غەربتىكى 4 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارلىرىنىڭ تەسىرى قانچىلىك بولىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن باشلانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش، خورلاش، سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئائىلىلىرىنى پارچىلاش، ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ، نۇپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق ئىغىر باستۇرۇشلىرى 22-ئاپرىل ئەنگلىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىندى.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا پارلامېنتى ۋە گوللاندىيە پارلامېنىتىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان تۆتىنچى دۆلەت ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل 19-يانۋار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكادىن كېيىن 22-فېۋرال كانادا پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتاسى سۇنغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن كانادا پارلامېنتى دۇنيادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان تۇنجى پارلامېنت، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ بۇ ھەركىتىنى ئامېرىكادىن كېيىن رەسمى «ئىرقىي قىرغىچىلىق» دەپ تونۇغان ئىككىنچى بىر غەرب دۆلەت ئاپپاراتى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئارقىدىن گوللاندىيە پارلامېنتى 25-فېۋرال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان بولۇپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ياۋروپادىكى تۇنجى پارلامېنت بولغان ئىدى.

بىز غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئىتىراپ قىلىشى ۋە بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بېسىلىدىغان قەدەملەر ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم ۋە گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.