ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 19-يانۋار كۈنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چىقارغان قارارى» ناملىق بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى رەسمى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مەزكۇر باياناتتا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «ئىتتىپاقداش ئارمىيە ناتسىستلار جازا لاگېرلىرىنىڭ دەھشەتلىرىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ‹ھەرگىزمۇ قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن شۇئار مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ ئاشۇ دەھشەتلەرگە قارشى ئورتاق ئاۋازىغا ئايلانغان ئىدى. كۈنىمىزدىكى ۋەھشىيلىكلەر بىز ئۆتمۈشتە كۆرگەنگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، ۋەھشىيىلىكلەرنىڭ ماھىيىتى ھەرگىزمۇ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. شۇڭا مەن بۈگۈن تۆۋەندىكى قارارلارنى چىقاردىم:
بىرىنچىدىن، 2017-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ مەۋجۇت پاكىتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە كونتىروللۇقىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان توپلۇقلارغا قارىتا ئىنسانىيەكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. بۇ جىنايەتلەر ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ جىنايەتلەردىن مۇنۇلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ: بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى خالىغانچە قاماپ قويۇش؛ جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش؛ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش؛ قىين-قىستاققا ئېلىش؛ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش؛ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە ئىغىر چەكلىمە قويۇش. نۇرېمبېرگ سوتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش› جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتقان ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش جىنايەت بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تەكشۈرۈشىمىزگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز خىتاي كوممۇنىست پارتىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق يوقىتىشىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. دۇنيادا ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، ئۆزىنى دۇنيانىڭ يېتەكچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە، خەلقئارا سىستېمىدا ئۆز ئوبرازىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئاجىز ئېتنىك مىللەتلەرنى ۋە دىنى توپلۇقلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.»
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قارار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇزۇندىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئىلىپ بىرىلغان نوپۇس چەكلەش، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئاشكارىلىغان نوپۇسنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ۋە يىرىم مىلىيونغا يېقىن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانسدىن ئايرىۋېتىلىشى ھەققىدىكى ئىسپاتلار بۈگۈنكى قارارنىڭ ئېلىنىشىغا سەۋەپ بولدى.»
نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە بۇ قارارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قەدەم-باسقۇچلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدىغان بىر قارار باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ قارارنىڭ سىياسىي، قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي رولى ناھايىتى چوڭ.»
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىش، ئاتالمىش «تەربىيەلەش» لاگېرلىرى، تۇتۇپ تۇرۇش لئورۇنلىرى، ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى. مەجبۇرىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئېلىپ كېتىش قاتارلىق مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك نوپۇس كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى توختىتىش؛ لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى بارلىق قىيناش ۋە خورلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛ ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي توپلۇق ئەزالىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە خاتىمە بېرىش؛ ئۇيغۇر ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتلەرگە ساياھەت قىلىش ۋە كۆچمەن بولۇش ئەركىنلىكى بېرىش تەلەپ قېلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› نى توختىتىش ئۈچۈن بېسىلغان ئەمەلى بىر قەدەم.»
باياناتنىڭ ئاخىرىدا مايىك پومپېيو مۇنۇلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى: «ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ يالغان تەشۋىقات ئارقىلىق پاكىتلارنى يوشۇرۇش تاكتىكىسىنى ئېچىپ تاشلاشتا كۆپ كۈچ چىقاردى. بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزگەن ۋەھشىيلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مەدەنىيەتلىك كىشىلەرگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز سۈكۈت قىلمايمىز. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلسا، ئۇ ھالدا سىز خىتاينىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئەركىن ياشاۋاتقانلارغا نېمىلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.»
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ سىياسى بىر قارا بولۇپ قالماستىن بەلكى قانۇنى قارار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
گەرچە ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ بۇ قارارنى چىقارغان دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ پات يېقىندا بۇنىڭغا ئەگىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ھېچكىم يېپىۋالالمايدۇ. دۇنيا ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قويمايدۇ.»