچىلار مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق دوستىنىڭ ئۆيىگە كېلىۋېتىپ، بىناغا يېقىنلاشقاندا گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئۇ دوستىنىڭ ئۆيىدە 1-2 سائەتچە ئولتۇرۇپ قايتقىنىدا، يەنى بىنا دەرۋازىسىدىن چىقىۋاتقىنىدا بايا ئۆزىگە ئەگەشكەن گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

دېمىرئۆرەن ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇماندار ۋەقە سادىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. ساقچىلار نۆۋەتتە گۇماندارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ۋە يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن دېلوغا چېتىشلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلماقتىكەن.

يۈسۈپجان ئەمەت ئۆتكەن يىلى «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسى ۋە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېغىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن پاكىستانغا چىقىرىلغانلىقىنى ۋە پاكىستانغا چىققاندىن كېيىن خىتايدىن ئاشكارا يۈز ئۆرۈپ تۈركىيەدىكى ب د ت ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۇ بىر مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ زوڭگۇلداق ۋىلايىتىدە پاناھلىنىپ تۇرغان، كېيىنچە ئىستانبۇلغا يۆتكىلىپ كېلىپ، بىر بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىركىتىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىكەن.