ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت ئالىي سۇپىسى ھازىرلاشقا تەييارلىق قىلماقتا

0:00 / 0:00

فىرانسىيەدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى خىزمەت دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىش پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پارىژدا بىر مەخسۇس ئورۇننى ئىجارىگە ئېلىپ، تۇنجى قېتىم ياۋروپادا ئۇيغۇر ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت ئالىي سۇپىسى ھازىرلاشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، 2019-يىل 1-دېكابىر كۈنى رەسمىي ھالدا توردا پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردا ئىئانە چاقىرىقى باشلىغان ئىدى. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنى بىر ئورۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا مەزكۇر ئىنستىتۇتنى ۋىدىيولۇق قوللاش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ۋە ئىئانە توپلاش داۋام قىلماقتا.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئون يىلدىن بېرى فىرانسىيەدە ئوغۇز ئۇيۇشمىسى نامىدا يۈزگە يېقىن پىدائىيلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ بۇنىڭدىن كېيىن، بىر ئىنستىتۇت نامىدا پارىژدا بىر مەخسۇس ئورۇننى ئىجارىگە ئېلىپ، تۇنجى قېتىم ياۋروپادا ئۇيغۇر ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت ئالىي سۇپىسى ھازىرلىماقچى ئىكەن. ئىنستىتۇت ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۆلمەسلىكى، داۋاملىق راۋاجلىنىشى ۋە ياۋروپادا گۈللىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى غايە قىلغان بولۇپ، ئىنستىتۇتنىڭ قۇرغۇچىسى، بىريۇسسېل شەرقشۇناسلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاشتىلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن تەتقىقاتقا قاتنىشىۋاتقان دىلنۇر رەيھان خانىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللىغان چاقىرىقىدا، ئۆزلىرىنىڭ مۇقىم ئورۇنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن بۇ ئورۇندىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا ھەرخىل دەرسخانىلىرى، ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايراملىرى، كۇتۇپخانا، نەشرىيات ۋە چايخانىلارنى تەسىس قىلىشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغۇچىلار ۋە قوللىغۇچىلاردىن باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارمۇ قىزغىن ئاۋاز قوشۇۋاتقان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسونمۇ ئۆز نامىدىن ۋىدىيولۇق قوللاش ئەۋەتكەن.

بىز دىلنۇر خانىمنى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئالدىمىزدا ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەتلىرى ۋە ئىنستىتۇت دۇچ كەلگەن رىقابەتلەر ھەققىدە زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، پارىژدا بىر مەخسۇس ئورۇننى تېپىشتىن ئىبارەت رېئال بىر مەسىلىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ كېيىنكى پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دىلنۇر خانىم يەنە ئىنستىتۇتنىڭ تاپاۋەت قىلمايدىغان بىر مەدەنىيەت ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان دەرس سۆزلەش، ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش، كۇتۇپخانا، نەشرىيات ئورنىنى قۇرۇش قاتارلىق پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مۇقىم ئورۇنغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار بۇ ئىجارىگە ئالغان ئورۇندا يەنە چايخانا تەسىس قىلىش ئارقىلىق ھېچقانداق ئىقتىسادىي كاپالەت يوق ھالەتتە ئۆزىنىڭ چىقىمىنى چايخانا كىرىمى ئارقىلىق تەمىن ئېتىشتەك پىلاننىمۇ تۈزگەن.

دىلنۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى نۆۋەتتە كېلەر ھەپتە بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلاپ پارىژدا «ئۇيغۇر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى «ئۇيغۇر كېچىسى» پائالىيىتىنى 15-دېكابىر ئاخشام، پارىژدىكى 850 كىشىلىك «مەرمەر» تىياتىر زالىدا، فىرانسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى، «ئاممىۋى مەيدان» پارتىيەسى رەئىسى گافائەل گلۈكىسماننىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا فىرانسىيەنىڭ داڭلىق ئارتىسلىرى، سىياسەتچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان، مەزكۇر كېچىلىكنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى فىرانسىيەلىكلەرنى ئۇيغۇر تراگېدىيەسى ھەققىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇۋاتقان بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ۋانېسسا خانىم، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ كېڭەيتىلگەندىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنستىتۇتتا نۆۋەتتە 10 غا يېقىن پىدائىي تەتقىقاتچى پروفېسسورلار خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسى يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۈچ قاتىدىغانلىقىغا ئىشەنچى كامىل ئىكەن. بۇ ئىنستىتۇتى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ساقلىشى ھەم راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى فىرانسۇزلارغا ۋە باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.