ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى جەنۋەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.04.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى جەنۋەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئامېرىكانىڭ جەنۋەدىكى ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 8-ئاپرېل.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئىككىيلەن شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولغان. ئۇلار ئامېرىكانىڭ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئامېرىكانىڭ باش ئەلچىسى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا ئونغا يېقىن دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دىپلوماتلىرى ئىشتىراك قىلغان.

4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسى ۋە تەدبىرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇنىڭدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە نېمەلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەلەپلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، يىغىن ئەھلى بىزدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سوئاللار سورىدى، بىز تەپسىلىي جاۋاب بەردۇق. بولۇپمۇ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ ئورنىغا ما شىڭرۇي كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق.»

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى مۇھىم دىپلوماتلار ئىشتىراك قىلغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا يەنە بەزى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ سۆز بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسارلىقى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك دوكلاتنى تېخىچە ئېلان قىلمىغان، ئەمما ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا 9 قېتىم دوكلات ئېلان قىلغان ئىكەن. ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردىن 3 مىليوندىن كۆپ كىشىنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان، ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي توغرىسىدا ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ تېخىغىچە ئېلان قىلىنمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىمىزنى تەكىتلىدۇق.»

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى 8-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىندىن سىرت، شىۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋە شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، بۇندىن كېيىن قانداق ھەمكارلىشىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى گەرچە ھازىر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىشى، دۇنيانىڭ قىزىق نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جەنۋەدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە گوللاندىيە، بېلگىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە تۈركىيە ۋە چېخىيە قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق دۆلەتتە بۇ خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق پائالىيەت ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.