خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى ئاۋغۇستتا چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەت ۋە تەقىبلەشنى يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.
يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەر بىر ئامىلىنى كونترول قىلىدىغان «ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى» نى شەكىللەندۈردى.
2017-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى قوزغىدى، تۇتقۇندا ئۇيغۇر تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلار، زىيالىيلار، ئارتىسلار، سىياسىي ئەربابلار ۋە تىجارەت زەردارلار، دېھقان-چارۋىچى ۋە ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە ھەر ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا سولاندى. چەتئەللەردىكى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار نەتىجىسىدە، بۇ لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش ئاساسىي نىشان قىلىنغان ئورۇنلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنداق ھەرىكەتلەر لاگېر ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈرگۈزۈلدى.
چەتئەللەردىكى ئىلىم ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان ئالىملارمۇ بۇ ھەقتە بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق نىشان قىلغان بىر قېتىملىق «ئىرقىي تازىلاش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يەنە بىر قىسىم يېتىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى داررېن بايلېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى «قايتا ياساپ چىقىش قۇرۇلۇشى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ 2017-يىلىدا مۇشۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بىر تەھدىت، دەپ قارىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە دىنى سىياسەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قارىشىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈشىنى، ئەسىرلەردىن بېرى ئىشىنىپ كەلگەن ئىسلام دىنىنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلامنىڭ بارلىق ئىزلىرىنى يۇيۇۋېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قايتا ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ.»
بىز ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش سىياسەتلىرى شىددەت بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىغا 3 يىل تولغان مۇشۇ كۈنلەردە داررېن بايلېرنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى كۆز قارىشىنى سورىدۇق. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا بۇ ئۈچ يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئۆز ئەكسىنى تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا يۈز بەردى، دەپ قارايمەن. ئۆتكەن ئۈچ يىلدا دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نازارەت سىستېمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك توختاتتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىسىدىكىلەر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن كىشىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلىرى، خىتاي سىياسىي ئىدىيەسى ۋە خىتايچە مەدەنىيەت قىممەت قارىشىنى چۆرىدەشكە باشلىدى.»
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئۈچ يىلدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سالغان زىيىنىنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسەت ۋە مەدەنىيەت، مال-مۈلۈكلىرىنى يوق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تولۇق يوسۇنداق قۇللارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بالىلارنى خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەشنى، نوپۇسنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى،» دەپ ئەسكەرتتى.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر بىر قىسمىغىچە يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇ بىر ئۇيغۇر قانداق كىيىنىشى كېرەك، قانداق كۆرۈنۈشى كېرەك، ساقالنى قانداق قويۇشى كېرەك، قانداق ئىسىم قويۇشى ياكى كېرەك، دېگەنلەرگىچە يېتىپ بارغان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش ئۇرۇنۇشلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تېخى يېقىندا خوتەن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مائارىپ تارماقلىرى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەزكۇر ناھىيەنىڭ يەسلىلىرىدىكى 4-5 ياشلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھەپتە ئىچىدە ئائىلىسىگە قايتمايدىغانلىقى، ھەپتە ئىچىدە قونۇپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ئۇقتۇرۇش ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سېلىپ، ئۈندىداردىكى ئالاقىدار توپلاردا مۇنازىرە قوزغىغان. ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىدىن ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇر نوپۇسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئۆزىنى قاتتىق قايغۇغا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دەررىن بايلېرمۇ بىزگە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭغا قارشى خەلقئارا جامائەتنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك، دېدى.
ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن: «مۇستەقىل ۋە ھەرقانداق ھۆكۈمەتلەرگە تەۋە بولمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك خىزمىتى نەتىجىسىدە ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكادىكى كىشىلەر ئۇيغۇر كرىزىسىدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە خەۋەردار بولدى. قايتا تەربىيەلەش سىستېمىسىدىن ئىلگىرى غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئەمما بۇ يەنىلا رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنى توختىتىشقا يېتەرلىك بولمىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئىقتىسادىي كۈچىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، خىتايغا تايىنىدىغان خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە دۆلەتلەرگە داۋاملىق زور بېسىم قىلماقتا. ئەگەر يەر شارىدا دېموكراتىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور بىر ئۆزگىرىش ياسالمىغان تەقدىردە ۋە شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تېگىشلىك ئادالەتكە ئېرىشىشى قىيىنغا توختايدۇ، دەپ قارايمەن.»
ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورتاق پوزىتسىيە كۆرسىتىشى ۋە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00