غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۇشەن ئابباسنىڭ ب د ت دا قىلغان سۆزلىرىنى قىزىق تېما سۈپىتىدە تارقاتماقتا.
بىر ھەپتىدىن بۇيان جەنۋەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركىزى ۋاشىڭتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۇشەن ئابباس خانىم ئالدىنقى كۈنى ب د ت دا جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭ دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولۇپلا قالماي، بىرقىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. بولۇپمۇ فرانسىيەدىكى بەزى مۇھىم ئاخبارات قاناللىرى ئۆز سەھىپىلىرىدە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
فرانسىيەنىڭ دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك جىددىي مەسىلىلەرنى ئاساسلىق خەۋەر قىلىپ تارقىتىدىغان «فرانسىيە 24» ناملىق خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قانىلى 7-ئاپرىل كۈنى ئۆز سەھىپىلىرىدە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى: ب د ت نىڭ خىتايغا تۇتقان پاسسىپ پوزىتسىيەسى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە رۇشەن ئابباسنىڭ ب د ت قىلغان سۆزلىرىدىكى بەزى كەسكىن ئىبارىلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت دىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالە «داڭلىق بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇپ قىلىشتا ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. ب د ت نى ئاللىبۇرۇن ھازىرلاپ بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇزۇن سەھىپىلىك دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان. ئاندىن رۇشەن ئابباسنىڭ «مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندىم، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە بىتەرەپلىك دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس،» دېگەن ئىبارىسىنى تەكلىتلىگەن.
ماقالىنىڭ «ئۇ نېمىنى ساقلاۋاتىدۇ؟» ناملىق بۆلۈكىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا پۈتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى خىتاينىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبلىك ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلالمىغانلىقى، بۇنىڭغا بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى ئىزاھلانغان بولۇپ، رۇشەن ئابباسنىڭ «بۇ دوكلات مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىدىنمۇ مۇھىم، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا دائىر نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلار بار. ئۇنىڭ زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زور دەرىجىدە زىيانلىق، چۈنكى خىتاي يالغان سەھنە ياساپ ئۇنى ئالدايدۇ، ئۆز تەشۋىقاتلىرىغا دەسمايە قىلىۋالىدۇ،» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بىز رۇشەن ئابباسنىڭ بۇ ھەقتە زادى نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش ئىستىگىدە جەنۋەگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ ب د ت دا بەرگەن دوكلاتىدىكى 3 مۇھىم مەزمۇننىڭ غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ 3 مۇھىم مەزمۇننىڭ بىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھازىرلانغان دوكلاتنى ئېلان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن مىشېل باچېلېتنى ئەيىبلىگەنلىكى ئىكەن.
رۇشەن خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ھازىرلاپ بولغان شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىم. ب د ت نىڭ بۇ ئىشتا ئىنتايىن پاسسىپلىق قىلغانلىقى، ئادىل بولالمىغانلىقى، خىتايدىن قورۇققانلىقى ۋە ب د ت نىڭ پىرىنسىپلىرىنى خىتاينىڭ ئالدىدا قوغداپ قالالمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ھېچ ئىش قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچېلېتنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىم.»
رۇشەن ئابباس خانىم نۇتۇقىدا يەنە مىشېل باچېلېتنى 5-ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مىشېل باچېلېتنى 5-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىش خامخىيالىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلدىم. چۈنكى جازا لاگېرلىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مىليونلىغان ئادەم قامالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستاننى شەرتسىز زىيارەت قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، بارغان تەقدىردىمۇ خىتاينىڭ يالغان سەھنە ھازىرلاپ ئۇنى ئالدايدىغانلىقى، بۇنداق ئالدامچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئەھۋال ئاستىدا مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زور دەرىجىدە زىيانلىق بولىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىم ۋە خىتاينىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە ئۇسسۇل ئوينىماي، دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەكىتلىگەنلىكىم.»
رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ ب د ت دىكى نۇتۇقىدا دىققەتنى چەككەن يەنە بىر سۆزى، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكىينىڭ «ئەگەر ب د ت رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى توسۇپ قالالمىسا، بۇنداق بىر ئورگاننى تارقىتىۋېتىش كېرەك» دېگەن سۆزىنى قوللىغانلىقى بولغان. بۇ ھەقتە رۇشەن ئابباس خانىم مۇنداق دەيدۇ:
ئۇكرائىنا پىرىزدېنتى زېلېنىسكىينىڭ «ئەگەر ب د ت رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى توسۇپ قالالمىسا، بۇنداق بىر ئورگاننى تارقىتىۋېتىش كېرەك» دېگەن سۆزىنى قوللىغانلىقىم، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى قۇرۇلغان 6 يىلدىن بۇيان مىليونلارچە ئۇيغۇر تۈرمىلەرگە، لاگېرلارغا بەنت قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ب د ت نىڭ بۇنىڭغا قارشى داۋاملىق پاسسىپ پوزىتسىيەدە تۇرغانلىقى، خىتايدىن قورۇققانلى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش جەھەتتە قولىدىن پوق كەلمىگەنلىكىنى، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىنى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى چەكلىيەلمەيدىغان بۇنداق بىر ئورگاننىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى، دېگەنلىكىم. بۇ سۆزلىرىم ياۋروپادىكى بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىپتۇ.»
ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېلھىدا ئىنگىلىز تىلىدا نەشىردىن چىقىدىغان «پرىنت» ناملىق تور گېزىتى 8-ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلغان «نوبېل مۇكاپاتى نامزاتى رۇشەن ئابباس ب د ت نى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى توسۇشقا چاقىردى» ناملىق خەۋىرىدىمۇ يوقۇرىقى مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدىن سىرت، رۇشەن ئابباسنىڭ «خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۇرۇشى، ئەمەلىيەتتە ئاياللارغا قارشى ئۇرۇشتۇر، بالىلارغا قارشى ئۇرۇشتۇر، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە قارشى ئۇرۇشتۇر. بۇ ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئەمما دۇنيا يەنىلا سۈكۈت ئىچىدە تۇرماقتا!» دېگەن سۆزلىرى يەر ئالغان.