ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 19-يانۋار كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو رەسمىي ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىدى. ئۇ باياناتىدا «بۈگۈن مەن ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى باشقا ئاز سانلىق قازاق ۋە قىرغىز مۇسۇلمانلىرىغا ئېرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتتىم. بۇ بايانات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ بۇ قاباھەت ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈشىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىنىڭ نەتىجىسى،» دېدى.
ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەن ئاخىرقى كۈنىدە بۇنداق زور بىر قارارنى ئېلان قىلىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان تەتقىقاتچىلارنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىنى خۇرسەن قىلدى. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولغانلىقىدىن، زۇلۇمنىڭ خاراكتېرى نېمە بولسا ئۇنى ئەينەن قوبۇل قىلغانلىقىدىن سۆيۈندى.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكانىڭ قارارىنى قارشى ئالدى. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى رەسمىي بېكىتىلدى، خىتاي جىنايەتچى بولدى. بۇ خەلقئارادا ئابروي قازىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتايغا ۋە ئۇنىڭ چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسىغا بېرىلگەن زور زەربە،» دېدى.
بىز يەنە ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگانلىرىدىن بولغان «راند تەتقىقات مەركىزى» نىڭ سىياسەت تەتقىقاتچىسى دوكتور سىكوت خېرولدنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ قارارنىڭ خىتاي ئىچىدە زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ زور ئۈمىد بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ قارار دەماللىققا ياكى يېقىن كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش پەيدا قىلالماسلىقى مۇمكىن. بىراق بۇ دۇنيانىڭ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەك.»
سىكوت خېرولد يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ باستۇرۇش قوراللىرى بولغان چىراي پەرقلەندۈرۈش سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىلىرىدىن تارتىپ ‹خۇاۋېي› نىڭ 5G تورى ۋە ئۈسكۈنىلىرىگە ئورنىتىلغان ‹ئۇيغۇرلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش› تېخنىكىلىرىغىچە، ‹HikVision› نىڭ كۆزىتىش ئاپاراتلىرىدىن ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىغىچە ھەممىسى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئېكسپورتلىرى بېكىتىپ چىقىلدى ۋە ئۇلار چەكلەندى ۋە بۇ داۋاملىق شىۇنداق بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرمە-سانائەت رايونلىرىغا يۆتكەش ئاز بولسىمۇ ئاستىلىدى، دەپ قارايمەن».
سىكوت خېرولد ئەپەندى يەنە بۇ قارارنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇلارنىڭ پاناھلىنىش ئىشلىرىنىڭ قولايلىشىشى، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەسلىكىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ داۋاسىنىڭ دىققەتكە ئېرىشكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تامغىسىنى بېسىشىنىڭ رىيال ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بىرىنچىدىن، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىگە ئوخشاش ئورۇنلارغا ئەرز قىلىش، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇپ ھەرىكەت تەلەپ قىلىش، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئالدىغا باشقا يەنە نۇرغۇن كونكىرېت جازا تەدبىرلىرىنى قويۇش، يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا يول ئېچىشتەك ئەمەلىي پايدىلىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
19-يانۋار قارار ئېلان قىلىنغان كۈنى يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «ۋال-سترىت ژورنىلى» دا مەخسۇس بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ يازغان ماقالىسىدە بارلىق دۆلەتلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەقەت شۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچىلىرى كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ئۇقۇملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىق. شىنجاڭدىن كەلگەن قايغۇلۇق يىغا-زارىلەردىن ئامېرىكا ناتسىستلار گېرمانىيەسى، رىۋاندا، بوسنىيە ۋە دارفۇردىن كەلگەن نالە-پەريادلارنى ئاڭلىدى. بىز بۇ نالە-پەريادلارغا قۇلاق سالغان بارلىق دۆلەتلەرنى مۇشۇ چاقىرىققىمۇ ئاۋاز قوشۇشقا جۈملىدىن ئەسىرىمىزنىڭ دېغى بولغان-خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز.»