مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى ۋە بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-03
Share
مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى ۋە بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر ئەنگلىيەدىكى نيو-كاسل ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانلىقىدا 1-سېنتەبىردىن باشلاپ چاقىرىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 3-كۈنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 11-سېنتەبىر.
Social Media

ئەنگلىيەدىكى نيو-كاسل ( «يېڭى قەلئە» ) ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانلىقىدا 1-سېنتەبىردىن باشلاپ چاقىرىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كېيىنكى مۇھاكىمە باسقۇچلىرىدا ئالىملار ۋە مۇتەخەسىسسلەر نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئومۇمى يۈزلىنىشى ھەمدە خەلقئارانىڭ بۇ تارىخىي ھادىسىگە قارشى نېمىلەرنى قىلالىشى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلىشتىكى يېتەكچى نەزەرىيىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان رەسمىي ھۆججەتلەردىن نەقىل ئالغان ھالدا ئۇلارنىڭ «تېرورچىلارنىڭ نەسەبىنى قىرقىپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش» دېگەن بىر مۇھىم يېتەكچى ئىدىيىسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ كەڭ دەرىجىدە تەدبىقلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورلۇق» بىلەن باغلاۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بارلىق شەيئىلەر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان تېرورلۇق بىلەن خەلقئارادىكى تېرورلۇق تەبىرى ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرق مەۋجۇت ئىكەن. ئەمما «نەسەبىنى ۋە يىلتىزىنى قىرقىش» ھەققىدىكى بۇ كۆرسەتمە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانىنى سۈنئى ئۇسۇلدا كېمەيتىش ۋە تۇغۇت نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنز يىغىن ئەھلىگە جانلىق بايان قىلىپ بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى كۆپىيىشتىن چەكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىغا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىجرا قىلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى زور ساندا يۆتكەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر نوپۇسىنى كۆپىيىشتىن چەكلەپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاسمىلاتسىيە نىشانىغا يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئەھۋال مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلسا 2040-يىلىغا بارغىچە بولغان كەلگۈسى 20 يىلدا ئاز دېگەندىمۇ تۆت مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كېمىيىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا سۆز ئالغان «ئ‍ۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ خادىمى ئېلىس ئاندېرسون ۋە چېخ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۆندرې كلىمىش (ئۆتكۈر) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يوشۇرۇنغان مەقسەدلەر ھەمدە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى ھەققىدە سۆز قىلدى. بولۇپمۇ جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۆلەتنىڭ دۈشمىنى دەپ قاراپ تۇرۇپ نۆۋەتتىكى «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» شەكلىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنى كۈنىدىكى يەنە بىر مۇھىم تېما ئۆتكەنكى مەزگىللەردە كۆرۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەلىرىدىن ئېلىنغان ساۋاقلار بولدى. بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆرۈلگەن يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي شوئار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ يەنىلا بىر قاتار قىرغىنچىلىق ھادىسىلىرىنىڭ بوسنىيە، بېرما قاتارلىق جايلاردا كۆرۈلگەنلىكى، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىققا كەلگەنلىكى، شۇنداق تۇرۇقلۇق خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقانلىقى يىغىن ئەھلىنى قىزغىن بىر مەيدان مۇنازىرىگە باشلاپ كىردى. ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن نۇسرەت غەنى ۋە ستېفان كىننوك، ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم تۇگېندات قاتارلىقلار بۇ مەسىلە ھەققىدە ئالاھىدە پىكىر قىلىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا تونۇشتۇرۇلۇش ئەھۋالىدىن مەلۇماتلار بەردى. شۇنداقلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ بۇ خىل ئاشكارا قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇشىغا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چەكلەش ئۈچۈن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى ئالالىشى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاللىقاچان كوللىكتىپ شەكىل ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەككە تەرەققى قىلىپ بولغانلىقىدەك رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەرقايسى ئالىملار ۋە مۇتەخەسىسلەر ئوخشىمىغان ساھەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە ئ‍ۆزىگە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شاففىيلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋرا مۇرفىي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ھەرقايسى دۇنياۋى شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇقلۇق داۋاملىق ھالدا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تەمىنات زەنجىرى بىلەن سودا قىلىش قىلمىشىنى چەكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رەيچىل خاررىس خانىم بولسا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى «مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى» نىڭ بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنى چەكلەشتە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى. ساسسېكس ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جېيمىس مەكمۇرراي بولسا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا ئۆزىگە تېگىشلىك رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرىشى ھەمدە ئادالەتنى ھېمايە قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ كۈنكى يەنە بىر مۇھىم تېما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئارا سوتقا ئېلىپ چىقىش ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش مەسىلىسى بولدى. لوندوندىكى خەلقئاارالىق ئادۋۇكاتلاردىن رودنېي دىكسون ۋە نيو يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتۇنىڭ پروفېسسورى جېيمىس گولدستون بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا قانۇن سىستېمىسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى چەكلەشتىكى بىر قىسىم تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى.

يىغىننىڭ ئاخىرقى مۇھاكىمە باسقۇچلىرىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ۋە «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن بولغان قانۇنىي تاللاش چارىلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. يىغىننىڭ يېپىلىش نۇتقى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «قىرغىنچىلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دىرك موسېس تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «قىرغىنچىلىق دىپلوماتىيەسى» ھەققىدىكى نۇتقىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدە پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشلەر، شۇنىڭدەك خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى مەركەز قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەر سىستىمىلىق ھالدا رەتلەپ چىقىلغاندىن كېيىن ھەرقايسى ساھەدىكى ئالىملارنىڭ بايانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە يوللاپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭ تەسىرىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت