دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان «خىتايدىكى ياۋۇزلۇقلارغا قارشى تۇرايلى: ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۆھرانغا دۇنيانىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدۇر. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى 6-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمى د ئۇ ق نىڭ ھەر قېتىمقى پائالىيەتلىرىدەك ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مارشى» دىن باشلاندى. مارش مۇزىكىسى قويۇلغاندا زالدىكى ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى يۈرەكلىرىگە باسقان ھالدا مارشقا ھۆرمەت بىلدۈردى. يىغىن سەھنىسىگە يانداشتۇرۇپ ئېسىلغان ئامېرىكا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايراقلىرى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ تىكلەنگەن د ئۇ ق نىڭ خاس بەلگىسى يىغىننىڭ ھەيۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئالدى بىلەن سەھنىگە چىقىپ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق ساھەلەردە تارىختىكى ئەڭ ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ، بىر زور تېراگىدىيەنىڭ ھىدى مەلۇم بولۇۋاتقان ئەھۋالدا دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى لازىملىقىنى، غەرب دۇنياسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇملارغا جاۋابكار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» بويىچە جازالىشى لازىملىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا قادىر بولالمىغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھېچبولمىغاندا خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىققا خاتىمە بېرىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا سىياسىي قاتلىمىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مېھمانلارنى بىر-بىرلەپ سەھنىگە تەكلىپ قىلدى. ئالدى بىلەن سۆز ئالغانلارنىڭ بىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى راندال شرايۋېر بولدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنى بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئاۋۋالقى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغان ھالدا ھازىرقى زۇلۇمنىڭ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى، ھازىر ئۈچ مىليون ئادەمنى لاگېرغا قاماشتەك قەبىھلىكنىڭ تېخىچە كۆپ قىسىم كىشىلەرگە «نامەلۇم» ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەچ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە داۋاملىق ھەققانىيەتنى ياقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسلام ئېتىقادىغا باغلىغان ھالدا باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھازىر لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ دەل مۇشۇ خىل باستۇرۇشنىڭ قۇربانلىقى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەت تارىخىدا ھېچقاچان غەلىبە قازىنىشقا قادىر بولالمىغان بىر ھادىسە بىلەن ھەپىلىشىۋاتىدۇ: ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادنى يوق قىلماقچى بولۇشى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام خىيال» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ماۋ زېدوڭ، ستالىن قاتارلىق دىكتاتورلارنىڭ دىننى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەنلىكىنى، ياۋروپادىكى سابىق كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى لاگېرلار ئارقىلىق ئۇرۇنۇشى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ئۆز سۆزىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇشلارنى ئۇنىڭ ھازىرقى كۆلىمى، خاراكتېرى ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تەسىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قىلچە ئىككىلەنمەستىن «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان بولسا بۇ ھادىسىلەرگە باشقا نۇقتىدىنمۇ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىپ «ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسى يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلغاندا پۈتۈن دۇنيا ئۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغانلىقتىن باشقىلارنىڭ بۇ ئىشلارغا قول تىققۇدەك چولىسى يوق ئىدى. ھالبۇكى ھازىر ئۇرۇش ۋاقتى ئەمەس، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خۇددى يەھۇدىلارغا ئوخشاش لاگېرلارغا قامىلىۋاتقاندا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشىغا ھېچقانداق باھانە يوق» دېدى.
بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم ئۆزىنىڭ تەبرىك سۆزىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيونىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن تەبرىك ۋىدىيوسى بىلەن بىرلىكتە يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى. بۇ تەبرىكلەردە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى ئېيتىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكىلىق ۋە باشقا چەتئەللىك مېھمانلارغا ئۇيغۇرچە بادام دوپپىلار كىيدۈرۈلدى ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر داۋاسىنى ھەققانىي دەۋا سۈپىتىدە قوللاپ كەلگەنلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەشەككۈرى ئىپادىلەندى. ئۇيغۇرچە دوپپىلار بۇ سىياسىيونلارنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلگەندە زالدىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
يىغىندا ئامېرىكا سىياسىي قاتلىمىدىكى شەخسلەردىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرىن، ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نورمان بېيكېر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى ئەلىس ۋېللىس قاتارلىق كۆپلىگەن شەخسلەرمۇ سۆزگە چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى ھەقلىق داۋا، دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان بۇ داۋانى قولىدىن كېلىشىچە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن ئاخىرىدا بىز د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قانداق زۆرۈرىيەتلەر سەۋەبىدىن ئېچىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق رېئاللىقنىڭ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا پروگراممىسى قاتارلىق ئورۇنلار قوشۇمچە ساھىبخانىلىق قىلدى. يىغىننىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرى بۈگۈن ۋە ئەتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بىز داۋاملىق بۇ توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىمىز. دىققىتىڭلار بىزدە بولسۇن!
0:00 / 0:00