روشەن ئابباس: «ئۇيغۇر قىرغىنچىقىنى توختاتمىساڭلار، نۆۋەت سىلەرگە كېلىدۇ»

0:00 / 0:00

تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيۈنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم 2-ئاينىڭ 21-كۈنى تەيۋەن پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىنغا 6 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلغان. روشەن ئابباس خانىم، تەيۋەن چوقۇم دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئويغىتىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختاتمىسا، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئەتە تەيۋەنلىكلەرنىڭ بېشىغىمۇ كېلىشى مۇمكىن، دەپ تەكىتلىگەن.

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيۈ ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پارلامېنتىمىز ئۆتكەن يىلى 27-دېكابىر كۈنى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلدى. تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى، دوكلات بېرىش يىغىنلىرى چاقىرىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز يەنە ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار جېلىلوۋانى تەكلىپ قىلىپ، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بىز تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغاندەك بەزى قانۇنلارنى چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىتىۋاتىمىز.»

تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزگە چىققانلار. 2023-يىلى 21-فېۋرال.
تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزگە چىققانلار. 2023-يىلى 21-فېۋرال. (RFA/Erkin Tarim)

ئارقىدىن روشەن ئابباس خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن:

«بۈگۈن ئۇيغۇرلار دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچار بولماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالىلىرى چۈشۈرۈلمەكتە، ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىنماقتا. ئۇلار خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. بۇلاردىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ، يېتىمخانىلارغا سولىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قاماش ئارقىلىق جازالىماقتا.»

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس(سولدىن ئۈچىنچى) خانىم تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن. 2023-يىلى 21-فېۋرال.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس(سولدىن ئۈچىنچى) خانىم تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن. 2023-يىلى 21-فېۋرال. (RFA/Erkin Tarim)

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شياۋيەن ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا، ‹ئەگەر تەيۋەننى خىتايغا قوشۇۋالساق، تەيۋەندە تەربىيەلەش مەركىزى قۇرىمىز› دېگەن. خىتاي دۆلىتى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ دۈشمىنى، ئەگەر تەيۋەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قوزغىمىسا، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر كۈنلەر ئەتە تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ بېشىغا كېلىشى مۇمكىن. بىز تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن بىزنى قوللىشىنى، بىز بىلەن ھەمكارلىشىشىنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى بېرىپ ئوقۇتۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابلېكىم ئىدرىس قاتارلىق كىشىلەرمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار سۆزىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ دۇنيادا پەيدا قىلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي خەۋپلىرى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزىتىشكە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان.