روشەن ئابباس: «بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى چىقمىغانلارنىڭ بېشىغا ئەتە بۇ پاجىئە كېلىشى مۇمكىن»

0:00 / 0:00

28-ئاپرېل كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم تېننىس شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «2022-يىللىق مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشى» مۇھاكىمە يىغىنىدا «يوشۇرۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

نۇتۇق باشلىنىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مۇھىم مەلۇماتلار ۋە قىزىق نۇقتىلار ئېكراندا كۆرسىتىلگەن. ئاندىن رىياسەتچى روشەن ئابباس خانىمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىنكى كۈرەش ھاياتى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان پىداكارلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

روشەن ئابباس خانىمغا بېرىلگەن ۋاقىت پەقەت 9 مىنۇت بولۇپ، ئۇ سۆزگە چىقىپ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ توققۇز مىنۇتتا نېمىلەرنى دېيەلەيمەن؟ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان 1949-يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بۇ باستۇرۇش سىياسىتى بۈگۈن سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەن بۇ يەردە يىغىۋېلىش لاگېرى، زامانىۋى قۇللۇق، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، ئاياللارنىڭ بەدىنىگە ئۇلارنىڭ تۇغۇشىنى چەكلەش ئەسۋابى ئورنىتىش قاتارلىقلارنى دەيمۇ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى دەللاللىق قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىق، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن تارتىۋېلىش، جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈش، ئىچكى ئورگانلارنى ئوغرىلاپ سېتىش قاتارلىقلارنى دەيمۇ؟ مانا بۇلار نەق ئىرقىي قىرغىنچىلىق.».

روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، 1950-يىللاردا «مىللەتچى»، 1960-يىللاردىن كېيىن «ئەكسىلئىنقىلابچى»، 1970-، ۋە 1980-يىللاردا «بۆلگۈنچى»، 2001-يىل «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن «تېررورچى» قالپىقىنى كىيدۈرۈپ زور كۆلەمدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچلۈك تەقىب ۋە نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

«سىلەر بەلكىم جورج ئورۋېلنىڭ ‹1984› ناملىق رومانىنى ئوقۇغانسىلەر. ئۇنىڭدىكى ئىشلار بۈگۈن نەق رېئاللىقتا يۈز بېرىۋاتىدۇ ۋە تېخىمۇ يامانلىشىۋاتىدۇ. ساقچى دۆلىتىگە ئايلانغان خىتاي ھازىر ھەممە يەرگە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، ھەر بىر ئائىلە ۋە بۇلۇڭ-پۇشقاققا تەسۋىرىي كود ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى ئورنىتىپ بولدى. 3 مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇر بۈگۈن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىرەر جىنايەت بىلەن سوتلانغان ئەمەس. مەن بۈگۈن ئەتىگەن بىر ئۇچۇرنى كۆردۈم، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە تېننىس شتاتىنىڭ نوپۇسى ئالتە-يەتتە مىليون ئەتراپىدا ئىكەن؛ ئويلاپ بېقىڭلار، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار بۇ نوپۇسنىڭ يېرىمىچىلىك بار دېگەن گەپ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىلار، ئاكا-سىڭىللار، ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورلىرى، زىيالىيلار، داڭلىق سودىگەرلەر ۋە ناخشا چولپانلىرى. خىتاي سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئەينى چاغدا شۇنداق دېگەن: بىز بۇ لاگېر ئارقىلىق ئۇيغۇر دېگەننى ئائىلىسىدىن ئايرىپ تاشلايمىز، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلايمىز، ئۆزئارا ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلايمىز، نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىئومېترىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىدى، بىز دەسلەپتە بۇنىڭ نېمە مەقسەتتە قىلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمىدۇق، خىتاي بەلكىم ئۇيغۇرلارنى قىرىدىغان بىئولوگىيەلىك قورال ياسىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدۇق. ئەمما بۈگۈن بىلدۇقكى، خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكى ئەزا تەمىنلەيدىغان مال مەنبەسى قىلماقتا».

روشەن ئابباس خانىم يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1 مىليون 100 مىڭ خىتاي ئەرنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يېتىپ قوپۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئويلاپ بېقىڭلار، ئۆيىڭىزدىكى ئەرنى خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەكېتىپ سولاپ قويىدۇ، سىز خىتاي ئەر بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشقا، بىر كارىۋاتتا يېتىشقا مەجبۇر بولىسىز، جىنسىي خورلۇقلارغا ئۇچرايسىز. ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بالا چۈشۈرۈشكە ۋە بالا تۇغماسلىققا مەجبۇرلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى تەنقىدلەرگە ئۇچرىغاندا خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسى تىۋىتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەمدى بالا تۇغۇش ماشىنىسى بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئاياللىرىمىزنى ئاشكارا ھاقارەتلىدى.»

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى زامانىۋى قۇللۇق ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان نايكى، ئادىداس، پۇما قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىن، ئەخلاق، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان رەزىل ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە كىشىلىك ئىززىتىگە قىلىنغان تاجاۋۇز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلىق غۇرۇرنى قەدىرلەيدىغان، ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادىنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەر بۈگۈن چوقۇم بۇ قورقۇنچلۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى چىقىشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقىمىزنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپى شۇكى، ئۇ كىشىلەرگە نېمىگە ئېتىقاد قىلىش ۋە قانداق ئېتىقاد قىلىشنى تاللاش ھوقۇقى بېرىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭ بۇ زامانىۋى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپەقىيىتى، شۇنداقلا ئەركىنلىك ۋە ۋىجدان ھۆرلۈكى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ھازىر خەتەرگە ئۇچراۋاتقىنى كەلگۈسىمىزلا ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك. ئەگەر بىز بۈگۈن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقان زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىنى توختاتمىساق، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلارمۇ بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەگە دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا بىز بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك.»

روشەن ئابباس 9 مىنۇتلۇق سۆزىنى تۈگىتىپ سەھنىدىن قايتىۋاتقاندا، رىياسەتچى ئۇنىڭ يەنە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بەردى، روشەن ئابباس خانىم بۇ پۇرسەتتە ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ھازىرغىچە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قۇربان بېرىشى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ بۇ سەھنىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھەدىسىنىڭ بەلكىم زامانىۋى قۇل سۈپىتىدە ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولۇپ تۇرۇپ مەنپەئەت ئېلىۋاتقان شىركەتلەردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزۈپ تۇرۇپمۇ ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىمىدى. چۈنكى سودا-مەنپەئەت خىرسى ۋە تەھدىتلەر دىپلوماتىيەگە توسقۇنلۇق قىلدى. خىتاي ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بەرگەن پۇلى بىلەن دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى زورايتماقتا. خىتاينىڭ پۇلى ۋە كۈچى مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى. ئەمما ئۇلار شۇنى ھېس قىلمىدىكى، بۈگۈن ئۇلارنىڭ ۋاز كېچىۋاتقىنى پەقەت پىكىر ئەركىنلىكىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى، ئامېرىكادىكى ئەركىنلىكى، دۇنيادىكى ئەركىنلىكى ھەم دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت».

ئىگىلىشىمىزچە، «مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشى» مۇھاكىمە يىغىنى 2007-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم پائالىيەت بولۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەلىرىدىكى خرىستىئان ئېتىقادچىلىرى بىر يەرگە توپلىنىپ، بۇ دۇنيانى تەڭرىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئادالىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرۇلۇق مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ يىل تېننىس شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى 500 كىشى نەق مەيداندا ئاڭلىغان، 25 مىڭ كىشى توردا كۆرگەن.