ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى (URM) تەتقىقات گۇرۇپپىسى 11-سېنتەبىر كۈنى «ئەگەر ھۆكۈمەت سىزنى ‹بارىسەن› دېسە، سىز چوقۇم بېرىشىڭىز كېرەك-ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئارقىسىدىكى ئورگانلار» سەرلەۋھىلىك يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر دوكلات «ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك»، ۋە «ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇرۇلمىسى» دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. بىرىنچى قىسمىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ قەيەردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئىككىنچى قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق شەكىلدە ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقى ئىسخېمىلاشتۇرۇلغان شەكىلدە تەپىلسىي بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2016-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا دۆلەت تەرىپىدىن بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش يۇقىرى سۈرئەتتە داۋام قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى، خۇسۇسىي ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش 14 مىليون 330 مىڭغا يەتكەن. 2022-يىلى يەنە 3 مىليون 330 مىڭدىن كۆپ ئادەم قېتىم يۆتكەش ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى (URM) گۇرۇپپىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، تۈركىيەدىكى ياش ئۇيغۇر زىيالىي يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر دوكلات ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل سىياسىي ناملار ئاستىدا مەجبۇرى يۆتكەپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىش پىروگراممىسىغا قاتنىشىشىنى خالىمىسا قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ سىياسەتتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبنى ھەققىدە توختالدى.
ئەنگىلىيەدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېننىدى تەتقىقات مەركىزى پروفېسسورى لاۋرا مۇرفىي خانىم مەزكۇر دوكلات ھەققىدە رادىيومىزغا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا ئەڭ كۆرۈنەرلىك نۇقتا شۇكى، دوكلاتقا قارىغاندا ئۇيغۇر رايونى ھۆكۈمىتى تېخى يېقىنقى ۋاقىتقىچە ئۇيغۇر رايونىدا 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ دوكلات بىزگە بۇ مەجبۇرى ئەمگەك پىروگراممىسنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بىر پىروگرام ئىكەنلىكىنى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك مەجبۇرى ئەمگەك ئاخىرلاشقان بولماستىن ئەكسىچە كۆلەم ۋە دائىرە جەھەتتىن تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقنى كۆرسەتكەن.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشمىز كېرەك. بەلكىم بەزىلەر مەلۇم شارائىت ئاستىدا بەزى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى خالاپ زاۋۇتتا ئىشلەشكە بېرىشى مۇمكىن، دېيىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇيغۇر رايونىدىكى نۆۋەتتىكى زاۋۇتلاردا ئىشلىتىشنىڭ ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىشلىتىشتۇر. دېمەكچىمەنكى ئۇيغۇر رايونىدا ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ زاۋۇتقا بېرىش تەلىپىنى رەت قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ بىر ‹سىستېمىلاشقان مەجبۇرى ئەمگەك› ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك.»
رادىيومىز تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇندا دەلىللەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «ۋەنخې» كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ مارالبېشىدىكى كىيىم تىكىش فابرىكاسىدا كۆپىنچىسى قىزلاردىن تەشكىللەنگەن 100 ئەتراپىدا ئىشچى بىرقانچە يىلدىن بېرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇپ، تەۋەلىكتىكى كەنت مەسئۇلى ۋە مەزكۇر فابرىكانىڭ ئامانلىق خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە ئۇلارنىڭ ئىشتىن ۋاز كېچىشىگە، ھەتتا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.
يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى ئەپەندى ئاخىردا مەكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەتقىقاتچىلارنى ئەڭ يېڭى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك بولغان، ئەمما دىققەت قىلىنمىغان ئورۇنلارغا نىسبەتەن «تولۇقلاش» ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى.