ئولگا: «ناتسىستلار ۋە كوممۇنىستلارنىڭ دەردىنى تارتمىغانلار، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى چۈشىنەلمەيدۇ»

0:00 / 0:00

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى 13-مارتتىن 17-مارتقىچە گىرېتسىيە پايتەختى ئافىنا ۋە چېخىيە پايتەختى پراگادا زىيارەتتە بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن.

ئۇلار 16-مارت چېخىيە پايتەختى پراگاغا يېتىپ كېلىپ، چېخىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئولگا رىچتېروۋا خانىم بىلەن ئۇچۇراشقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە خەۋىرى بولغان مەزكۇر ئولگا خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چېخىيە ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، مەتبۇئاتلارغا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە: «مەيلى فىرانسىيە، مەيلى ئەنگلىيە ياكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن، بىزدەك ناتسىستلارنىڭ ۋە كوممۇنىستلارنىڭ دەردىنى تارتىپ باقمىغانلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى دەردىنى چۈشىنەلمەيدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھېكىم ئىدرىزس چېخىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن، يەنى 13-مارتتىن 16-مارتقىچە 3 كۈن گىرېتسىيەدە بولۇپ، گىرېتسىيە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشقان شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا لېكسىيە سۆزلىگەن. ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى بۇ دۆلەتتە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاتقۇچىلاردىن بولۇپ قالغانىدى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ئامېرىكانىڭ گىرېتسىيەدىكى باش ئەلچىسى جورجى تىنۇسىس ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 13-مارت.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ئامېرىكانىڭ گىرېتسىيەدىكى باش ئەلچىسى جورجى تىنۇسىس ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 13-مارت. (RFA/Ekrem)

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 14-مارت گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك باش مەسلىھەتچىسى دوكتۇر تھانوس دوكوس بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنارلىق ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىپ: «گىرېتسىيە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاپىرىدە بولغان بىر تۇپراق. بۇنداق بىر ياۋروپا دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە كۆز يۇمۇۋېلىشى، ھەتتا ب د ت دىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز بېرىش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشلاردا ھەق تەرەپتە تۇرۇشنى خالىماي، بىتەرەپ بولۇۋېلىشىنىڭ گىرېتسىيەدەك بىر دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا ياراشمايدىغان قىلىق» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

روشەن ئابباس، ئابدۇلھېكىم ئىدرىسلار 14-مارت گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى گىرېتسىيە دۆلىتىنىڭ خەلقئارادا نۆۋەتتە بىتەرەپلىك ۋە مۇۋازىنەت سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما گىرېتسىيەنىڭ سىياسىتىدىمۇ تەدرىجىي بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇلار مىسال سۈپىتىدە، بۇندىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى گىرېتسىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى مەيداندا بولۇشىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىراق رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، گىرېتسىيەنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزىدىغان ۋەزىيەتكە كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، گىرېتسىيەنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىتىدىمۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. روشەن ئابباسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى خادىملار: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى بىزنىڭ رۇسىيەگە بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتتى. ئەمما خىتايغا بولغان قارىشىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن بىزنىڭ يەنە بىر ئۇرۇشقا ئېھتىياجىمىز يوق» دېگەن.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى چېخىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مارېك ھىلسېر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 13-مارت.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى چېخىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مارېك ھىلسېر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 13-مارت. (RFA/Ekrem)

ئۇلار يەنە ئامېرىكانىڭ گىرېتسىيەدىكى باش ئەلچىسى جورجى تىنۇسىس ئەپەندى بىلەن 13-مارت كۈنى ئۇچۇرىشىش ئېلىپ بېرىلغان. ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ باش ئەلچىنىڭ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتىن ياخشى خەۋىرى باركەن. ئۇلار سۆھبەت جەريانىدا، بۇندىن كېيىن گىرېتسىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىش مۈمكىنلىكى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقان. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ھېسسىياتىنى ئىپادە قىلغان جورجى تىنۇسىس ئەپەندى سۆزىدە، ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا بىلەن قىممەت قاراشلىرى ئوخشاش دۆلەتلەرنى قوزغاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئوخشاش قاراشتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىنى گىرېتسىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرىمىز» دېگەن.

روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھېكىم ئىدرىسلار 16-17-مارت كۈنلىرى يەنە چېخىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مارېك ھىلسېر، پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىرى ئوبېرفالسېر قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن. چېخىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاندرېي كلىمېس ئەپەندىمۇ روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھېكىم ئىدرىسلارنىڭ پراگادىكى پائالىيەتلىرىگە ھەمراھ بولغان.

ئۇيغۇرچە بىلىدىغان ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بۇ كىشى بىزنىڭ چېخىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىلىش ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە «چېخىيەلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ياخشىراق بىلىدۇ. ئەمما يېتەرلىك ئەمەس. چېخىيە خەلقىگە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ كۆپ ئاڭلىتىش كېرەك» دېدى.